ھامىلىدارلىقتىكى شىددەتلىك قۇسۇش

ھامىلىدارلىقتىكى شىددەتلىك قۇسۇش

ئادەتتە ھامىلىدار ئاياللاردا ھامىلىدارلىقنىڭ 6-ھەپتىسىدىن 12-ھەپتىسىگىچە ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، تاماق تاللاش ۋە ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرغاندا ياكى تاماقتىن كېيىن كۆڭلى ئېلىشىپ، قۇسۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، ئەگەر كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتتىق بولۇپ، تاماق يېيەلمىسە بۇ ھامىلىدارلىقتىكى شىددەتلىك قۇسۇش دەپ ئاتىلىدۇ. ئېغىرراق بولغاندا سۇسىزلىنىپ كىسلاتا بىلەن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى ھامىلىدارلىقتىكى شىددەتلىك قۇسۇش
تەۋە بۆلۈم تۇغۇت بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ
خەنزۇچە نامى 妊娠剧吐
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس، لېكىن قۇۋۋەتلەردىكى ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇمكىن، يەنى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئاشقازاننىڭ توتۇش قۇۋۋىتى(قۇۋۋىتى ماسسىكە)، شۈمۈرۈش(قۇۋۋىتى جازىبە) ھەم ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتى(قۇۋۋىتى ھازىمە) ئاجىزلاپ، چىقىرىش قۇۋۋىتى(قۇۋۋىتى دافىئە)نىڭ خىزمىتى كۈچىيىپ كېتىش نەتىجىسىدە قۇسۇش پەيدا بولىدۇ.

ھامىلىدارلىقتىكى شىددەتلىك قۇسۇشيەڭگىل بولغاندا تەكرار قۇسۇش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، سۈيدۈكتىكى كىتۇن «-» بولىدۇ. ئېغىر بولغاندا تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ.

 1.تەكرار قۇسۇش كۆرۈلىدۇ. تاماق يېيەلمەيدۇ، يېمەكلىكلەرنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغاندا ياكى يېمەكلىكلەرنى ئويلىغاندا قۇسىدۇ، قۇسقان نەرسىلەر يېمەكلىكلەر، ئۆت سۇيۇقلۇقى ياكى قان ئارىلاشقان ئاشقازان ئىچىدىكى نەرسىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 2. سۇسىزلىنىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى تېزدىن تۆۋەنلەپ ئېغىز قۇرۇيدۇ، كۆزى ئولتۇرۇشۇپ، كۆز ئالمىسى ئىچىگە كىرىپ كەتكەن بولىدۇ. تېرىگە قورۇق چۈشىدۇ، مۇسكۇللار بوشايدۇ. تېرىلىرى ۋە شىللىق پەردىلىرى قۇرغاق بولۇپ، ئۇسساپ تۇرىدۇ، ماغدۇرسىزلىنىدۇ، سەل قىزىيدۇ، تومۇرنىڭ سوقۇشى سەل تېزلىشىدۇ، قان بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ، تومۇرى تېز ۋە ئىنچىكە سالىدۇ، تىل گەزلىرى قېلىنلايدۇ.

 3. كىسلاتا بىلەن زەھەرلىنىدۇ. مەسىلەن: بىماردا چۈشكۈنلۈك ھالەت بولۇپ، ئېغىزدىن ئاتسىتىك كىتوننىڭ پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ. سۈيدۈكتىكى كىتۇننى تەكشۈرگەندە كۈچلۈك »+« بولىدۇ. ئېلېكترولىتلار قالايمىقانلىشىدۇ.

 4. قان ۋە سۈيدۈك قويۇقلىشىدۇ. سۈيدۈك ئازىيىپ، سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى ئاشىدۇ. ئېغىرلىرىدا سۈيدۈك  تۇتىلىدۇ، 

