جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش قانۇنى

يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش قانۇنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10–سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان. 1989-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 20-نۇمۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان. 

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش قانۇنى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 1989-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国集会游行示威法
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1989-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن پۇقرالارنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقى ۋە جامائەت تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن ئاساسىي قانۇنغا ئاسەن تۈزۈلدى.

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىددە يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشكە بۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

بۇ قاندا ئېيتىلغان يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ئۈستى ئوچۇق جامائەت سورۇنلىرىغا يىغىلىپ، پىكىر بايان قىلىپ، ئارزۇسىنى ئىپادىلەش ھەرىكەتلىرىگە قارىتىلغان.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان نامايىش قىلىش جامائەت يوللىرى، ئۈستى ئوچۇق جامائەت سورۇنلىرىدا سەپ تۈزۈپ مېڭىپ، ئورتاق ئارزۇسىنى ئىپادىلەش ھەرىكەتلىرىگە قارىتىلغان.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان كۈچ كۆرسىتىش ئۈستى ئوچۇق جامائەت سورۇنلىرى ۋە جامائەت يوللىرىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، جىم ئولتۇرۇۋېلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تەلىپىنى، نارازىلىنى ياكى قوللايدىغان، مەدەت بېرىدىغان ئورتاق ئارزۇسىنى ئىپادىلەيدىغان ھەرىكەتلەرگە قارىتىلغان.

مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش، تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرى، نورمال دىنىي پائالىيەتلەر، خەق ئىچىدىكى ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەت پائالىيەتلىرىگە بۇ قانۇن تەتبىقلانمايدۇ.

3-ماددا پۇقرالارنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

4-ماددا پۇقرالار يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرستىىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى، ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن تۈپ پرىنسىپىلارغا قارشى تۇرماسلىقى، دۆلەتنىڭ، جەمئىيەتنىڭ، كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتىگە ۋە باشقا پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.

5-ماددا يىغىلىش، نامايىش، كۈچ كۆرسىتىش تىنچ ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. قۇرال – ياراغ، تىغ ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى ئېلىپ يۈرۈشكە بولمايدۇ، زورلۇق كۈچ ئىشلىتىشكە ياكى باشقىلارنى زورلۇق كۈچ ئىشلىتىشكە قۇترىتىشقا بولمايدۇ.

6-ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورگان يىغىلىش ئۆتكۈزۈلىدىغان، نامايىش قىلىدىغان، كۈچ كۆرسىتىلىدىغان جايدىكى شەھەرلىك، ناھىيىلىك ج خ ئىدارىلىرى، شەھەرلەردىكى ج خ ئىدارىلىرى، شەھەرلەردىكى ج خ شۆبە ئىدارىلىرى بولىدۇ. نامايىش ئۆتكۈزۈش، كۈچ كۆرستىىش لىنيىسى ئىككىدىن ئارتۇق رايون ۋە ناھىيىدىن ھالقىپ كەتكەن بولسا، بۇنى باشقۇرغۇچى ئورگان ھالقىپ ئۆتىدىغان رايونلۇق، ناھيىلىك ج خ ئورگانلىرىنى بىرلىكتە باشقۇرغۇچى بىر دەرىجە يۇقىرى ج خ ئورگىنى بولىدۇ.

2-باب يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرستىشكە ئىلتىماس قىلىش ۋە رۇخسەت قىلىش

7-ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش،نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكىتىدە بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە باشقۇرغۇچى ئورگانغا ئىلتىماس سۇنۇشى ھەمدە ئۇنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش شەرت.

تۆۋەندىكى پائالىيەتلەردە ئىلتىماس سۇنۇش ھاجەتسىز:

(1) دۆلەت ئۆتكۈزگەن ياكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش، خاتىرىلەش قاتارلىق پائالىيەتلەر؛

(2) دۆلەت ئورگانلىرى، پارتىيە، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار قانۇن تەشكىلىي نىزام بويىچە ئۆتكۈزگەن يىغىلىشلار.

8-ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرستىشتە مەسئۇل كىشى بولۇش كېرەك.

بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ئىلتىماسىنى سۇنۇشقا توغرا كەلگەندە، مەسئۇل كىشى بۇ ئىشىتن بەش كۈن ئىلگىرى، باشقۇرۇغۇچى ئورگانغا يازما ئىلتىماس سۇنۇشى شەرت. ئىلتىماسقا يىغلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشنىڭ مەقسىتى، ئۇسۇلى، پىلاكاتى، شوئارى، ئادەم سانى، ماشىنىلار سانى، ئىشلىتىدىغان ئاۋاز ئۈسكۈنىلىرنىڭ خىللىرى ۋە سانى، باشلىنىدىغان، ئاياغلىشىدىغان ۋاقتى، ئورنى (يىغىلىش ئۆتكۈزىدىغان جاي ۋە تارقىلىپ كېتىدىغان جاي)، لىنيىسى ۋە مەسئۇل كىشىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، كەسپىي ۋە ئادرېسى ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.

9-ماددا باشقۇرغۇچى ئورگانلار يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرستىىش مەقسىتىدىكى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلىنغان ۋاقىت توشۇشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى رۇخسەت قىلىش ياكى رۇخسەت قىلمىغان بولسا ئۇنىڭ سەۋەبىنى ئىزاھلاش كېرەك. ۋاقىت ئۆتكۈچە ئۇقتۇرۇش قىلىنمىغان بولسا، رۇخسەت قىلغانلىق، دەپ قارىلىدۇ.

ھەقىقەتەن ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ۋەقەلەر سەۋەبىدىن ۋاقىتلىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش تەلەپ قىلىنغان بولسا، ئۇنى دەرھال باشقۇرغۇچى ئورگانغا مەلۇم قىلىش كېرەك؛ باشقۇرغۇچى ئورگان دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال تەكشۈرۈپ رۇخسەت قىلىش ياكى قىلماسلىق توغرىسىدىكى قارار چىقرىشى كېرەك.

10-ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ئارقىلىق كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلسا ئىلتىماس سۇنغان بولسا، باشقۇرغۇچى ئورگان ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئالاقىدار ئورگانلارغا ياكى ئورۇنلارغا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدىغان ئورۇننىڭ مەسئۇلى بىلەن كېڭىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ ھەمدە ئىلتىماس بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋاقىتنى بەش كۈن ئارقىغا سۈرۈشكە بولىدۇ.

11-ماددا باشقۇرۇغۇچى ئورگانلار ئىلتىماستىكى ۋاقىت، ئورۇن، لىنيە بويىچە يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش قاتناش تەرتىپىگە، جەمئىيەت تەرتىپىگە ئېغىر تەسرى يەتكۈزىدۇ دەپ ھېسابلىسا، رۇخسەت قىلىش قارارى چىقىپ كەتكەن بولسا ياكى رۇخسەت قىلىش قارارىنى چىقارغاندىن كېيىن يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ۋاقتى، ئورنى، لىنيىسىنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ ھەمدە ئۇنى ئۆز ۋاقتىدا ئىلتىما سۇنغۇچىلار مەسئۇلىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

12-ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ئىلتىماسىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە رۇخسەت قىلىشقا بولمايدۇ.

(1) ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن تۈپ پرىنسىپلارغا قارشى بولسا؛

(2) دۆلەتنىڭ بىرلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈۈلۈكىگە زىيان يەتكۈزسە؛

(3) مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلسا؛

(4) ئىلتىماس قىلىنغان يىغلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشنىڭ جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاستە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى ياكى جەمئىيەت تەرتىپىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بېكىتىشكە تولۇق ئاساس بولغان بولسا.

13-ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ مەسئۇلى، باشقۇرغۇچى ئورگانلارنىڭ رۇخسەت قىلماسلىق قارارىغا قايىل بولمىسا، قارارنى تاپشۇرۇۋالغان ئۈچ كۈن ئىچىدە شۇ جايدىكى خەلق سوتھۆكۈمىتىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق ھۆكۈمىتىنى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئۈچ كۈن ئىچىدە قارار چىقىرىشى كېرەك.

