جۇڭگو پىئونېرلار ئاۋانگارت ئەترىتى

پىئونېرلار ئەترىتى

جۇڭگو پىئونېرلار ئاۋانگارت ئەترىتى قىسقارتىپ «پىئونېرلار ئەترىتى» دېيىلىدۇ، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى رەھبەرلىكىدىكى ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار تەشكىلاتىدۇر.


ئۇيغۇرچە نامى جۇڭگو پىئونېرلار ئاۋانگارت ئەترىتى
قىسقاتىلغان نامى پىئونېرلار ئەترىتى
قۇرغۇچىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى
خەنزۇچە نامى 中国少年先锋队
قۇرۇلغان ۋاقتى 1949-يىل 10-ئاينىڭ 13-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پىئونېرلار ئەترىتىجۇڭگو پىئونېرلار ئاۋانگارت ئەترىتى قىسقارتىپ «پىئونېرلار ئەترىتى» دېيىلىدۇ، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى رەھبەرلىكىدىكى ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار تەشكىلاتىدۇر. ئومۇمەن، يەتتە ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار جۇڭگو پىئونېرلار ئەترىتىگە كىرىشنى خالىسا ھەمدە ئەترەت نىزامنامىسىگە رىئايە قىلسا، ئوتتۇرا ئەترەت كومىتېتىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، تەستىق ئارقىلىق ئەترەت ئەزاسى بولسا بولىدۇ.

پىئونېرلار ئەترىتىيېڭى دېموكراتىك ئىنقلاب مەزگىلىدىلا ئىنقىلابىي بازىلاردا ئەمگەكچى بالىلار ئىتتىپاقى، كوممۇنىستىك بالىلار ئىتتىپاقى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بالىلار ئىتتىپاقى، پىئونېرلار ئەترىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار كەينى-كەينىدىن قۇرۇلغانىدى. 1949-يىل 10-ئاينىڭ 13-كۈنى مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار تەشكىلاتى − جۇڭگو ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار ئەترىتى قۇرۇلدى. 1950-يىلى جۇڭگو ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار ئەترىتىنىڭ بايرىقى، شېئىرى، ئەترەت قائىدىسى، ئەترەت ئەزالىرى بەلگىسى، ئەترەت باشلىقلىرىنىڭ دەرىجە بەلگىسى، ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ئەترەتكە كىرىش قەسەم سۆزى، ئەترەت ئەزالىرىنىڭ شوئارى ۋە ئەترەتكە كىرىش مۇراسىمى قاتارلىقلار ئېلان قىلىندى. 1953-يىلى8-ئايدا ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار ئەترىتىنىڭ نامىنى جۇڭگو پىئونېرلار ئاۋانگارت ئەترىتىگە ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى. 

پىئونېرلار ئەترىتىپىئونېرلار ئەترىتى تەشكىلاتىدا چوڭ ئەترەت، ئوتتۇرا ئەترەت ۋە كىچىك ئەترەت بولىدۇ. ئەترەت بايرىقى بەش يۇلتۇز ئۈستىگە مەشئەل قوشۇلغان قىزىل بايراقتۇر. ئۇنىڭ ئىستىلى سەمىمىي، باتۇر، جانلىق ۋە ئىتتىپاق بولۇشتىن ئىبارەت.

پىئونېرلار ئەترىتىپىئونېرلار ئەترىتى كوممۇنىزمنى ئۆگىنىش مەكتىپى، شۇنداقلا سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزم قۇرۇش زاپاس ئەترىتىدۇر. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئۆسمۈرلەر-بالىلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە تەربىيىلەپ، پارتىيىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ياخشى ئۆگىنىپ، كۈنسېرى ئىلگىرىلەپ، ۋەتەننى، خەلقنى، ئەمگەكنى، ئىلىم-پەننى، جامائەت مال-مۈلكىنى سۆيۈپ، بەدەن چېنىقتۇرۇپ، ئىقتىدار يېتىلدۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئېھتىياجلىق بولغان لاياقەتلىك ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ يېتىلىشكە تىرىشىپ، كوممۇنىزم ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرىدىن بولۇشتىن ئىبارەت.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#