بيەن چۆ

بيەن چۆ (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى401 − مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى310) نىڭ ئەسلىي ئىسمى چىن يۆرېن، بوخەي (بۈگۈنكى خېبىي ئۆلكىسىدىكى رېنچيۇ) دىن، يېغىلىق دەۋرىدىكى مەشھۇر تېۋىپ، جۇڭگودىكى ئەڭ بالدۇرقى مېدىتسىنا ئالىمى.


ئۇيغۇرچە ئىسمى بيەن چۆ
كەسپى مېدىتسىنا ئالىمى
يۇرتى خېبىي ئۆلكىسىدىكى رېنچيۇ
ئەسلى ئىسمى چىن يۆرېن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بيەن چۆ (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى401 − مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى310) نىڭ ئەسلىي ئىسمى چىن يۆرېن، بوخەي (بۈگۈنكى خېبىي ئۆلكىسىدىكى رېنچيۇ) دىن، يېغىلىق دەۋرىدىكى مەشھۇر تېۋىپ، جۇڭگودىكى ئەڭ بالدۇرقى مېدىتسىنا ئالىمى.

بيەن چۆ كېسەللەرنى داۋالاپ زور شۆھرەت قازىنىدۇ، ئۇ چىن بەگلىكىدە تۇرۇۋاتقىنىدا، شيەنياڭغا نەچچە 100 چاقىرىم يىراقلىقتىكى كىشىلەر ئات-ئۇلاغلىرىغا مىنىشىپ، داۋالىنىش ئۈچۈن بيەن چۆنى ئىزدەپ كېلىدۇ. كېيىن چىن بەگلىكىنىڭ ئوردا تېۋىپى لىشى بيەن چۆگە ھەسەت قىلىپ، ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ.

ئۇنىڭ تېببىي بىلىمى ئىنتايىن مول بولغاچقا، تۈرلۈك كېسەللەرنى داۋالىيالايتتى، كىشىلەر ئۇنى قەدىمكى ئەپسانىلەردىكى خىسلەتلىك تېۋىپ بيەن چۆگە ئوخشىتاتتى. ئۇ گەرچە ھېچقانداق ئەسەر قالدۇرمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئاجايىپ تېببىي ماھارىتى ۋە گۈزەل تېببىي ئەخلاقى ئەل ئىچىدە ھازىرغىچە تارىلىپ كەلمەكتە.

شيەنياڭدىكى خەلق بيەن چۆ ئۈچۈن داغدۇغىلىق دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭ جەسىتىنى شيەنياڭنىڭ شەھەر ئەتراپىغا قويىدۇ.

بىر قېتىم بيەن چۆ سەي بەگلىكىگە بېرىپ، سەي خۇەنگۇڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا: «جانابلىرىنىڭ تاۋىلىرى يوق تۇرىدۇ، كېسەل تېرىدە ئىكەن، ۋاقتىدا داۋالاتمىسىلا ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ» دەيدۇ. خۇەنگۇڭ ھېچقانداق بىئاراملىق ھېس قىلمىغاچقا، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ. بيەن چۆ بەش كۈندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، كېسىلىنىڭ مۇسكۇل ۋە قانغا بارغانلىقىنى، تېز داۋالانمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، خۇەنگۇڭ ئۇنىڭغا يەنىلا كېسىلىم يوق دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بيەن چۆ ئۈچىنچى قېتىم كېلىپ، خۇەنگۇڭغا كېسىلىنىڭ ئاشقازان، ئۈچەيگە بېرىپ خېلىلا خەتەرلىكلىشىپ قالغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغاندا، جادۇگەر قاتارىدا ھەيدەپ چىقىرىلىدۇ. كېيىن خۇەنگۇڭ بىئارام بولۇپ، بيەن چۆنى كېسىلىنى داۋالاشقا چاقىرتىدۇ، بيەن چۆ: «كېچىكتى، چارە يوق» دەيدۇ. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن سەي خۇەنگۇڭ ئۆلىدۇ.

بيەن چۆنىڭ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرگەنلىك توغرىسىدىكى يەنە بىر خاتىرىمۇ بار، گو بەگلىكىنىڭ شاھزادىسىنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ، بيەن چۆنى ئوردىغا چاقىرتىدۇ. ئەينى چاغدا ئوردىدا شاھزادىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىغا تەييارلىق كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، شاھزادە ئاللىقاچان ئۆلگەنىكەن، بيەن چۆ جەسەتنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، ئاندىن يىڭنىلەرنى ئېلىپ شاھزادىنىڭ چوققىسىدىكى پەللىنى تېپىپ يىڭنە سانجىيدۇ. يىڭنە سانجىلىشى بىلەنلا، شاھزادە يۆتىلىپ كۆزىنى ئاستا ئاچىدۇ. بيەن چۆنىڭ گو بەگلىكىنىڭ شاھزادىسىنى تىرىلدۈرگەنلىك ھېكايىسى ناھايىتى تېزلا تارىلىدۇ، كىشىلەر ئۇنى خىسلەتلىك دوختۇر دەپ ئاتايدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#