پارىژ

فرانسىيىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، دۇنيادىكى ئاتاقلىق زامانىۋى چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى. پارىژ فرانسىيەنىڭ شىمالىدىكى پارىژ ئويمانلىقىنىڭ مەركىزى قىسمىغا، سىنا دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقان. 

ئىسمى پارىژ
باشقا تىللاردا ئاتىشى فىرانسوزچە:Ville de Paris ئىنگىلىسچە:Paris
رايون تۈرى پايتەخىت
نوپۇسى 248.33 تۈمەن (2013-يىل)
خەنزۇچە 巴黎
باشقا ئاتىلىشى سەنئەت مەركىزى، مودا شەھەر، مەدەنىيەت مەركىزى، رومانتىك، گۈل شەھىرى
كۈلىمى 105.4 كۋادىرات كىلومېتىر
ھاۋا كىلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغ دېڭىز - ئوكيان ئىقلىمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پارىژ قەدىمى رەسىمى

پارىژ 2000 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە قەدىمىي شەھەر. ئۇ، دەسلەپ سىنا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان كىتىي ئارىلىنى ئاساس قىلغان بىر بېلىقچىلىق يېزىسى ئىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان كىتىي ئارىلىنى ئاساس قىلغان بىر بېلىقچىلىق يېزىسى ئىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا دەريانىڭ ئىككى ياقىسىغا كېڭىيىپ تەدرىجىي ھازىرقى پارىژ شەھىرى مەيدانغا كەلگەن. مىلادى بۇرۇنقى 1-، 2-ئەسىرلەردە پارىس دەپ ئاتالغان، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر قەبىلە بۇ ئارالغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇلار بۇ كىلت تىلىدا «سازلىق ئورۇن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئارالنىڭ يەر ۋەزىيىتى پەس، سازلىق بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق نام بەرگەن. كېيىنكى ۋاقىتتا لۇتېتىئا دەريانىڭ ئىككى تەرىپىگە كېڭەيتىلىپ پارىس قەبىلىسىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان. مىلادىن بۇرۇنقى 58-يىلى رىم ئىمپېراتورى كائېسار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 508-يىلى فرانكى پادىشاھلىقنىڭ پايتەختى بولغان. 1871-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى فرانسىيە ئىشچىلىرى دۇنيادا بىرىنچى پرولېتارىيات ھاكىمىيىتى پارىژ كوممۇنىسىنى مۇشۇ شەھەردە قۇرغان. شۇڭا ئۇ ناھايىتى مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتلىك شەھەر. پارىژ فرانسىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى. ئۇ جايغا پۈتۈن دۆلەتتىكى سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ 1/4 قىسمى توپلانغان.

ئېففىفىل مۇنارى

1-ئايدىكى ئوتتۇرچە تېمپىراتۇرسى 3 سىلسىيە گىرادۇس، 7-ئايدىكى ئوتتۇرچە تىمپىراتۇرسى 18 سىلسىيە گىرادۇس، يىللىق ئوتتۇرچە تىمپىراتۇرا 10 سىلسىيە گىرادۇس پۈتۈن يىللىق ھۆل ـ يىغىن ئەھۋالى تەكشى ،ياز ۋە كۈز پەسلىدە سەل كۆپ ئوتتۇرچە ھۆل ـ يىغىن مىقدارى 619 مېللىمېتىر.

پارىژ

پارىژدا 20 نەچچە رايون بار.

1-رايون سېين ـ مارن ئۆلكىسىدىكى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان، دۇ ئېلودېيە ئۇز گۈللۈك، چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال سودا سارىيى ، ھۆكۈمەت ئورگىنى، چېركاۋ، شۇنداقلا ساياھەتچىلەر رايونى. 

2-رايون

دۆلەتلىك كۇتۇپخانا، ئاكسىيە بېرژىسى، كۆپ تىياتىرخانا ۋە چېركاۋ قاتارلىقلار بولىدۇ، سودا ئولتۇراق رايونى ،ئۆي، شۇنداقلا ساياھەتچىلەر رايونى.

3-رايون چېركاۋ، تىياتىرخانا، ئوتتۇرا مەكتەپ، پەن - تېخنىكا ئىنستىتۇتى، دۆلەت ئارخىپ ئىدارىسى، سودا ئولتۇراق رايونىغا تەۋە.

