دالتۇ بازىرى

دالتۇ بازىرى

دالتۇ بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بورتالا شەھىرىگە جايلاشقان. دالتۇ بازىرى بورتالا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا-تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان، يەر كۆلىمى كەڭ، سۇ بايلىقى مول، ماددىي بايلىقلىرى كۆپ بولغان تۈزلەڭلىك بازار. 

ئۇيغۇرچە نامى دالتۇ بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
تەۋە رايون بورتالا شەھىرى
نوپۇسى 16 مىڭ 200 ئادەم
خەنزۇچە ئاتىلىشى 达勒特镇
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 1192 كۋادرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دالتۇ بازىرىبۇ بازارغا قاراشلىق 22 كەنت : ئىگىنخۇش كەنتى، ئادىگېنا قەبلىسى خوشتولغاي كەنتى، خۇربۇخ كەنتى، لاما ئۇبۇ جەنۇبىي كەنتى، لامائوبو شىمالىي كەنتى، دالتۇ غەربىي كەنتى، دالتۇ ئوتتۇرا كەنتى، دالتۇ شەرقى كەنتى، بارۇن قەدىمكى كەنتى، خارئۇل كەنتى، دۇتا ئۇبو كەنتى، ئۇلانتوخا كەنتى، چاغانسۇم كەنتى، خارمودۇن كەنتى، ئۇلانبۇخ كەنتى، پوچىڭزى كەنتى، جىڭگېڭ خاۋشى كەنتى، توتى كەنتى، توتى خارئۇس كەنتى، دالتۇ چارۋىچىلىق كەنتى، شالتۇ بۇلاق كەنتى، ئېلوسىن بۇلاق كەنتى قاتارلىقلار. 

2 مەھەللە : قىزىل بايراق مەھەللىسى، ئۇلانتوخا مەھەللىسى. 

تەرەققىيات يولى 

دالتۇ بازىرى2008-يىلى، دالتۇ بازىرى شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا، دېڭ شىياۋپىك نەزەرىيسى ۋە « 3 كە ۋەكىللىك قىلىش » مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، « 11-بەش يىللىق » يىرىك پىلان تۈزۈش نىشانى بويىچە، ۋەزىپە تۇرغۇزۇپ، « پاختا، كەسىپ، بازار، يېزا، تۈر، ئاساس ھازىرلاش ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئىناقلىق بەرپا قىلىش » تىن ئىبارەت تەرەققىيات پىكىر يولىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيىنىڭ يېزىلارغا قاراتقان تۈرلۈك فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشنى ئاساسىي تېما قىلىپ، « ئۈچ مەدەنىيلىك » نى تەڭ تۇتۇپ ۋە يېتەكلەپ، پۈتۈن بازاردىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، يولىنى ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، پۈتۈن بازاردىكى سىياسىي جەھەتتە مۇقىم، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلق ئاممىسىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا، جەمئىيەت ئىناق بولۇشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. 

تەرەققىيات نەتىجىلىرى 

دالتۇ بازىرىئىسلاھات ‐ ئېچىۋېتىش يولغا قويغاندىن بۇيان، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، دالتۇ بازىرىدا باشتىن-ئاخىر ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش، ھەر جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ كۆپ خىل ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش، نۆۋەتتە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، 2-، 3 -كەسىپ ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئىقتىسادىي ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. 1999-يىلى پۈتۈن بازىرىدىكى دېھقان–چارۋىچىلار ئامانەت پۇلى 100 مىليون يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن، 2003-يىلى پۈتۈن بازاردىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 208 مىليون يۈەنگە، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %15 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 120 مىليون يۈەن، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %57.69 ىنى ئىگىلىدى، 2-، 3 -كەسىپنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 876 مىڭ يۈەن، 2002 -يىلى %26.96 مەھسۇلات قىممىتى 386 مىڭ 322 يۈەن ئاشتى، يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 32.4 ئاشقان. مالىيە كىرىمى 4 مىليۇن 530 مىڭ يۈەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 4709.08 يۈەن،  2002-يىلدىكىدىن 416.08 يۈەن ئاشقان، ئۇدا بىر نەچچە يىل بورتالا شەھىرى قولغا كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش 1-دەرىجىلىك بولۇشتەك ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن. 2008-يىلى، ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، پۈتۈن بازاردىكى يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 3 مىليون 587 مىڭ يۈەن، 2006-يىلىدىكىدىن 501 مىڭ يۈەن، %16  ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە 2-، 3-كەسىپنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 17 مىليون يۈەن، %29 ئاشقان؛ چوڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 187 مىڭ 80 يۈەن، %10 ئاشقان، چارۋىچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 36 مىليۇن 500 مىڭ يۈەنگە يېتىپ %7 ئاشقان. 

