مىكېلانگىلو

مىكېلانگىلو

مېكلانجىلو (1475_1564)، ئىتالىيە ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى دەۋرىدىكى ئۇلۇغ رەسىم، ھەيكەلتىراش، بىناكارلىق ئۇستىسى ۋە شائىر، ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققا ۋەكىلى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى مېكلانجىلو
باشقا نامى 米开朗基罗·博那罗蒂
يۇرتى فلورېنسىيە - ئارچا مەھەللىسى بازىرى
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادىيە 1564-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى ساينت مارد گۇ موناستىرى مېدىچ ئىنستىتۇتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 米开朗基罗
دۆلەت تەۋەلىكى ئىتالىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىيە 1475-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
كەسپى ھەيكەلتىراش، رەسسام، بىناكار
چەتئەلچە نامى Michelangelo di Lodovico Buonarroti Simoni

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مېكلانجىلو 1475-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى تۇغۇلغان، ئىتالىيە فلورېنسىيە شەھەر ئەتراپىدىكى دولقۇن رەستە كاپۇلېس شەھەردىكى بىر ئوتتۇرا تەبىقىدىكى كىشى، ئۇنىڭ دادىسى كاپۇلېسنىڭ غەربىدىكى ئىككى رايوننىڭ ئەڭ ئالىي مەمۇرىي ئەمەلدارى. ئانىسى مېكلانجىلو ئالتە ياشقا كىرگەندە ئالەمدىن ئۆتكەن. مېكلانجىلو 13 ياش ۋاقتىدا رەسىم سىزىشقا كىرىشكەن، كېيىنچە يەنە ئويمىچىلىقنى ئۆگەنگەن. ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشى ئاساسلىقى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق بولغان. مېكلانجىلو ئادەم رەسىمىنى ئويۇشقا ھەممىدىن بەك قىزىقاتتى ھەمدە ناھايىتى بۇرۇندىن باشلاپلا ئادەمنى ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ بىردىن بىر ئوبىكتى قىلغان. 

تەڭداشسىز ھەيكەل 

تەڭداشسىز ھەيكەل1498-يىلى، ئەمدىلا 23 ياشقا كىرگەن مېكلانجىلو رىم ساينت پېتېر چېركاۋىدا ئىجادىيىتى « مەرمەر تاش توپ ھەيكىلى »، « خرىستوسقا ماتەم تۇتۇش »ئەسىرىنى باشلايدۇ، بۇ ئەسەر ئىككى يىلدىن كېيىن تاماملىنىدۇ. ئەسەرلىرىنىڭ ماتېرىيالى ئىنجىل قىسسىلىرى. ئەيسا تەرىپىدىن كرېستقا مىخلاپ بولغاندىن كېيىن، بۈۋى مەريەم ئانا ئۆلۈپ كەتكەن ئوغلىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئېغىر ئازابقا ئۇچىرغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. ئەمما مىكېلانگىلو بۈۋى مەريەم ئانىنى بىر ياش، سىرتقى قىياپىتى گۈزەل، تىپتىنچ، چىرايلىق چوكان، ئۇ ئۈن-تىنسىز ھالدا ئېڭىشىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئوغلىنى قۇچاقلاپ ئويغا پاتقان، ماتەم تۇتقان، ئەيسانىڭ ئانىنىڭ قۇچىقىداجىمجىت ياتقان چىراي ئىپادىسى ئىززەت-ئابرويى تەسۋىرلەنگەن. پۈتكۈل ھەيكەلدە سۈرلۈك كەيپىيات ئىچىدىكى ھەمدە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئانا مېھرى ئۇرغۇپ تۇرىدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن. بۇ ھايات- ماماتلىق، ئازاب بىلەن مېھرىبانلىق بىر گەۋدىلەشكەن ئىناقلىقنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكى  يۈكسەك غايە ۋە ئېسىل پەزىلىتى مەدھىيەلەنگەن. 