ھامىلىدارلىقتىكى شىددەتلىك قۇسۇشھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاشقازاننىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتى، شۈمۈرۈش قۇۋۋىتى ۋە ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ، چىقىرىش قۇۋۋىتىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى نەتىجىسىدە قۇسۇش پەيدا بولۇپ، بىماردا سۇسىزلىنىش، تۇز يوقىتىش، ئاچلىق سەۋەبىدىن خوراش كېلىپ چىقىدۇ، قۇسۇش سەۋەبىدىن بەدەن تېخىمۇ سۇسىزلىنىپ ئاشقازان سۇيۇقلۇقى كۆپ مىقداردا سەرپ قىلىنىدۇ. ئىستېمال قىلىنغان تۇزنىڭ مىقدارى ئاز بولۇشى سەۋەبىدىن سۇ يوقىتىش ۋە ئېلېكترولىتلار قالايمىقانلىشىش، شېكەر ۋە ئاقسىل ماددىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق، قان پلازما ئاقسىلى ۋە قان شېكىرى ئازىيىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، جىگەردىكى گلىكوگىن پەيدىنپەي يوقىلىپ ئېغىر بولغاندا جىگەر خىزمىتى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، شېكەر تۇز ماددىلىرى كەمچىل بولۇپ، بەدەندىكى ئىسسىقلىق مىقدارى يېتەرسىز بولغانلىقتىن، ئورگانىزم ئۆز بەدەنلىك تەڭشەش ئارقىلىق بەدەندە ساقلىنىۋاتقان مايلارنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. لېكىن جىگەردە گىلىكوگىننىڭ يېتەرسىز بولۇشى ۋە ماينىڭ ئوكسىدلىنىشى تولۇق بولماسلىق تۈپەيلىدىن، قاندىكى ماينىڭ ئالمىشىش جەريانىدا پەيدا بولغان ماددىلار كۆپىيىدۇ، مەسىلەن: ئاتىتىتىك كتۇن قوش سىركە كىسلاتاسى قاتارلىقلار. بۇنىڭ بىلەن قان ۋە سۈيدۈكتىكى كتوننىڭ مىقدارى ئارتىپ كېتىپ، كىسلاتا بىلەن زەھەرلىنىش ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ. سۈيدۈكتىكى كتوننى تەكشۈرگەندە «+» بولىدۇ. نەتىجىدە ئۇزۇن مەزگىل ئوزۇقلۇق ۋە ۋىتامىنلار كەم بولۇش كۆپ پەيدا بولۇش خاراكتېرلىك نېرۋا ياللۇغى، كۆرۈش نېرۋا ياللۇغى پەيدا بولىدۇ.

تىپىك ئالامىتى ۋە قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويىلىدۇ. بۇنىڭدا بىماردا تەكرار قۇسۇش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، سۇسىزلىنىپ ئېغىزى قۇرۇش، قان بېسمى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە قۇسۇش ئېغىر بولسا سۈيدۈكتىكى كىتۇننى تەكشۈرگەندە »+« چىقىدۇ.

ھامىلىدارلىقتىكى شىددەتلىك قۇسۇش1. ئاشقازان يارىسىدىن پەرقلەندۈرىلىدۇ. ئاشقازان يارىسىدا تاماق يەپ يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە ۋاقىت ئۆتۈپلا ئاشقازان ساھەسىدە ئاغرىش قوزغىلىدۇ، ئاغرىش دەۋرلىك بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق كېسەل بىلەن ئاغرىغۇچىلار ئاغرىق سەۋەبىدىن تاماق يېيىشتىن قورقىدۇ. كلىنىكىدا قارامايلىق تەرەت ۋە يوشۇرۇن قان بىلەن كەلگەن تەرەت مۇھىم يىپ ئۇچى قىلىنىدۇ.

 2. ئاشقازان ياللۇغىدىن پەرقلىنىدۇ. ئاشقازان ياللۇغىدا بىمار بۇلغانغان يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن ھۆ بولۇش، قۇسۇش، ئاشقازان ئاغرىش، ئاشقازاندا ھېچ نەرسە قالمىغۇچە كۆڭۈل ئاينىپ تۇرۇش، بەلغەمدەك شىلىمشىق نەرسىلەر ياكى ياغقا ئوخشاش كۆرۈنۈشتىكى ئاچچىق سەپرا ماددىلىرى چىقىش ئالامەتلىرى بولىدۇ. ئاشقازان ئىچى قەۋىتى زىدىلەنگەن بولسا قان ئارىلاش قۇسۇق ماددىلىرى بولىدۇ. ھەزىم بۇزۇلۇش قوشۇلۇپ كەلسە ئىچى سۈرۈشمۇ كۆرۈلىدۇ. كۆپىنچە يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش تارىخى بولىدۇ. ھامىلىدارلىقتىكى شىددەتلىك قۇسۇشتا ھامىلىدار ئايال يېمەكلىك پۇرىقىنى پۇرىغاندا ۋە يېمەكلىكنى ئويلىغاندىمۇ قۇسۇش بولىدۇ، قۇسۇقتا ئۆت سۇيۇقلۇقى ۋە قان ئارىلاشقان يېمەكلىك ئاساسىي تەركىب بولىدۇ.