4-رايون

سېين ـ مارن ئۆلكىسىدىكى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ ، ئىككى دەريا ئارال ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ساينت ئانتونى چوڭ يولى، پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ، پارىژ ساقچى ئىدارىسى ، دوختۇرخانا ، ئىككى مۇزېي ، 4ـ رايون كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان جايلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

5 - رايون

ئىبادەتخانا رايونى، لاتىنلار رايونى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ رايونغا قۇببە مەسچىتى، ئۆسۈملۈك باغچىسى، چېركاۋ،ۋە مەشھۇر پارىژ ئونۋېرسىتىتى، مۇزىي، خاتىرە مۇنارى، كىتاپخانا، قاتارلىق ئۇرۇنلار بىر قەدەر كۆپ بولغان، سەنئەت، ئىلىم ـ پەن پۇرىقى ئەڭ قۇيۇق رايون. يەنە بۇ رايوندا دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەت رايونلارنىڭ ئادەمنڭ ئېغىزىغا سېرىق سۇ كەلتۈردىغان يىمەكلىكلىرى ئىنتايىن كۆپ.

6-رايون

سېين - مارن ئۆلكىسى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان، ماگىزىن، كىنوخانا، تىياتىرخانا قاتارلىق ئىنتايىن كۆپ، ئىنستىتۇت ۋە نۇرغۇن ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلەر، فرانسىيە يۇقىرى پالاتاسى ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئورگىنى قاتارلىق ئۇرۇنلار بار.

7-رايون

ۋېرسال سارىيى ۋە پارىژ ئېففىفىل مۇنارى جايلاشقان رايون.ئاۋسترىيە - سېربىيە گۈزەل سەنئەت سارىيى، ھەربىي ئىشلار مۇزېيى، ھەربىي ئىنستىتۇت،قۇرۇلۇشى ھەيۋەتلىك، مەنزىرىلىك، ھەرقايسى دۆلەت ئەلچىخانىلىرى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى، مالىيە ـ ئىقتىساد مىنىستىرلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، يەنە سودا - سانائەت بۆلۈمى قاتارلىق ئۇرۇنلار بار.

8-رايون

بۇ رايون پارىژنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ رايون .چوڭ يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە دۇكانلار ئىنتايىن كۆپ بۇلۇپ ئاساسلىقى مودا كىيىملەر دۇكىنى، ئېسىل بۇيۇملار ماگىزىنى، داڭلىق ئەتتىر دۇكىنى.بۇ رايوندىكى چوڭ ـ كىچىك مىھمانخانىلارنىڭ ھەممىسى بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا، يۇقۇرى دەرىجىلىك ئاشخانىلار بار.بۇ رايوندا يەنە قاتتىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان زۇڭتۇڭ تۇرالغۇسى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، بار.

9-رايون

بۇ رايون ئىچىدە داڭلىق بولغان پارىژ ئوپېرا تىياتىرخانىسى، تۈرلۈك ماللار شىركىتى، لافايېت تۈرلۈك ماللار شىركىتى، قاتارلىقلاردىن باشقا مەكتەپ، چېركاۋ، مۇزىي،تېياتىرخانىلار ئىنتايىن كۆپ.

10-رايون

بۇرايوندا ئاساسلىقى ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەر بىر قەدەر كۆپ، بۇرايوندا كىچىك تىپتىكى ھاراقخانا، تىياتېرخانا، دۇختۇرخانا بىرقەدەر كۆپ، بۇرايوننىڭ ئامانلىقى ئانچە ياخشى بولمىغانلىقتىن بۇ جايغا ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەر دىققەت قىلمىسا يانچۇقچىغا ئۇچرايدۇ.

11-رايون

بۇ رايون بولسا ئادەتتە پارىژدىكى ئاددىي پۇقرالار ئولتۇراقلاشقان رايون، جۇمھۇرىيەت چوڭ يولى ۋە ۋولتېر چوڭ يولى ئارقىلىق بۇ رايونغا بارغىلى بولىدۇ، چېركاۋ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ .

12-رايون

بۇ رايون پارىژنىڭ شەرق قىسمىغا جايلاشقان، سېين ـ مارن ئۆلكىسىدىكى خېبېي بويىدا، فىرانسىيەنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز TGV بىۋاسىتە فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى لىئون غا تۇتاشتۇرۇلغان. بۇ رايوندا باستى خەلىق مەيدانى، باستى تىياتىرخانىسى، كىچىك تىپتىكى مېھمانساراي، ۋە دۇختۇرخانىلار بار.

13-رايون

گېبولەن رايونى (جۇڭگۇلۇقلار كۇچىسى)دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاساسلىقى جۇڭگۇلۇقلار ۋە پارىژلىقلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون.

يىقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بىرى بۇ رايوننىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى بەك تىز بولغان.بۇرايوندا جۇڭگۇلۇقلار ئاچقان ئاشخانىلار بەك كۆپ، ھەرخىل تاماق تېپىلىدۇ.