14-ماددا يىغلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ مەسئۇلى ئىلتىماس سۇنغاندىن كېيىن، باشقۇرغۇچى ئورگاننىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋېلىشتىن ئىلگىرى ئىلتىماسنى قايتۇرۇۋېلىشىغا بولىدۇ، باشقۇرغۇچى ئورگاننىڭ رۇخسەت قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارماسلىقنى قارار قىلغان بولسا ئۇنى دەرھال باشقۇرغۇچى ئورگانغا مەلۇم قىلىشى، قاتناشقۇچىلار يىغىلىپ بولغان بولسا، ئۇنى تارقىتىۋېتىشكە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

15-ماددا پۇقرالارنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى باشقا شەھەرلەردىكى پۇقرالرنى يىغىلىش ئۆتكۈزۈشكە، نامايىش قىلىشقا، كۈچ كۆرسىتىشكە قوزغىشىغا، ئۇيۇشتۇرۇشىغا ۋە ئۇنىڭغا قاتناشتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

16-ماددا دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئالاقىدار قانۇنلار، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن دۆلەت ئورگان خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى، مەجبۇرىيىتىگە خىلاپ بولغان يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشىغا ياكى ئۇنىڭغا قاتنىشىشىغا بولمايدۇ.

17-ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلارنىڭ نامىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشكە ئۇيۇشتۇرۇش ياكى قاتنشىشىغا توغرا كەلسە، شۇ ئورۇننىڭ مەسئۇللىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى شەرت.

3-باب يىغىلىش ئۆتكۈزۈش،نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى

18-ماددا قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىدە باشقۇرغۇچى ئورگان خەلق ساقچىلىرىنى قاتناش تەرتىپىنى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاشقا ئەۋەتىپ، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

19-ماددا قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىگە ھەرقانداق كىشىنىڭ زوراۋانلىق كۈچ ئىشلىتىشىگە، تەھدىت سېلىشىغا ياكى باشقا قانۇنسىز ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، قالايمىقان قىلىشىغا، چېقىلىشىغا ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا بولمايدۇ.

20-ماددا قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قاتناش تەرتىپىنى ساقلاشقا مەسئۇل بولغان خەلق ساقچىلىرى قاتناش نىزامىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ۋاقىتلىق ئۆزگەرتىپ ئىجرا قىلسا بولىدۇ.

21-ماددا نامايىش قىلىش جەريانىدا كۈتۈلمىگەن ئەھۋالغا دۇچ كېلىپ، رۇخسەت قىلىنغان لىنيە بويىچە ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىغاندا، خەلق ساقچىلىرىنىڭ نەق مەيداندىكى مەسئۇلى نامايىش قوشۇنىنىڭ لىنيىسىنى ئۆزگەرتىشكە ھوقۇقلۇق.

22-ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى دۆلەت ئورگانلرى، ھەربىي ئورگانلار، رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى، چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىلىرى، كونسولخانىلىرى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياكى شۇ جايدىكى ئۆتىدىغان بولسا، باشقۇرغۇچى ئورگانلار تەرتىپنى ساقلاش ئۈچۈن يېقىن ئەتراپقا ۋاقىتلىق ئېھتىيات سىزىقى سىزسا بولىدۇ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، بۇيەردىن ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدۇ.

23-ماددا تۆۋەندە ئېيتىلغان ئورۇنلار ئەتراپىدا ئون مېتىردىن 300 مېتىرغىچە بولغان ئارىلىقتا يىغىلىش ئۆتكۈزۈشكە، نامايىش قىلىشقا، كۈچ كۆرسىتىشكە بولمايدۇ، (گوۋۇيۈەن ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا):

(1) مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جايلار؛

(2) دۆلەت مېھمانلىرى چۈشكەن جايلار؛

(3) مۇھىم ھەربىي مۇئەسسە ئورۇنلىرى؛

(4) ئايروپورت، ۋوگزاللار ۋە پورتلار.

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان سورۇنلارنىڭ ئەتراپىدىكى كونكرېت ئارىلىقنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلەيدۇ.

