جاكارتا
شەرقىيب جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ شەھەر. ھىندۇنېزىيىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. جاكارتا ياۋا ئارىلىنىڭ غەربىي شىمال قىرغىقىغا، جاكارتا قولتۇق بويىغا، گىلىۋوڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شەرقىيب جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ شەھەر. ھىندۇنېزىيىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى. جاكارتا ياۋا ئارىلىنىڭ غەربىي شىمال قىرغىقىغا، جاكارتا قولتۇق بويىغا، گىلىۋوڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان. مەيدانى 740.28 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى 7 مىليون 300 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980) .
جاكارتا 14-ئەسىردە مەشھۇر قارامۇچ ئېكسپورت قىلىدىغان پورت بولۇپ، سۇندا كېلاپا دەپ ئاتالغان. 1527-يىلى جاكارتا دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1618-يىلى گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى بۇ جايدا بىر قورغان قۇرۇپ بۇنى «باتاۋىيە» دەپ ئاتىغان. گوللاندىيىلىكلەر بۇ نامنى قۇرۇپ بۇنى «باتاۋىيە» دەپ ئاتىغان. گوللاندىيىلىكلەر بۇ نامنى رېين دەريا دېلتىسىدىكى ئۆز يۇرتى باتاۋىيە نامىغا باتاۋىيە دەپ نام قويغان. 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى ھىندۇنېزىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن شەھەر نامىنى قايتا جاكارتاغا ئۆزگەرتكەن.
جاكارتا شەھىرى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. بىرى، ئۇنىڭ سىرتقى تەرىپىدىكى بۇرۇنقى سودا پورتى باتاۋىيە، ھازىر ئۇ دېڭىز قىرغىقىدىن 1.5 كىلومېتر ئىچكى قۇرۇقلۇقتا تۇرىدۇ. يەنە بىرى شەھەرنىڭ 9.5 كىلومېتر شەرقىي شىمالىدىكى تانجۇڭ پروك چوڭقۇر سۇلۇق پورتى. ئۇ قانال ھەم تۆمۈريوللار ئارقىلىق شەھەر ئىچى بىلەن تۇتىشىدۇ. بۇ پورتنىڭ ئىمپورت پۈتۈن دۆلەت ئىمپورتىنىڭ 3/1 نى ئىگىلەيدۇ.ئۈچىنچىسى شەھەر مەركىزى رايونى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.