بۈگۈنكى كۈندە سۈركىلىشتىن ئىسسىقلىق پەيدا بولىدىغانلىقى ئاددىي ساۋاتقا ئايلاندى. بىراق، 100 نەچچە يىل ئىلگىرى، مۇئەييەن سۈركىلىش (ئىش) نىڭ قانچىلىك ئىسسىقلىققا ئايلىنىدىغانلىقى ئىلىم-پەندىكى قىيىن تېما ئىدى. بۇ تېمىنى ئەڭ بۇرۇن ئەنگلىيەلىك فىزىك جوئۇل  (1818-1889) ھەل قىلغان، كېيىنكىلەر ئىش بىلەن ئېنېرگىيەنىڭ بىرلىكىنى «جوئۇل» دەپ ئاتىغان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى جوئۇل
باشقا نامى 焦耳
يۇرتى مانچېستېر
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1889-يىل10-ئاينىڭ 11-كۈنى
خەنزۇچە ئىسمى 詹姆斯·普雷斯科特·焦耳
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1818-يىل 12-ئاينىڭ 24-كۈنى
كەسپى ئىلىم - پەن ، فىزىكا ئالىمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەنگلىيىلىك فىزىك جوئۇل  (1818-1889) نىڭ  ئاتىسى ھاراق ئېچىتىش ئۇستىسى ئىدى، جوئۇل ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىدىلا ئاتىسىنىڭ ھاراقنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى، تېمپېراتۇرىسى، قويۇقلۇقىنى تەكرار-تەكرار ئۆلچەۋاتقانلىقىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىپ، ئىشنى چوقۇم ئەستايىدىل قىلىش كېرەكلىكىنى بىلگەن. جوئۇل چوڭ بولغاندىن كېيىن، تارازا، سائەت، تېرمومېتىر، گالۋانومېتىر قاتارلىقلار بىلەن بىر ئۆمۈر ھەپىلەشكەن.

جوئۇل ئىلگىرى توك ئۆتۈۋاتقان قارشىلىق سىمىنى سۇغا سېلىپ، توك پەيدا قىلغان ئىسسىقلىق توك كۈچىنىڭ كۋادراتىغا ئوڭ تاناسىپ، ئۆتكۈزگۈچنىڭ قارشىلىقى بىلەن ئوڭ تاناسىپ، توك ئۆتكەن ۋاقىت بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. جوئۇل بۇ قانۇنىيەتنى بايقىغىنىدا  23 ياشتىلا ئىدى. جوئۇلنىڭ بۇ تەجرىبە نەتىجىلىرى روسىيىلىك فىزىك لېنتسنىڭكى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا دېگۈدەك بايقالغان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى جوئۇل-لېنتس قانۇنى دەپ ئاتىغان. بۇ بايقاش ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى، خىمىيىۋى ئېنېرگىيە، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنىڭ تەڭ قىممەتلىكلىكىنى ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن ئاساس سالغان، ئېنېرگىيەنىڭ ساقلىنىش قانۇنىنىڭ قوۋۇقىنى ئاچقان. 

جوئۇل مۇشۇ بايقاش ئاساسىدا تۈرلۈك ھەرىكەت شەكىللىرى ئارىسىدىكى ئېنېرگىيەنىڭ ساقلىنىش ۋە ئايلىنىش مۇناسىۋىتى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدەنگەن. 1843-يىلى، ئۇ «ئېلېكتر ماگنىتنىڭ ئىسسىقلىق ئېففېكتى ۋە ئىسسىقلىق ئىشىنىڭ قىممىتى توغرىسىدا» دېگەن ئىلمىي ماقالىنى يېزىپ، «تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئېنېرگىيەنى يوقاتقىلى بولمايدۇ، مېخانىك ئېنېرگىيە سەرپ بولسا، ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئىسسىقلىق پەيدا بولىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. جوئۇل بۇ يەردە ئېنېرگىيىنىڭ ساقلىنىش ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغان. بىراق، ئەينى چاغدا، كۆپ ساندىكى فىزىكا نوپۇزلۇقلىرى ئۇنىڭ نۇقتىئىنەزەرلىرىگە گۇمانلانغان، ھەتتا قارشى تۇرغان. يەتتە يىلدىن كېيىن بۇ خىل ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلىغان. 1850 -يىلى، جوئۇل ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى گە «ئىسسىقلىقنىڭ مېخانىكىلىق ئېكۋىۋالېنتى توغرىسىدا» دېگەن ئىلمىي ماقالىنى تاپشۇرۇپ، 1 كىلو كالورىيە ئىسسىقلىق  9.423 كىلوگرام شالنى پىششىقلاشقا كەتكەن مېخانىكىلىق ئىشقا باراۋەر دېگەن ئەڭ يېقىندىكى ئۆلچەش نەتىجىسىنى دوكلات قىلغان، بۇ ھازىر ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىنغان ئىسسىقلىق ئىش ئېكۋىۋالېنتىدىن %0.7 لا كىچىك، ئەينى چاغدىكى تەجرىبە شارائىتىدا بۇنداق نەتىجىنى ئىنتايىن ئىنچىكە بولدى دېيىشكە بولىدۇ.

جوئۇل 38 يىل ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىنى مۇقىملاشتۇرغىچىلىك 400 نەچچە قېتىمدىن ئارتۇق تەجرىبە ئىشلەپ، ئېنېرگىيەنىڭ ساقلىنىش ۋە ئايلىنىش قانۇنىنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان. كىشىلەر بۇ ئەستايىدىل ئالىمنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئىش ۋە ئېنېرگىيىنىڭ بىرلىكىنى «جوئۇل» قىلىپ بېكىتكەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#