24-ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ئېلىپ بېرىلىدىغان ۋاقىت ئەتىگەن سائەت ئالتىدىن كەچ سائەت ئونغىچە بولىدۇ، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى قارار قىلغان ياكى تەستىقلىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

25-ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش رۇخسەت قىلىنغان مەقسەت، ئۇسۇل، پىلاكات، شۇئار، باشلىنىدىغان، ئاياغلىشىدىغان ۋاقىت، ئورۇن، لىنيە ۋە باشقا تۈرلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش تەرتىپىنى ساقلاشقا مەسئۇل بولۇشى ھەمدە باشقا كىشىلەرنىڭ قاتنىشىپ قېلىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش لازىم.

يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى زۆرۈر تېپىلغاندا، مەخسۇس كىشلەرنىڭ خەلق ساقچىلىرىنىڭ تەرتىپىنى ساقلىشىغا ياردەملىشىشكە بەلگىلىشى كېرەك. تەرتىپ ساقلاشقا مەسئۇل بولغان خادىملار بەلگە تاقىشى كېرەك.

26-ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكىتىدە ئامانلىق ساقلاش – باشقۇرۇش نىزامىغا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ، جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە، قۇترىتىشقا بولمايدۇ.

27-ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، خەلق ساقچىلىرى توسۇشى كېرەك:

(1) بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس سۇنمىغان ياكى رۇخسەت ئالمىغان بولسا؛

(2) باشقۇرۇش ئورگانلىرى رۇخسەت قىلغان مەقسەت، ئۇسۇل، پىلاكات، شۇئار، باشلىنىدىغان، ئاياغلىشىدىغان ۋاقىت، ئورۇن، لىنيە بويىچە ئېلىپ بېرىلمىغان بولسا؛

(3) يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش داۋامىدا جامائەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يېتىش ياكى جەمئىيەت تەرتىپىگە ئېغىر ھالدا بۇزۇغۇنچىلىق قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن بولسا.

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، توسوشنى ئاڭلىمىغان بولسا، خەلق ساقچىلىرىنىڭ نەق مەيداندىكى مەسئۇلى تارقاپ كېتىشكە بۇيرۇق بېرىشكە ھوقۇقلۇق، تارقاشنى رەت قىلسا، خەلق ساقچىلىرىنىڭ نەق مەيداندىكى مەسئۇلى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى، قارارى بويىچە زۆرۈر ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، مەجبۇرىي تارقىتىۋېتىش ھەمدە بويسۇنمىغان كىشىلەرنىڭ مەيداندىن مەجبۇرىي چىقىرىۋېتىشكە ياكى دەرھال توختىتىپ قويۇشقا ھوقۇقلۇق.

يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشكە قاتناشقان خادىملار بۇ قانۇننىڭ 22 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سىزىلغان ۋاقىتلىق ئېھتىيات سىزىقىدىن ھالقىپ كەتكەن، بۇ قانۇننىڭ 23 – ماددىسىدىكى يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، ناميىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ، دەپ ئالاھىدە بەلگىلەنگەن سورۇن ئەتراپىدىكى مەلۇم دائىرىگە كىرگەن ياكى باشقا قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى قىلغان بولسا، خەلق ساقچىلىرى ئۇلارنى نەق مەيداندىن مەجبۇرىي چىقىرىۋەتسە ياكى دەرھال توختىتىپ قويسا بولىدۇ.

4-باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

28-ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىدە ئامانلىق ساقلاش – باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتى كۆرۈلگەن بولسا، ئامانلىق ساقلاش – باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن جازا بېرىلىدۇ.

يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى شۇ ئىشنىڭ مەسئۇللىرىغا ياكى بىۋاستە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرسە ياكى ئۇلارنى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويسا بولىدۇ:

(1) بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچەئىلتىماس يازمىغان ياكى ئىلتىماسنى تەستىقلاتمىغانلار؛

(2) باشقۇرۇش ئورگىنى رۇخسەت قىلغان مەقسەت، ئۇسۇل، پىلاكات، شۇئار، باشلىنىدىغان، ئاياغلىشىدىغان ۋاقىت، ئورۇن، لىنيە بويىچە ئېلىپ بېرىلمىغان، توسۇشنى ئاڭلىمىغان بولسا.

