گاۋشەن مىللىتى

گاۋشەن مىللىتى

گاۋشەنلەر ئاساسلىقى تەيۋەن ئۆلكىسى بېنداۋ ئارىلىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا، شەرقىي شىمال دېڭىز بويىدىكى زۇڭگو تۈزلەڭلىكىدە ۋە لەنيۈ ئارىلىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى گاۋشەن مىللىتى
چەتئەلچە نامى the Gaoshan ethnicity
خەنزۇچە نامى 高山族

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گاۋشەن مىللىتىمىلادىيە 230-يىلى، ئۈچ پادىشاھلىق داڭقان پۇتى شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە ۋۇ دۆلىتىنىڭ سانغۇنى ۋېي ۋېن قوشۇننى باشلاپ، دېڭىزدىن ھالقىپ يىجۇ(ھازىرقى تەيۋەن) غا كېلىدۇ، ئۇلار بۇ يەردىكى يەرلىك مىللەتنىڭ نۇرغۇن قەبىلىگە بۆلۈنگەنلىكىنى، قەبىلىدىكى چوڭ ئىشلارنى بارلىق قەبىلە ئەزالىرىنىڭ بىرلىكتە قارار قىلىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. بۇ يەردىكى تېخىمۇ ئالاھىدە ئىش يىگىتلەرنىڭ ياتلىق بولۇپ قىزلارنىڭ ئۆيىگە كېلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئادەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇشى ئىدى، يەرلىك مىللەت ئاساسلىقى بېلىقچىلىق ۋە ئوۋچىلىققا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلغان بولۇپ، باققان چارۋىلىرىمۇ كۆپ ئەمەس ئىدى، ئىشلەنگەن قوراللىرى تاشتىن ياسالغان قوراللار، يەنى تاش پالتا، تاشلىق بېگەن قاتارلىق نەرسىلەر ئىدى. بۇغا مۈڭگۈزىنى نەيزە ئورنىدا ئىشلىتەتتى، ئوقيا ئوقىنىڭ ئۇچىغا كۆك تاش ئىشلىتەتتى. بۇ يەرلىك مىللەت بۈگۈنكى گاۋشەن مىللىتىنىڭ ئەجدادى ئىدى. 

گاۋشەنلەر ئاساسلىقى تەيۋەن ئۆلكىسى بېنداۋ ئارىلىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا، شەرقىي شىمال دېڭىز بويىدىكى زۇڭگو تۈزلەڭلىكىدە ۋە لەنيۈ ئارىلىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.

 گاۋشەن مىللىتىنىڭ تىلى بولسىمۇ، لېكىن جايلار ئارا تىل پەرقى ئىنتايىن زور بولۇپ، يېزىقى يوق. ئۇلار ئىپتىدائىي دىنىي ئېتىقاد ۋە دىنىي مۇراسىملارنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، روھقا چوقۇنىدۇ، ئاسمان ئىلاھى، تەبىئەت ئىلاھى ۋە سىلشېن ئىلاھى قاتارلىقلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ. 

گاۋشەن مىللىتىگاۋشەنلەرنىڭ كىيىملىرى ئاساسلىقى كاناپ ۋە پاختا رەختتىن ئىشلىنىدۇ، پاسونى ھەر خىل بولىدۇ. ئەرلەر ئادەتتە ناكىدكا، مايكا، قىسقا كەمزۇل ۋە قىسقا تامبال كىيىدۇ. بەزى جايلاردا شۇڭ پوستى ۋە كوكس دەرىخى قوۋزىقىدىن جىلىتكە تىكىپ كىيىدۇ. ئاياللار قىسقا چاپان، يوپكا ۋە مۈرىسىدىن قولتۇقىغىچە كېلىدىغان يانتۇ شەكىللىك كۆڭلەك كىيىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، كىيىملىرىگە ھەر خىل نەرسىلەرنى كەشتىلىۋالىدۇ ھەمدە قۇلۇلە قېپى ۋە ھايۋانلارنىڭ سۆڭەكلىرىدىن سىيلىقلاپ ئىشلەنگەن بېزەكلەرنى تاقىۋالىدۇ. بەزى جايلاردا چىشىنى سۇندۇرۇۋېلىش، بەدىنىگە گۈل چېكىۋېلىش ۋە يۈزىگە خەت چېكىۋېلىش قاتارلىق ئادەت بار. گاۋشەنلەر ئۇيۇشمىنى بىرلىك قىلىپ توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىدۇ، ئادەتتە ھەربىر ئۇيۇشمىدا 60 تىن 70 كىچە ئائىلە بولىدۇ. ئۇيۇشمىلارنىڭ كوللېكتىپ يەرلىرى بولىدۇ، ئۇيۇشمىنىڭ باشلىقىنى خەلق سايلايدۇ. دېھقانچىلىق ئىشلىرى، ئوۋ ئوۋلاش ئىشلىرى ۋە بېلىق تۇتۇش ئىشلىرىدا نەزىر-چىراغ قىلىدۇ. پال ئېچىش ئۇسۇلى جەھەتتىن قۇشلارغا، چۈشىگە، سۇ ئەھۋالىغا، تاماق، غىزا ئەھۋالىغا قاراپ پال ئېچىش ھەمدە تەبىر بېرىش قاتارلىق پال ئېچىش ئۇسۇللىرى بار. 

