مېزوسفېرا
مېزوسفېرا (ئوتتۇرا قاتلام) - ستاتوسفېرا قاتلىمىنىڭ ئەڭ ئۈستىدىن يەر يۈزىگە 85 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى ئاتموسفېرا قاتلىمى مېزوسفېرا دەپ ئاتىلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مېزوسفېرا (ئوتتۇرا قاتلام) - ستاتوسفېرا قاتلىمىنىڭ ئەڭ ئۈستىدىن يەر يۈزىگە 85 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى ئاتموسفېرا قاتلىمى مېزوسفېرا دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئاتموسفېرادىكى بەش قاتلامنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلىدۇ. مېزوسفېرا قاتلىمىدىكى تېمپېراتۇرا ئېگىزلىكنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ، شۇڭا قارىمۇ-قارشى ئېقىم پەيدا بولىدۇ. بىراق ھاۋا بەك شالاڭ، سۇ پارى ئىنتايىن ئاز بولغاچقا، ھاۋارايى ئۆزگىرىشى يۈزبەرمەيدۇ. مېزوسفېرا قاتلىمىنىڭ ئەڭ ئۈستى قىسمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى -℃100 ئاتراپىدا بولىدۇ. مېزوسفېرا ۋە تېخىمۇ يۇقۇرى ئورۇندىكى گاز مولىكۇلالېرى كۈچلۈك قۇياش ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرىنىڭ رادىياتسىيە تەسىرىدە كۆپ قىسمى زەرەتلىك ئىيونغا ئايلىنىپ، ئىيونوسفېرانى ھاسىل قىلىدۇ. ئىيونوسفېرا يەر يۈزىدىن تارقالغان رادىيو دولقۇنىنى قايتۇرالايدىغان بولغاچقا، دېڭىز-ئوكيانلاردىن ھالقىغان رادىيو ئالاقىسى دەل ئۇنىڭ ياردىمىدە ئەمەلگە ئاشىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.