29-ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش قىلمىشلىرى بولغان بولسا، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. قۇرال ئېلىۋالغانلار، باشقۇرۇلىدىغان تىغ ياكى پارتىلاتقۇچ بۇيۇملارنى ئېلىپ يۈرگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 163-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس سۇنۇلمىغان ياكى ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ رۇخسەت قىلىنمىغان ياكى باشقۇرغۇچى ئورگان رۇخسەت قىلغان باشلىنىدىغان، ئاياغلىشىدىغان ۋاقىت، ئورۇن، لىنيە بويىچە ئېلىپ بېرىلمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە تارقىلىپ كېتىش بۇيرۇقىغا بويسۇنمىغان، جەمئىيەت تەرتىپىگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغان بولسا، يغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكتى مەسئۇلىنىڭ ياكى بىۋاستە جاۋابكارنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىڭ 158-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

دۆلەت ئورگانلىرىنى قورشىۋېلىپ ۋە ئۇنىڭغا چېقىلىپ، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى پائالىيىتى ياكى دۆلەت ئىشلىرى پائالىيىتىنى نورمال ئېلىپ بارغىلى قويمىغان بولسا، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكىتى مەسئۇلىنىڭ ۋە بىۋاستە جاۋابكارلارنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 158-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ

جامائەت سورۇنلىرىنى ئىگىلىۋالغان، ئاپتوموبىل ۋە پىيادىلەرنى توسقان ياكى توپلىشىپ قاتناشنى توسۇپ جامائەت سورۇنلىرىنىڭ تەرتىپىگە، قاتناش تەرتىپىگە ئېغىر ھالد بۇزغۇنچىلىق قىلغان بولسا، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكىتى مەسئۇللىرىنىڭ ۋە بىۋاستە جاۋابكار كىشىلەرنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 159-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

30-ماددا قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن يىغلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرستىشنى قالايمىقانلاشتۇرغان، ئۇنىڭغا چېقىلغان ياكى ئۇنىڭغا باشقا ئۇسۇللار بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئاگاھلاندۇرۇش بەرسە ياكى ئۇلارنى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغان، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

31-ماددا دەۋالاشقۇچىلار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ بۇ قانۇننىڭ 28-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى ياكى 30-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىش قارارىغا قايىل بولمىسا، جازالاش توغرىسىدىكى قارارنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىغا ئەرز سۇنسا بولىدۇ. بىر دەرىجە يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە كېسىم چىقىرىشى كېرەك؛ دەۋاگەر بىر دەرىجە يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ كېىسمگە قايىل بولمىسا، كېسىم ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ.

32-ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى داۋامىدا دۆلەتنىڭ ۋە شەخىسنىڭ مال-مۈلۈكلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار ياكى باشقىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىپ، يارىلىنىش ئۆلۈش ھادىسلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنى ياكى ئامانلىق ساقلاش-باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن جازا بېرىلگەندىن باشقا يەنە ئۇلار قانۇن بويىچە تۆلەپ بېرىش جاۋابكارلىقىنىمۇ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

33-ماددا پۇقرالار ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇندىن باشقا شەھەرلەردىكى پۇقرالارنى يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشكە قوزغىغان، ئۇيۇشتۇرغان بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۇنى توختىتىپ قويۇشقا ياكى ئۇنى مەجبۇرىي ھالدا ئۆز ئورنىغا قايتۇرۇۋېتىشكە ھوقۇقلۇق.

5-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

34-ماددا چەت ئەللىكلەر جۇڭگو تەۋەلىكىدە يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بارسا، بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىق قىلىنىدۇ.

چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگو تەۋەلىكىدە باشقۇرغۇچى ئورگاننىڭ تەستىقىنى ئالماي، جۇڭگو پۇقرالىرى ئۆتكۈزگەن يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىشقا بولمايدۇ.

35-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى بۇ قانۇنغا ئاساسەن، يولغا قويۇش نىزامىنى تۈزۈپ چىقىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىپ يولغا قويسا بولىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى بۇ قانۇنغا ئاساسەن، يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.

36-ماددا بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#