قۇمۇل ياپمىسى
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1. مۋاپىق مىقداردا ئۇن تەييارلىۋالمىز، تەييارلىۋالغان ئۇنغا بىرتال تۇخۇمنى چىقىپ، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سىلىپ پېتىر قىلىپ يۇغۇرىمىز.
2. قوي گۆشىنى مۇۋاپىق چوڭلۇقتا چاناپ تەييارلاپ قويىمىز ھەم قىزىل سەۋزە، ياڭيۇ، باش پىياز، پەمىدۇر، توغراپ تەييارلىۋالىمىز.
3. قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سوغۇق سۇ قۇيۇپ تەييارلانغان قوي گۆشىنى، باش پىيازنى سېلىپ قاينىتىپ پىشۇرىمىز.
4. گۆش ئازراق پىشقاندا شورپا ئۈستىدىكى كۆپۈكنى ئېلىۋىتىپ، مۇۋاپىق مىقتاردا شورپا قالدۇرۇپ قۇيۇپ تەييارلانغان قىزىل سەۋزىنى سېلىپ 5 مىنۇتتىن كېيىن، توغرالغان ياڭيۇ، پەمىدۇر قاتارلىق ماتېرىياللارنى سېلىپ دۈملەپ قويىمىز.
5. تەييارلانغان پىتىر خېمىرنى بىردىن-بىردىن زۇۋۇل قىلىپ يېيىتىپ، قىچا مېيىنى ئۈستىگە تەكشى سۈركەپ، دۈملەنگەن گۆشنىڭ ھەم ماتېرىيالنىڭ ئۈستىگە قويىمىز،
6. ئارقىدىكى يېيىتىلغان خېمىرنىمۇ ئوخشاشلا قىچا مېيى سۈركەپ، ئۈستىگە يىيىتىپ قويساق بولىدۇ، ھورنىڭ چىقىشىغا ئاسان بولۇش ئۈچۈن، يېيىتىلغان خېمىرغا چوكا سانجىپ قويىمىز.
7. خېمىر يېيىتىپ بولۇپ 10 مىنۇت دۈملىسەكلا تاماق پىشىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.