كارلوۋىۋارىي خەلقئارا كىنو فېستىۋالى

كارلوۋىۋارىي خەلقئارا كىنو فېستىۋالى

كارلوۋىۋارىي خەلقئارا كىنو فېستىۋالى __  دۇنيا بويىچە تارىخى ئەڭ ئۇزاق كىنو فېستىۋاللىرىنىڭ بىرى.

ئۇيغۇرچە نامى كارلوۋىۋارىي خەلقئارا كىنو فېستىۋالى
چەتئەلچە نامى lKarlovy Vary International Film Festiva
خەنزۇچە نامى 卡罗维发利国际电影节

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كارلوۋىۋارىي خەلقئارا كىنو فېستىۋالىكارلوۋىۋارىي خەلقئارا كىنو فېستىۋالى دۇنيا بويىچە تارىخى ئەڭ ئۇزاق كىنو فېستىۋاللىرىنىڭ بىرى. فېستىۋال 1946 - يىلى تۇنجى نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەندىن تارتىپ 1949-يىلى تۆتىنچى نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەنگە قەدەر چېخوسلوۋاكىيىنىڭ مارىئان ئارىشاڭىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن. 1950-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن بەشىنچى نۆۋەتلىكىدىن باشلاپ كارلوۋىۋارىي ساناتورىيىسىدە ئۆتكۈزۈلۈشكە ئۆزگەرتىلگەن. 1953-يىلى ۋە 1955-يىلى ئۆتكۈزۈلمىگەندىن سىرت، ھەر يىلى بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن.1959-يىلىدىن كېيىن ھەر ئىككى يىلدا بىر نۆۋەت، 6 −7-ئايلار ئارىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن. مۇددىتى ئىككى ھەپتە بولغان.

ھەر نۆۋەتلىك كىنو فېستىۋالىغا 30 ~40 دۆلەت قاتنىشىپ، نۇرغۇنلىغان فىلىملەر قويۇلىدۇ. كىنو فېستىۋالى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئاساسىي مەقسىتى − تىنچلىق ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ بەختى ئۈچۈن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، ئەخلاقسىز فىلىملەرگە قارشى كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت. 

كارلوۋىۋارىي خەلقئارا كىنو فېستىۋالىئاساسلىق پائالىيەت تۈرلىرى باھالاپ مۇكاپاتلاش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىش، كىنو قويۇپ كۆرسىتىش، سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، ئەسلىمە كۆرگەزمىسى ئېچىش، كىنو بازىرى ئېچىپ فىلىم سېتىشتىن ئىبارەت.

كارلوۋىۋارىي كىنو فېستىۋالىنىڭ ئالىي مۇكاپاتى «خرۇستال يەر شارى ئۈلگىسى مۇكاپاتى». ئۇنىڭدىن باشقا يەنە باھالاش كومىتېتى ئالاھىدە مۇكاپاتى ۋە «لىدىتسې ئەتىرگۈل مۇكاپاتى» بار. لىدىتسې − چىخوسلوۋاكىيىدىكى بىر يېزىنىڭ ئىسمى. 1942-يىلى گېرمانىيە فاشىستلىرى بۇ يېزىنىڭ ئاھالىسىنى قىرىپ تاشلاپ، پۈتۈن يېزىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. كىنو فېستىۋالىنى تەشكىللىگۈچىلەر گېرمانىيە فاشىستلىرىغا قارشى كۈرەشنىڭ غەلىبىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن مۇشۇ مۇكاپاتنى تەسىس قىلغان. بۇ مۇكاپاتلار ئەڭ ياخشى فىلىم، رېژىسسور، ئەر، ئايال ئاكتيور، سېنارىست، ئوپېراتور قاتارلىقلارغا ئايرىم-ئايرىم بېرىلىدۇ. جۇڭگو بۇ فېستىۋالغا 1950-يىلىدىن باشلاپ قاتناشقان ھەم كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. بۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەڭ بالدۇر قاتناشقان كىنو فېستىۋالى. 1988-يىلى جۇڭگولۇق كىنو رېژىسسورى شيې جىن رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىم «فۇرۇڭ بازىرى» 26-نۆۋەتلىك كارلوۋىۋارىي خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/260305.htm

2.

ئىزدىنىش تورى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#