خاس يېزا ئىگىلىكى 

دالتۇ بازىرى80-يىللاردىن بۇيان پاختا تېرىش بۇ بازاردا كەڭ كۆلەمدە ئۇمۇملاشقان، ئۈزلۈكسىز نەسىل ياخشىلاش ئارقىلىق، يېڭى تېخنىكىنى كېڭەيتىپ قوللىنىش، بۇ زىرائەتلەر قۇرۇقلۇق پاختىسى سېتىۋېلىنسا تار يوپۇق، كەڭ يوپۇق قەدەممۇ-قەدەم تەرەققىي قىلىپ يۇقىرى زىچلىقتا ئۆستۈرۈلگەن، كەڭ سۇلياۋ يوپۇقلۇق كېۋەز تېخنىكا دەرىجىسىنى ئۈزۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرگەن، مەھسۇلات مىقدارى مو بېشى بىرلىك مەھسۇلاتى 50 كىلوگرامدىن كۆپىيىپ، ھازىر 130 نەچچە كىلوگىرام ساپ پاختا، يىلىغا 200 مىڭ دەن ساپ پاختا ئىشلەپچىقىرىلغان. پاختىچىلىق بولۇپلا قالماي يەنە چارۋىچىلارنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش پۈتۈن بازاردىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى. 

چارۋىچىلىق 

دالتۇ بازىرى چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈش، تېرىقچىلىق باقمىچىلىق تەڭشەشنى چۆرىدەپ، ئىلگىرى-كېيىن 20 مىڭ مو قاقاس تاغ، ئورمان يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە تېرىلغۇدىن ئورمانغا ۋە ئوتلاققا قايتۇرۇش شەكىللەنگەن، تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىققا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش قۇرۇلما شەكلى بارلىققا كەلگەن. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەرەققىياتتا سىيىر كەسپىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش نۇقتىلىق خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، بېكىتىلگەن « سۈتچىلىكنى گۈللەندۈرۈش بازىرى، سۈتچىلىكى كۈچلۈك بازار » تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى، 2005-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن يېزىدا بېقىلغان كالا 20 مىڭ 

تۇياقتىن ئارتۇق. 

2-، 3-كەسىپ 

دالتۇ بازىرىدالتۇ بازىرى، پاختىچىلىقنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرغان يەنە زور كۈچ بىلەن سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشنى تېزلەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يۆلەپ يېتىشتۈرۈش جيالې ياغ مەھسۇلاتلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋەكىللىكىدىكى باشلامچى كارخانىلار، بۇ كارخانا بولۇپلا قالماي، پاختىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش، بازارلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت باشلامچى كارخانىلار سىياسەت، مەبلەغ قاتارلىق جەھەتلەردە زور كۈچ بىلەن قوللىدى. پاختىچىلىقنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا  ئەگىشىپ، ھازىر دالتۇ بازىرىدا سىپتا پىششىقلاش، توقۇمىچىلىق « بىر گەۋدە قىلىنغان پاختا ئىشلەپچىقىرىش، ئىگىلىك باشقۇرۇش زەنجىرى، بۇ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت زەنجىرىنىڭ تەرەققىيات زور كۈچىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن بازاردىكى چارۋىچىلىق، 2-، 3-كەسىپ بىلەن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا، پۈتۈن بازاردىكى ئەمگەك-مۇلازىمەت كىرىمى تۈرتكە بولدى، ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. پاختىچىلىق كەسىپىنى دالتۇ بازىرىدىكى سىجىل، ساغلام تۈۋرۈكلۈك كەسىپكە ئايلاندۇرغان. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#