ios

ئالما شىركىتى يۆتكىلىشچان ئۈسكىنىلەر ئۈچۈن چىقارغان مەشغۇلات سىستېمىسى، قوللايدىغان ئۈسكىنىلەرiPhone، iPod touch، iPad، Apple TV لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

نامى ios مەشغۇلات سېستىمىسى
خاراكتىرى تور مەشغۇلات سىستېمىسى
ئوچۇقلۇقى ئەسلى مەنبە كودى ئوچۇق ئەمەس
قوللايدىغان تىلى 34 خىل تۈر
ئەسلى نامى iPhone OS
خەنزۇچە نامى ios系统
دەرىجە يېڭىلىنىشى يېڭىلىغىلى بۇلىدۇ
سېستىما تەۋە تۈرى OS X، Unix
سىستېما تىلى C، C++، Objective-C
قوللايدىغان سۇپىسى: Apple تۈزگەن ARM

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

2007-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ئالما Macworld يىغىنىدا iOS نى ئېلان قىلدى ھەمدە شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى بىرىنچى نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى، بۈگۈنكى كۈندە iOS 7 نىمۇ ئېلان قىلىپ بولدى. 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ چۈشۈرۈشكە يول قويدى. iOSiTunes ئارقىلىق ئۈسكىنىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ، iOS 5.0 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان نۇسخىلار OTAئارقىلىق يۇمشاق دېتالنى يېڭىلىيالايدۇ. ئەڭ يېڭى iOS تەخمىنەن GB1 ئەتراپىدىكى بوشلۇقنى ئىلگەللەيدۇ. ئەڭ دەسلەپتە ئالما شىركىتى iPhone غا ئەگىشىپ تارقاتقان iOS غا نام بەرمىگەنىدى، 2008-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنىگە كەلگەندە ئاندىن ئۇنىڭغا iPhone OS دەپ نام بەردى ھەمدە 2010-يىلى 6-ئايدا نامىنى iOS غا ئۆزگەرتتى.

ئالما ئۇسلۇبىلايىھەلىنىش ئالاھىدىلىكى: iOS ئابونتلىرى كونۇپكا، كۆپ نۇقتىلىق چەكمىلەر ئارقىلىق ئۈسكىنىنى كونترول قىلالايدۇ.

ئەمىلىي كونۇپكىلىرى: ئېكراننىڭ ئاستىدىكى Homeكونۇپكىسى، چوققىسىدىكى Power كونۇپكىسى، يان تەرىپىدىكى ئاۋازنى كونترول قىلىش كونۇپكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كۆپ نۇقتىلىق چەكمە: سېرىلما ھەرىكەت، يىنىك بېسىش، قىسىش، تەتۈر يۆلىنىشتە قىسىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، سىستېما بىلەن ئۆز-ئارا قوزغاتقىلى بولىدۇ.

ئالمائەپ دۇكىنى: App Store ئالما شىركىتى iOS مەشغۇلات سىستېمىسى ئۈچۈن قۇرغان رەقەملەشكەن ئەپ ئېلان قىلىش سۇپىسى، ئابونىتنىڭ iTunes Store دىن

بىر قىسىم iOS SDK ياكى Mac SDKچىقارغان ئەپ پروگراممىلىرىنى چۈشۈرىشىگە يول قويىدۇ.ئەپنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىكى ئوخشىمىغان ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئابونىت ھەقلىق ياكى ھەقسىز چۈشۈرسە بولىدۇ. ئەپ پروگراممىسىنى بىۋاسىتە iOSقۇرۇلمىسىغا چۈشۈرۈشكە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە Mac OS X ياكى WindowsسۇپىسىدىكىiTunes ئارقىلىق كومپيۇتېر مەركىزىگە چۈشۈرۈشكە بولىدۇ. ئويۇن، كۈنتەرتىپ باشقۇرۇش، لۇغەت، رەسىم ئامبىرى ۋە كۆپلىگەن يۇمشاق دېتاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئالمىدىكى ئەپلەرiOS ئەڭ يېڭى نۇسخىسىدىكى ئەپ: تېلېفون، Mail، Safari، مۇزىكا ۋىدىئو، SpringBoard، قىسقا ئۇچۇر، كالېندار، سۈرەت، فوتوكامېرا، FaceTime،Photo Booth، پاي بازىرى، خەرىتە، كىلىمات، خاتىرە، ژۇرنال، ئەسكەرتىش تۈرى، ۋاقىت، ئېلېكتىرونلۇق ھېسابلىغۇچ، كومپاس، ئاۋازلىق خاتىرە، App Store، Game Center، ئورۇنلاشتۇرۇش، ئالاقە خاتىرىسى، iTunes، Nike+iPod، Voice Control، Siri، Passbook؛ ئەڭ يېڭى نۇسخىدىن چىقىرىۋېتىلگەن يۇمشاق دېتاللار YouTube، iPod، خەرىتە.

