كۆكتوقاي 3-نومۇرلۇق خاڭ
كۆكتوقاي 3-نومۇرلۇق خاڭ-شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسى نىڭ شىمالىغا 50 كىلومېتىر كېلىدىغان كۆكتوقاي بازىرى غا جايلاشقان بولۇپ، «گېئولوگىيە-قېزىلما بايلىق مۇزېيى» دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ھەم دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى گېئولوگىيە مۇتەخەسىسلىرىنىڭ قەلبىدە «مەككە» ھېساپلىنىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كۆكتوقاي 3-نومۇرلۇق خاڭ-شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسى نىڭ شىمالىغا 50 كىلومېتىر كېلىدىغان كۆكتوقاي بازىرى غا جايلاشقان بولۇپ، «گېئولوگىيە-قېزىلما بايلىق مۇزېيى» دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ھەم دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى گېئولوگىيە مۇتەخەسىسلىرىنىڭ قەلبىدە «مەككە» ھېساپلىنىدۇ. شىنجاڭ دىكى جۇڭغار ئويمانلىقى نىڭ شەرقىي گىرۋىكىگە، ئالتاي تاغ تىزمىسى شەرقىي ئۇچىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، ئېرتىش دەرياسى نىڭ مەنبەسىگە يۇشۇرۇنۇپ تۇرغان جاي-كۆكتوقاي 3-نومۇرلۇق خاڭ.
كۆكتوقاي 3-نومۇرلۇق خاڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خاڭ بولۇپ، چوڭقۇرلۇقى 200 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 250 مېتىر، كەڭلىكى 240 مېتىر كېلىدۇ، يان تەرەپ دىۋارىغىچە بولغان ئايلانما تاغ يولى بۇرمىسىمان كېلىدۇ. ھازىر دۇنيادا مەلۇم بولغان 140تىن كۆپ خىل رۇدىلار ئىچىدە، 86 خىل رۇدا بار، بۇنىڭ ئىچىدە بېرىللىي بايلىقىنىڭ مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، سېزىي، لىتىي، تانتال بايلىقىنىڭ مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەملىكەت بويىچە 5-، 6-، 9-ئورۇندا تۇرىدۇ. كان خىلى كۆپ، سۈپىتى يۇقىرى، زاپىسى مول، قاتلىمى ئېنىق، ئېچىش كۆلىمى چوڭ، دۆلەت ئىچىدە ۋە دۇنيادا كەم ئۇچىرايدۇ، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق كانادا بېرنىك كۆل كېنى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدۇ، يەر شارىنىڭ گېئولوگىيىلىك ساھەسى ئورتاق ئېتىراپ قىلغان «تەبىئىي گېئولوگىيە مۇزېيى» دەپ ئاتالغان. ئازگال ئىچىدە 76 خىل كان بار.
1930-يىلى كۆكتوقاي كان رايونىنى بايقىغان بولۇپ، شۇ چاغدا ئاران شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر3- نومۇرلۇق كان ياتمىسىنىڭ باش قىسىمىنى قىسمەن قېزىش ئېلىپ بارغان، بۇنى ئۈنچە-مەرۋايىت بىلەن زىننەتلەنگەن ماتېرىيالغا ئىشلەتكەن. 1935-يىلى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى گېئولوگىيە ئەترىتى ئالتايغا كەلگەن. كان ئىزدەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، كەڭ دېھقان-چارۋىچىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئالتاي تېغى رايونىغا يىغقان. ئۇلاركۆپ خىل رەڭلىك ۋە ئاز ئۇچرايدىغان مېتال، مىنېرال ماددا ئەۋرىشكىسىنى يىغقان ۋە گېئولوگىيە ئەترىتىگە تاپشۇرغان، گېئولوگىيە ئەترىتى سۈپىتىگە قاراپ سېتىۋالغان. گېئولوگىيە خادىملىرى تۇنجى قېتىم ئالتاي ۋىلايىتى دە گېئولوگىيە خەرىتىسى ئۈستىگە بەلگە قىلىپ، مىنېراللىشىش نوقتىسىدىن سەككىزنى تەسىس قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە كۆكتوقاي ناھىيەسى دىكى كۆكتوقاي كان ياتمىسى سەككىز جايدىكى كاننىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ۋە پە -تېخنىكا ساھەسىدىكىلەر يەر ئۆلچەش ئېلىپ بېرىپ، كۆكتوقايدا كان ئېچىۋاتقان خادىملارغا ئەھمىيەت بەرگەن، ئۇلار كۆپ قېتىم جۇڭگوغا كېلىپ گېئولوگىيەلىك چارلاش، ھەمدە كۆكتوقاي كان رايونى 3-نومۇرلۇق كان ياتمىسىنى سىناق قىلغان، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال شىركىتى كۆكتوقاي كان باشقۇرۇش باشقارمىسى بىۋاسىتە مەركەزنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتۈپ، 1958-يىلى كۆكتوقاي كان ئىشلىرى ئىدارىسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن.
تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ كاندا 16 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى كۆك گۆھەر، 17 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى سېرىق قاشتېشى، 60 كىلوگرام كېلىدىغان تانتال-نىئوبىي، 500 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى خرۇستال پارچە، 12 توننا ئېغىرلىقتىكى ئانار تېشى، 30 توننا ئېغىرلىقتىكى بېرىل كرىستال قاتارلىقلار بار. ئەڭ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى بولسا ئېغىرلىقى 60 كىلوگرام كېلىدىغان تانتال-نىئوبىي يەككە كرىستال، ئۇنىڭ پۈتۈن گەۋدىسى سۈزۈك، قارامتۇل بولۇپ، تانتال نىئوبىينىڭ مىقدارى %70 تىن ئاشىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.