گۈلبوغۇن دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. گۈلبوغۇن (خام دورا)
  2. گۈلبوغۇن (ئۆسۈملۈك)
خام دورا

گۈلبوغۇن

گۈلبوغۇن

گۈلبوغۇن كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، يارماقگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، قاننى جانلاندۇرۇش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، سۈيدۈك ھەيدەش، جىگەرنى تازىلاش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى گۈلبوغۇن
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 益母草
تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گۈلبوغۇنگۈلبوغۇن كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، يارماقگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، تۆت قىرلىق؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، تۆۋەن قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى يۇمىلاق تۇخۇمسىمان، گىرۋەكلىرىدە رەتسىز يېرىقچىلار بولىدۇ، يۇقىرى قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى شىنىسىمان، ئۈچكە چوڭقۇر يېرىلغان، يېرىقچە يوپۇرماقلىرى تېمىنە شەكلىدە بولىدۇ؛ گۈلى كالپۇك شەكىللىك، رەڭگى سۇس سۆسۈن قىزىل، يۇمشاق ئاق تۈكلۈك كېلىدۇ، گۈللىرى غولىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى يوپۇرماق قولتۇقىغا توپلىشىپ ئۆسكەن ئايلانما گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ مېۋىسى كىچىك، قاتتىق مېۋە، شەكلى ئۈچ قىرلىق، رەڭگى كۈل رەڭ قوڭۇر كېلىدۇ.

قاننى جانلاندۇرۇش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، سۈيدۈك ھەيدەش، جىگەرنى تازىلاش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

دورىلىق قىسمى

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى

قۇرۇق ئىسسىق.

ئىشلىتىش مىقدارى

ئەھۋالغا قاراپ گۈلبوغۇن 10 ~ 30 گرام، ئۇرۇقى 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمىنى ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە گۈلى تولۇق ئېچىلغان ۋاقىتتا يىغىۋېلىپ، كەسلەپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ؛ ئۇرۇقىنى كۈز پەسلىدە ئوبدان پىشقاندا يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پەس تاغلىق يەرلەردىكى چاتقاللىق، دەريا بويلىرى ۋە ئوتلاقلاردىكى نەم يەرلەردە ئۆسىدۇ.

گۈلبوغۇنئىككى كىلوگرام گۈلبوغۇننى بىر كىلوگرام كىرەش، 140 گرام قۇستە بىلەن قوشۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، گۈلىدەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ ياساپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئىككى تال كۇمىلاچنى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ھەيز نورمالسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

گۈلبوغۇن ۋە قىزىل مېۋىلىك شاقاقۇلدىن 53 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. گۈلبوغۇن ئۇرۇقىدىن 15 گرام، سەبدىگۈلدىن 12 گرام، خام ئەگرىسۇنادىن 10 گرام، تاجىگۈل ئۇرۇقىدىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردىسى ياللۇغى ۋە كۆز مۈڭگۈز پەردىسىگە ئاق چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

70 ~ 100 گرام گۈلبوغۇن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى ۋە قان بېسىمى يۇقىرىلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

35 گرام گۈلبوغۇن 8 ~ 12 گرام زۇلفا يوپۇرمىقى، 12 گرام ماڭدار، 10 گرام قۇشقاچتىل، 12 گرام چىنىگۈل، 12 ~ 20 گرام ئۈجمە يىلتىزى پوستى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

مۇۋاپىق مىقداردىكى گۈلبوغۇننى ئۇششاق توغراپ، بىرقانچە قېتىمغا بۆلۈپ قاينىتىپ، تەمى چىققاندىن كېيىن شامىسىنى ئېلىۋېتىپ، ھەممە سۇيۇقلۇقنى قوشۇپ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ قويۇلدۇرۇپ، بۇنىڭغا باراۋەر مىقداردا ھەسەل قوشۇپ يەنە قاينىتىپ قويۇلدۇرۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 8 ~ 12 گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ھەيز نورمالسىزلىق، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى قان توختاپ قېلىش سەۋەبىدىن بولغان قورساق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#