 3. جىگەر ياللۇبىدىن پەرقلەندۈرىلىدۇ. جىگەر ياللۇغى بىر خىل ئومۇمىي بەدەنلىك ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، جىگەر ساھەسىدە ئاغرىش، جىگەر خىزمىتى ناچارلىشىش، قىسمەن تۈرلىرىدە بەدەنگە سېرىقلىق چۈشۈش، مايلىق تاماقتىن سەسكىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. ئىشتىھاسىزلىق، ماغدۇرسىزلىق، ئۇسسۇزلۇق بولۇش ئەڭ تىپىك ئالامەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا، قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈش ئەڭ ئىشەنچلىك بولىدۇ. يەنى جىگەر ئىقتىدارىنى تەكشۈرگەندە ئامىنو يۆتكىگۈچى ئىنزىم (转氨酶) يۇقىرىلايدۇ.

1. روھىي جەھەتتىن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 2. يېمەك-ئىچمىكى تەرتىپكە سېلىنىدۇ. 3. تىنچلاندۇرۇپ قۇسۇشنى توختىتىش، مېڭە-يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، ھەزىم خىزمىتىنى ياخشىلاش مەقتىسىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

كېسەللىك ئەھۋالى يېنىك بولغاندا ئامبۇلاتورىيىدە داۋالاش بىلەن مۇۋاپىق ئارام ئالدۇرۇش، يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەپ، سۇيۇق، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى بېرىش، شۇنداقلا ئەھۋالغا قاراپ قۇسۇشنى توختاتقۇچى دورىلارنى بېرىش، ئېغىر بولغاندا، بالنېتسقا ئېلىپ داۋالاش لازىم.

1. دەم ئېلىش بىلەن ھەرىكەتنى بىرلەشتۈرۈش

يېتىپ ئارام ئېلىش، ياتاق ھاۋاسىنىڭ ساپ ۋە ئالمىشىپ تۇرۇشىغا، پاكىز بولۇشىغا دىققەت قىلىش، قۇسۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئامىللارنى تۈگىتىش، نېرۋىنى غىدىقلايدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش كېرەك. كېسەللىك ئەھۋالى سەل ياخشىلانغاندىن كېيىن ھەزىم قىلىش خىزمىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن كارىۋاتتىن چۈشۈپ مۇۋاپىق ھالدا ھەرىكەتلىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش لازىم.

2.يېمەك-ئىچمەكنى تەرتىپكە سېلىش

ھامىلىدارلىقتىكى شىددەتلىك قۇسۇش 48 ~ 24 سائەتكىچە تاماق يېمەسلىكى ھەمدە سۇيۇقلۇق تولۇقلىشى لازىم. قۇسۇش توختىغاندا ئاندىن بىمارنى تاماق يېگۈزۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش يەنى بىمار ياخشى كۆرىدىغان ھەمدە تەركىبىدە شېكەر، تۇز ۋە ۋىتامىن كۆپ بولغان، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلدۇرۇش لازىم.

3.دورا ئارقىلىق داۋالاش

 تىنچلاندۇرغۇچى ۋە قۇسۇشنى توختاتقۇچى، مېڭە-يۈرەكنى قۇۋۋەتلىگۈچى، ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ۋە تۇتۇش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرغۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەھۋالغا قاراپ، تۆۋەندىكى دورىلار تاللاپ بېرىلىدۇ. مەجۈنى بەرىششا، جاۋارىش ئۇد، بېھى شەربىتى، ئامىلە نوشدارى، نارپىننە، ئەرقى پودىنە، خېمىرى مەرۋايىت، ئالما شەربىتى، جاۋارىش خوزى، جاۋارىش زەنجىۋىل، جاۋارىش كۈنجۈت، جاۋارىش مىشكى، سۇفۇپى غەشيان، پىننە گۈقەنتى، قىزىل گۈل گۈلقەنتى، ئانار شەربىتى، مۇپەررىھ ياقۇت قاتارلىق دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.

بەدەن تېمپېراتۇرىسى، تومۇر سوقۇش، قان بېسىمى، تېرە ۋە كۆزلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىپ، باشقا نورمالسىزلىق سېزىلسە دەرھال شۇنىڭغا قارىتا چارە قىلىش لازىم. داۋالاش جەريانىدا سۈيدۈكتىكى كىتۇننى تەكشۈرۈپ تۇرۇش، ئەگەر دورا ئارقىلىق داۋالاش ئۈنۈم بەرمىسە ھامىلىدارلىقنى دەرھال توختىتىش لازىم.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1208

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1208

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#