كىشىنى چۆچۈتىدىغان رەسىم

كىشىنى چۆچۈتىدىغان رەسىم1508-يىلى، پاپا جۇلىوۋ مېكلانجىلوغا ۋاتىكان سىستىن چېركاۋىنىڭ تورۇسغا رەسىم سىزىشنى تەلەپ قىلغان. مېكلانجىلو ئەسلىدە خالىمايدۇ، كېيىن بويسۇنماقتىن باشقا ئامال يوقلىقىنى بىلىپ ماقۇل بولىدۇ، لېكىن ئۇ قۇبۇل قىلسىلا ھامان مۇكەممەللىكنى قوغلىشىش بولۇپ قالىدۇ، لىكىن ئۇ ھەرگىز سەنئەتكە بىھۆرمەتلىك قىلمايدۇ، تۆت يىل بەش ئاي ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، ھازىرغىچە يېتىپ كەلگەن تورۇس رەسىملىرى « ئەسىر يارىتىش » گىگانىت ئەسەر دەپ قارالغان ئەسىرىنى تاماملىغان.

24 يىلدىن كېيىن، مىكېلانگىلو يەنە يەتتە پاپىنىڭ دۇنيا سائادىتى سىستىن چېركاۋىنىڭ نەزىر-چىراغ مېھرابى ئۇدۇل تامىغا كىشىنى چۆچۈتىدىغان چوڭ تىپتىكى تام رەسىمىنى يەنى « قىيامەتتىكى سوراق » نى سىزىپ بەرگەن. مېكلانجىلو ئۆزى يالغۇز قەيسەرلىك بىلەن ئالتە يىل خىزمەت قىلپ، 220 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان رەسىمدە تەخمىنەن 400 شەخس بولغان رەسىمنى سىزىپ چىققان. 

ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇش لايىھىسى 

ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشىئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا مىكېلانگىلو سەنئىتىگە ئىنتايىن زور قىزغىنلىق بىلەن كىرىشىپ كەتكەن، ھەمدە ئىنچىكە بىلىمى بىلەن ئۇ ئىتالىيە ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى ئەڭ مەشھۇر قۇرۇلۇش ئارخىتىكتورلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 

مېكلانجىلو رىم ساينت پېتېر چېركاۋى قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان، ئۇ بۇ قۇرۇلۇش لايىھىلەش ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلغان. ئۇ بۇ چېركاۋنىڭ دىئامېتىرىنى 43.24 مېتىر كېلىدىغان، غايەت زور يۇمىلاق گۈمبەز ھەيۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر پۈتۈن گەۋدە قىسمەنلىكتىن ھەممىسى دۇنيادا تەڭدىشى يوق نەپىس سەنئەت. ساينت پېتېر چېركاۋى قۇرۇلۇش كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولغاچقا تاكى 1626 يىلدا ئاران پۈتكەن. كىشىنى ئۆكۈندۈرىدىغان بولسا مىكېلانگىلو ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ بۇ ئەسىرىنى كۆرەلمىگەنلىكى.

ئادەملەرنىڭ «ۋاي-ۋۇي! قەدىمقى يۇناندا مۇشىنچىۋالا گۈزەل بەدىئىي ئەسەرلەر بار ئىكەن-ھە!» دىيىشكەنلىرىنى ئاڭلىغان مېكلانجىلو شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ قەدىمقى يۇنان ئەدەبىيات-سەنئىتىنى يېڭىۋاشتىن گۈللەندۈرۈشكە، رىيال تۇرمۇشتا ئادەمنىڭ ھەقىقىي ھۆرمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە، ئادەم تېنىنىڭ گۈزەل ئوبرازىنى سۈرەتلەش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئەسىردىكى جىسمانىي تەننى ئىنكار قىلىدىغان ئىلاھىي ھاكىمىيەت ئىدىيىسىگە تاقابىل تۇرۇشقا بەل باغلىغان.  «داۋىد سۈرىتى» ئاجايىپ مۇكەممەل ئويۇلغاچقا، كىشىلەرنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ياندۇرقى يىلى فلورىنسىيە بۈيۈك سەنئەتكارلار كومىتېتى ئۇنى شەھەرنى قوغدىغۇچى قەھرىمانلارغا سىموۇل قىلىپ ئوردىنىڭ ئالدىغا تۇرغۇزۇشنى قارار قىلدى. «داۋىد سۈرىتى»نىڭ ئىجات قىلىنىشى مېكىلانجىلوغا ئىنتايىن چوڭ ئابروي ئېلىپ كەلدى.


