چېڭ لوڭ

چېڭ لوڭ

جۇڭگو شياڭگاڭلىق ئارتىس، رېژىسسور، فىلىم ئىشلىگۈچى، ئالاھىدە ماھارەت پىلانلىغۇچى، ناخشىچى چېڭ لوڭنىڭ ئەسلى ئىسمى چېن گاڭشېڭ بولۇپ 1954-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ شياڭگاڭ ئارىلى ئوتتۇرا غەرب رايۇنىدا تۇغۇلغان. دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس.

ئۇيغۇرچە ئىسمى چېڭ لوڭ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ شياڭگاڭ ئارىلى ئوتتۇرا غەرب رايۇنى
يۇلتۇز تۈركۈمى ھەمەل يۇلتۇز تۈركۈمى
بەدەن ئېغىرلىقى 75kg
خەنزۇچە ئاتىلىشى 成龙
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1954-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى 173cm
قان تىپى AB تىپ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چېڭ لوڭجۇڭگو شياڭگاڭلىق ئارتىس، رېژىسسور، فىلىم ئىشلىگۈچى، ئالاھىدە ماھارەت پىلانلىغۇچى، ناخشىچى چېڭ لوڭنىڭ ئەسلى ئىسمى چېن گاڭشېڭ بولۇپ 1954-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ شياڭگاڭ ئارىلى ئوتتۇرا غەرب رايۇنىدا تۇغۇلغان.

چېڭ لوڭ 65 فىلىم ئىشلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1996-يىلى ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن فىلىم «خوڭفەن رايونى»نى سۈرئەتكە ئالغاندا ھېچقانداق سۇغۇرتا شىركىتى ئۇنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىغان، چۈنكى ئۇ ئەزەلدىن قوشۇمچە ئارتىس ئىشلەتمەي بارلىق ئالاھىدە ھەركەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى ئورۇندىغان.

1983-يىلى چېڭ لوڭ ئۆزى رېژىسسورلىق قىلغان ۋە باش رول ئالغان فىلىم «A پىلانى» نى ئىشلىگەن. 1985-يىلى يەنە ئۆزى رېژىسسۇرلىق قىلغان ۋە باش رول ئالغان فىلىم «ساقچىنىڭ ھېكايىسى» ئىشلىگەن، بۇ فىلىم نيۇيورك كىنو بايرىمىدا قويۇلغاندا بىردەك ياخشى باھاغا ئېرىشكەن.

1987-يىلى چېڭ لوڭ ئۆز ئالدىغا كىنو-فىلىم شىركىتى قۇرغان. ئۇ 1988-يىلى «ساقچىنىڭ ھېكايىسى»نىڭ داۋامىنى ۋە «تەڭداشسىز ئەزىمەت» فىلىمىنى ئىشلىگەن.

1996-يىلى ئۇ «چاقماق ئۇچقۇنى» فىلىمىنى ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ فىلىم ئامېرىكىدىكى 1500 دىن ئارتۇق كىنوخانىدا قويۇلغان. بۇ فىلىم تۇنجى قويۇلغان ھەپتىسىلا بېلەت كىرىمى 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. شۇ يىلى چېڭ لوڭ ئوسكار مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، دۇنيا خاراكتېرلىك ئاخبارات پېرسوناژىغا ئايلانغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چېڭ لوڭ ئامېرىكا، شياڭگاڭ، چوڭ قۇرۇقلۇق ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «مەن كىم»، «پىداكار ئاشپەز» قاتارلىق فىلىملەرنى ئىشلەپ كىنو ساھەسىدە داۋاملىق ئۇتۇق قازانغان. ئامېرىكا ئارتىس ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى چېڭ لوڭنى پەخرىي ئەزالىققا قوبۇل قىلغان، ياپونىيە كىنوچىلىق ژورنىلى «ئاشكارا قويۇش»تا چېڭ لوڭ 10 چوڭ چولپاننىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

چېڭ لوڭ كۈچلۈك ئىجاتچانلىق روھىغا ئىگە. ئۇ ھەر بىر كىنو فىلىمىدە كىشىلەر قىياس قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە خەتەرلىك ۋە قىيىن ھەركەتلەرنى ئورۇندىغان، ھەتتا مۇشۇ سەۋەپتىن بىر قانچە قېتىم يارلىنىپمۇ قالغان . شۇڭا، ئۇ كىنو ساھاسىدىكى «ئالاھىدە ماھارەت »ئۇستىسى دەپ نام ئالغان.

2016-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى، 89-نۆۋەتلىك ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىنىڭ ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېردىكى فىلىملىرىدىن: «ساقچى ھېكايىسى»، «خۇڭفەن رايونى»، «ھالقىلىق پەيتتە»، «گۇمپا چۈشى»، «12 مۆچەل»، «چاقماق ئوت» قاتارلىقلار بار بولۇپ، ھوللىۋود تىمۇ بەلگىلىك تەسىرى بار.

1979-يىلى 9-ئايدا، چېڭ لوڭ ئامېرىكا لوس ئانژېلېستا دىڭ لىجۈن بىلەن تونۇشۇپ مۇھەببەتلەشكەن، كېيىن ئىككەيلەن مىجەزىنىڭ كىلىشەلمەسلىكى تۈپەيلى ئايرىلىپ كەتكەن، 1981-يىلى چېڭ لوڭ تەيۋەنلىك ئارتىس لىن فىڭجىياۋ بىلەن تونۇشۇپ مۇھەببەتلەشكەن، 1982-يىلى ئىككىسى ئامېرىكىدا مەخپى توي قىلغان، شۇ يىلى لىن فىڭجىياۋ ئوغلى فاڭزۇمىڭنى يەڭگىگەن، 1998-يىلى چېڭ لوڭ بىر يېغىلىشتا ئارتىس ۋۇچىلى بىلەن تونۇشۇپ قالغان ھەمدە مۇھەببتلەشكەن، 1999-يىلى 10-ئايدا ۋۇچىلى سىرىتقا چېڭ لوڭنىڭ بالىسىغا ھامىلدار بولغانلىقىنى ئاشكارلىغان ھەمدە 11-ئاينىڭ 19-كۈنى قىزنى يەڭگىگەن، ئىسمىنى ۋوجولىن قويغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#