2007-يىلىدىكى ئالما شىركىتى تەرەققىي قىلدۇرغۇچىلار يىغىنىدا، ئالما شىركىتى iPhone ۋە iPod Touch نىڭ Safari ئارقىلىق تور كۆز يۈگۈرتكۈچىنىڭ بەزى ئۈچىنچى تەرەپ ئەپلىرىنى قوللايدىغانلىقى، بۇ ئەپ پروگراممىلىرىنىڭ Web ئەپ پروگراممىسى دەپ 

ئاتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇلار AJAX تور تېخنىكىسى ئارقىلىق تۈزۈلگەن.

 iOS پەقەت App Store نى قۇرغۇچى تەرەپ ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق يۇمشاق دېتالنى ئورنىتىشنى قوللايدۇ.

dfuDFU ئەندىزىسى iOS قۇرۇلمىسىنىڭ قۇيما ماتېرىيال يۇقىرى كۆتۈرۈش شەكلى، بۇ شەكىل قۇرۇلمىنىڭ ھەر قانداق ھالەتتىن ئەسلىگە كېلىشىگە يول قويىدۇ.

DFU ئەندىزىسىگە كىرىش

بىرىنچى خىل ئۇسۇل

1. قۇرۇلمىنى كومپيۇتېرغا ئۇلاش؛

2. قۇرۇلمىنى ئېتىش؛

3. توك مەنبەسى كونۇپكىسىنى 3 سېكۇنت بېسىپ تۇرۇش؛

4. Home كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ، توك مەنبەسى كونۇپكىسىنى 10 سېكۇنتقىچە قويىۋەتمەسلىك؛

5. توك مەنبەسى كونۇپكىسىنى قويۇۋېتىپ، Home كونۇپكىسىنى داۋاملىق بېسىپ تۇرۇش؛

6. كومپيۇتېر يېڭى يۇمشاق دېتالنى بايقىغاندا ھەمدە iTunes قۇرۇلمىنىڭ ئەسلىگە كېلىش شەكلىنى تەكشۈرگەندە كونۇپكىنى قويۇۋېتىپ DFU ئەندىزىسىگە كىرىش.

ئىككىنچى خىل ئۇسۇل

1. قۇرۇلمىنى كومپيۇتېرغا ئۇلاش؛

2. ھەر قانداق ئەھۋالدا، Home كونۇپكىسى بىلەن توك مەنبەسى كونۇپكىسىنى بىرلىكتە بېسىش؛

3. يانفونىڭ ئېكرانى قارا بولغاندىن كېيىن 3~5 سېكۇنتقىچە ئۆتكۈزۈپ، توك مەنبەسى كونۇپكىسىنى قويىۋېتىمىز،

Home كونۇپكىسىنى بېسىپ تۇرىمىز؛

4. كومپيۇتېر يېڭى يۇمشاق دېتالنى بايقىغاندا ھەمدە iTunes قۇرۇلمىنىڭ ئەسلىگە كېلىش شەكلىنى تەكشۈرگەندە كونۇپكىنى قويۇۋېتىپ DFU ئەندىزىسىگە كىرىش.DFU ئەندىزىسىدىن چېكىنىپ چىقىش

Home كونۇپكىسى بىلەن توك مەنبەسى كونۇپكىسىنى ئالما بەلگىسى چىققۇچە بېسىپ تۇرۇش.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    33.3%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    33.3%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    33.3%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#