چوغۇر يېزىسى
چوغۇر يېزىسى شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستى چاپچال ناھىيەسىنىڭ بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 3.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چوغۇر يېزىسى شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستى چاپچال ناھىيەسىنىڭ بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 3.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. كۆلىمى 51 كىۋادرات كىلومېتىر، چوغۇر دەرياسى، ھاجىبىرا دەرياسى شەرقتىن غەربكە قاراپ ئېقىپ پۈتۈن يېزىنى كېسىپ ئۆتكەن.
چوغۇر يېزىسىدا تېرىلىدىغان ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، شال، زىغىر، ئابدىمىلىك، تاۋۇز، گازىر تاۋۇز قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا ئاساسلىقى كالا، قوي بېقىشنى ئاساس قىلغان.
چوغۇر يېزىسىنىڭ قارمىقىدا چوغۇر كەنتى، بۇجان كەنتى، بوزدۆڭ كەنتى، مۇدۇلى كەنتى قاتارلىق تۆت كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.
چوغۇر يېزىسى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىگە قاراشلىق يېزا. 1975-يىلى، ئىتتىپاقلىق چوڭ ئەترىتى ۋە بوستان چوڭ ئەترىتى بولغان.
1978-يىلى، بىرلەشتۈرۈلۈپ تيېجياڭ بۇخا چوڭ ئەترىتى بولغان.
1983-يىلى، ناھىيىگە قاراشلىق باغۋەنچىلىك–ئورمانچىلىق مەيدانى بولغان.
1984-يىلى، ئۇنىڭ نامى چوغۇر باغ-ئورمان مەيدانىغا ئۆزگەرتىلگەن.
1987-يىلى، چوغۇر يېزىسى تەسىس قىلىنغان.
چوغۇر يېزىسىدىكى قەدىمىي يادىكارلىقلاردىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى چيەنلۇڭ يىللىرىدا ياسالغان تيېجياڭ بۇخا ئۆستىڭى، مەسى مۇخا ئۆستىڭى ۋە ئاپۇكەي بۇخا ئۆستىڭى قاتارلىقلار بار.
چاپچال ناھىيەسىنىڭ چوغۇر يېزىسى لۇڭگۇ كەنتى «ئاياللار بىرلەشمىسى + كۆكتات جەمئىيىتى» 2005-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، «بازار ئىگەللەش، مۇلازىمەت قىلىش» ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، كۆكتات سېتىشقا ناھايىتى زور قولايلىق يارىتىپ بەرگەن، كۆكتاتچى دېھقانلارنىڭ ئەمگەك كۈچىنىڭ قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كەنتتىكى كۆكتات تېرىقچىلىق كەسپى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشقا بىر ياخشى يول ئاچقان. 2006-يىلى، پۈتۈن كەنىتنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 10 مىليون 228 مىڭ 100 يۈەن بولۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 3678.91 يۈەنگە يەتكەن. 2006-يىلى، بۇ كەنتنىڭ كۆكتات سېتىش قىممىتى 6 مىليون يۈەنگە يىتىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 200 يۈەن كۆپەيگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.