14-رايون

رەسەتخانىدىكى رايونى، بۇ رايون پارىژنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. بۇ رايوندا ئالىي مەكتەپ، باغچا،  مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى، مەكتەپ،چېركاۋ، قەھۋەخانا قاتارلىق ئۇرۇنلار بار.

15-رايون

ۋائۇگىراد رايونى، بۇ رايون پارىژنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. دەريا ئىچىدە ئەركىنلىك ئىلاھى ھەيكىلى بار

ئامېرىكا نيۇيوركتىكى ئەركىنلىك ئايال ئىلاھى بۇنى دەسلەپكى مودىلىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ياسىغان. ئامېرىكىغا سوۋغا قىلغان . بۇ فرانسىيە ۋە ئامرىكا ۋەكىللىرىنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىگە ۋەكىللىك قىلىنغان. رايون ئىچىدىكى مونپاناس خىزمەت بىناسى دەپ ئاتلىدىغان بىر بىنا بۇلۇپ بۇ پارىژدىكى ئەڭ ئىگىز بىنا ئۈستۈنكى قەۋەتتە قەھۋەخانا ، بۇ بىنا ئارقىلىق پارىژنى ئىگىزدىن كۆرگىلى بولىدۇ.يەنە بۇ جاينىڭ قاتنىشى بەك قۇلاي.

16-رايون

بۇ رايون پارىژنىڭ غەرىپ تەرىپىگە جايلاشقان. بۇ رايوندا 20 نەچچە دۆلەتنىڭ ئەلچىخانسى ـ كونسۇلخانىسى بار. يەنە پارىژدىكى داڭلىق 9 ئونۋېرسىت بار، چېركاۋ ۋە مۇزىيلار ئىنتايىن كۆپ. يېشىللىق رايون بۇلۇپ بۇ رايوننىڭ شارائىتى بىر قەدەر ياخشى، رايون ئەسلىھەلىرى تۇلۇق، تۇرالغاۇ مۇھىيتى ياخشى.

17-رايون

پارىژنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىگە جايلاشقان. بۇ رايوننىڭ شىمالى ئولتۇراق رايونىغا تەۋە، جەنۇبى سودا رايونى، بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقانلار ئاساسلىقى ياشانغانلار. باي سودىگەر بىر قەدەر كۆپ ، پارىژدىكى ئەڭ جىمجىت جاي يەنە تېخى بۇ جاينىڭ كىچىك پارىژ بايلار رايونى دەپمۇ نامى بار.

18-رايون

بۇ رايون پارىژنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بۇلۇپ، داڭلىق  ئىيسا پەيغەمبەر پەيغەمبەر چېركاۋى مۇشۇ رايوندا.

19-رايون

بۇ رايون پارىژنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىگە جايلاشقان. لېكىن كۆلىمى بىر قەدەر كىچىك،  پارىژدىكى 2 - چوڭ جۇڭگولۇقلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون.

20-رايون

بۇ رايوندا تۇرالغۇ ئىنتايىن كۆپ، دەم ئېلىش كۈنى بۇ جاي بۈلەكچە قىززىپ كىتىدۇ.

پارىژشەھەرنىڭ ئاپتوموبىل، ئايروپىلان، ئېلېكترون، مېتال تاۋلاش، خىمىيەت سانائىتى، ماشىنىسازلىق سانائىتى، توقۇمىچىلىق سانائىتى، پەرداش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن فرانسىيىنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 1/4 نى تەشكىل قىلىدۇ.

پارىژ فرانسىيىنىڭ ئاتاقلىق پەن-مەدەنىيەت مەركىزى. ئۇ جايدا ئاتاقلىق ئېففېل تۆمۈر مۇنارىسى، ئاتاقلىق ئېلسې سارىيى، چېركاۋلار، پارىژ داشۆسى، فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە باشقا گۈزەل سەنئەت ئورۇنلىرى، تىياتىرخانىلار بار. پارىژ فرانسىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم قاتناش مەركىزى. بۇ جايدىن دۆلەتنىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىگە بارىدىغان نۇرغۇن تۆمۈريول، تاشيول، ھاۋا يولى ۋە سۇ يوللىرى بار. شەھەر رايونى بىلەن شەھەر ئىچىدە ھەر كۈنى 6 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىم كىشى يۆتكىلىپ تۇرىدۇ. پارىژنىڭ يەر ئاستى تۆمۈريولى 1900-يىلى قۇرۇلغان، لىنىيىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 276 كىلومېتر كېلىدۇ. پارىژدا يەنە نۇرغۇن يەر ئاستى ماشىنا توختاش مەيدانلىرى، 220 دىن ئوشۇق سودا ماگىزىنى، كۆڭۈل   ئېچىش ئورۇنلىرى بار.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#