1535-يىلى، رىم پاپىسى مېكىلانجىلونى بوككاسيۇ ئىبادەتخانىسىغا چوڭ تىپتىكى تام رەسىمىنى سىزىشقا مەجبۇرلىدى. ‬1542-يىلى مېكىلانجىلو«ئەڭ ئاخىرىقى سوت» ناملىق بۇ رەسىمنى تاماملىدى. پۈتۈن رەسىمنىڭ ئېگىزلىگى ئون مېتىر، كەڭلىگى توققۇز مېتىر بولۇپ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك ئىدى. بۇ مېكىلانجىلونىڭ ھاياتىدىكى نادىر ئەسەرلەردىن بىرى ھېساپلىندۇ. ئەپسۇسكى، پاپا بۇ تام رەسىمنى كۆرۈپ دەرغەزەپكە كەلدى ۋە مېكىلانجىلوغا ئادەم ئەۋەتتى.

 «-جانابىي پاپانىڭ ئەمرى بىلەن سىزگە ئالاھىدە ئۇقتۇرمەنكى»، دېدى ئەلچى،« مېكىلانجىلو ئەپەندىم، بۇ تام رەسىمنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ تاشلىشىڭىز ياكى ئۇنىڭغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزىشىڭىز شەرت!»

  «-نېمىشقا بۇنداق دەيسىز؟»

  «-سىز ئىلاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن». ئەسلىدە، «ئەڭ ئاخىرقى سوت» خىرىستىيان دىنىنىڭ بىر ئەقىدىسى بولۇپ، ئەقىدىدە ئەيسانىڭ«زامان ئاخىر» بولغاندا قەدىمدىن شۇ كۈنگىچە ئۆتكەن پۈتكۈل ئىنسانلارنى سوت قىلىدىغانلىغى، ئىمانى بارلار بىلەن ئىمانى يوقلارنى ئايرىپ، ئىمانى بارلارنى جەننەتكە كىرگۈزۈپ، ئىمانى يوقلارنى دوزاققا تاشلايدىغانلىغى رىۋايەت قىلىنغان. مېكىلانجىلونىڭ رەسىمى مۇشۇ مەزمۇن بويىچە تەسەۋۋۇر قىلغان ئىدى. ئەمما، ئۇ رەسىمدىكى پېرسۇناژلارنى ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەيسانى ئىنتايىن زوراۋان، ئۇنىڭ ئانىسى مارىيەنى ئىچكى دۇنياسى ئىنتايىن زەھەرلىك سۇلغۇن چىراي قىلىپ تەسۋىرلىگەن: رەسىمدىكى بارلىق پېرسۇناژلارنى يالىڭاچ كۆرسەتكەن. ناھايىتى روشەنكى، بۇ يەردە مېكىلانجىلو ئاشۇ رەسىم ئىجادىيىتى بىلەن دىنىي جەمئىيەت ئىلاھ قىلىپ كۆرسىتىۋاتقان ئەيسا ۋە مارىيەلەرنى كىيىمسىز يۈرىدىغان يىرتقۇچلاردىن قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، پاپا ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى قىلمىغان ئەسكىلىگى قالمىغان دىن تارقاتقۇچىلارغا دارتمىلىغان. مېكىلانجىلو بۇ رەسىمنى ئىجاد قىلىشقا كىرىشىشىتىن بۇرۇنلا سولاققا كىرىش ياكى يەن بىر قېتىم چېگرىدىن ھەيدىلىشكە تەييارلىق كۆرۈپ قويغان. شۇڭا «ئىلاھقا ئاسىيلىق قىلدىڭ» دېگەن گەپنى ئاڭلىغاندا قىلچە رەڭگىنى ئۆزگەرتمەستىن تۇرۇپ:

   «بۇ رەسىم ئۈچۈن توپ-توغرا يەتتە يىل ۋاقىت سەرىپ قىلدىم! ئۇنى ئۆچۈرۋەتمەيلا قالماستىن بەلكى ئۇنى زادىلا ئۆزگەرتمەيمەن!» دەپ جاۋاپ بەردى. پاپا مېكىلانجىلونى قورقۇتالمىغاندىن كېيىن، باشقا بىر رەسسامنى تەكلىپ قىلىپ ئۆزگەرتشىكە مەجبۇرلىدى. ئۇ رەسسام بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ رەسىمدىكى پېرسۇناژلارغا كىيىم كىيدۈرۈپ چىقتى.[3]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#