گاۋشەنلەر ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر بولۇپ، يېقىملىق خەلق ناخشىلىرى، قەدىمىي ئەپسانە-رىۋايەتلىرى بار، چالغۇلاردىن ئېغىز چالغۇسى، قومۇش نەي، قوۋۇز نەي ۋە غېجەك قاتارلىقلار بار. چۇلې ئۆزگىچە ساز بولۇپ، ئاياللار تاش ئوغۇرنى چۆرىدەپ شال سوقىدۇ. ئۇزۇن چۇلېنىڭ ئاۋازى ناھايىتى جاراڭلىق، ئۇنىڭغا جور بولۇپ ئېيتىلغان ناخشا ساداسى قۇلاققا ئىنتايىن يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ. گاۋشەنلەر ئويمىچىلىق ۋە نەققاشلىققا ناھايىتى ماھىر، يىلان تەنلىك، ئادەم باشلىق ئوبراز گاۋشەن خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ ئالاھىدە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ئوبراز ھېسابلىنىدۇ.


گاۋشەنلەر ئاساسلىقى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، شال، قۇرغاق يەر شېلى، چۈجگۈن قوناق، تېرىق قاتارلىقلارنى تېرىيدۇ. يامىلار بېلىق تۇتۇشنى ئاساس قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە توخۇ، ئىت، چوشقا باقىدۇ. 

رايون ۋە تىل پەرقى سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا يەنە ئامپىيلار، تەييالار، پەيۋەنلەر ۋە يامىلار قاتارلىق ناملار بار.

پەيۋەنلەر ھەققىدە 

پەيۋەنلەر ئاساسلىقى كالا بېقىش بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدۇ. ئۇلار ئېگىز تاغ، چوڭقۇر جىلغىلار ئارىسىغا شۇڭ ۋە بامبۇكتىن تۈۋرۈكسىز ئاسما كۆۋرۈك، ئەگمە كۆۋرۈك ۋە سىيرىلما ئاسما كۆۋرۈك قاتارلىقلارنى ياسىغان.

 تۇئارېگلار ھەققىدە

ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بەزى مىللەتلەر ئارىسىدا ئاياللار دائىم چۈمبەل تارتىۋالىدۇ، لېكىن ئافرىقىدىكى تۇئارېگلارنىڭ ئەرلىرىمۇ چۈمبەل تارتىۋالىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇزاق زامانلاردىن ئىلگىرىكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇئارېگلارنىڭ ئەرلىرى ئۇرۇشقا چىقىپ كەتكەندە، ئاياللىرى ئۆيىدە تاماق تەييارلاپ، ئۇلارنىڭ غەلىبە قۇچۇپ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغانىكەن، گۇگۇم چۈشكەندە ئەرلەر ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ بېشى چۈشۈپ كەتكەن ھالدا ئۆيىگە قايتىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئىنتايىن نەپرەتلىنىپ، بېشىدىكى چۈمبەلنى ئەرلىرىنىڭ ئالدىغا تاشلاپ: «ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان تۇرۇقلۇق بىزگە قانداق قارايسىلەر، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر يۈزۈڭلارغا چۈمبەل تارتىۋېلىڭلار! » دەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئەرلەر ئىزا تارتقىنىدىن يەردىكى چۈمبەلنى ئېلىپ بېشىغا ئورىۋاپتۇ، مۇنداق چۈمبەل «داگېل» دېيىلىدىكەن، ئۇنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش مېتىر كېلىدىكەن.تۇئارېگلار ئالجىرىيە، لىۋىيە، نىگېرىيە ۋە مالى قاتارلىق شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، نوپۇسى 1 مىليونغا يېقىنلىشىدۇ. ئۇلار بەربەرلەرنىڭ تارماق سىستېمىسى بولۇپ، ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ، بەربەر تىلى دىئالېكتىكىسىدا سۆزلىشىدۇ، قەدىمىي تىۋېنناگ يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ. ئۇلار ئىنتايىن مۇقىم بولغان كۆچمەن چارۋىچى بولۇپ، قوي، كالا ۋە تۆگە باقىدۇ. ھازىر تۇئارېگلار سەھرايى كەبىرلىكلەر ۋە ساھىللىقلار دەپ ئىككى تارماققا ئايرىلىدۇ. ئەرلەر تارتقان چۈمبەل قارا ۋە ئاق رەڭلىك بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ياشاۋاتقان رايونىنى ئىپادىلەيدۇ. تۇئارېگلار جەمئىيىتى ئاتىلىق چوڭ جەمەت جەمئىيىتىگە كىرىدۇ، لېكىن ئاياللىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى يەنىلا خېلى يۇقىرى بولۇپ، كۆپلىگەن ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرىدۇ. تۇئارېگلار مۇھىتى جاپالىق قۇملۇقتا ياشايدىغان بولغاچقا، كىشىلەر تەرىپىدىن «قۇملۇق پادىشاھلىقى» دەپ ئاتىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ كىيىملىرى غەلىتە بولغانلىقتىن، «چۈمبەل تارتىۋالىدىغان قىلىچلىق چەۋەندازلار» دەپمۇ ئاتالغان. 

 ئامىيلار ۋە رىيۆتەندىكى شاۋلار يوغان دەرەخلەرنى كولاپ ئېلىپ ياغاچ قولۋاق ياسايدۇ، لەنيۈ ئارىلىدىكى يامىلار كىل ياغىچىدىن بېشى ۋە قۇيرۇقى ئېگىز بولغان ھەمدە ئىنتايىن چىرايلىق بولغان بېلىقچى كېمىلىرىنى ياسايدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#