كەرۋىيا

كەرۋىيا

كەرۋىيا ئۈچەي قۇرتلىرىنى ئۆلتۈرۈش، تېرىنى قىزارتىش، نەپەسنى راۋان قىلىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىشتىھانى ئېچىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى كەرۋىيا
چىقىش ئورنى ئېلىمىزنىڭ كۆپ قىسىم ئۆلكىلىرى ۋە چەت ئەللەردىن چىقىدۇ
خەنزۇچە ئاتىلىشى 藏茴香 zang hui xing
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك ياۋا زىرىنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ، سوقىچاق شەكىللىك، سىرتقى يۈزى كۈل رەڭگە مايىل يېشىل، بەش تال تومپىيىپ چىققان قىرى بار، تەمى ئاچچىق، پۇراقسىز بولۇپ، «كەرۋىيا» نامىدا دورىغا ئىشلىتىىدۇ.

يۇمشىتىش، يەل تارقىتىش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئۈچەي قۇرتلىرىنى ئۆلتۈرۈش، تېرىنى قىزارتىش، نەپەسنى راۋان قىلىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىشتىھانى ئېچىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەكىس تەسىرى

ئۆپكىگە قۇرۇقلۇق يەتكۈزىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

ھەسەل، كەتىرا.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

1. باكتېرىيىگە قارشى تەسىرىگە ئىگە.

2. ئاشقازان ۋە كىچىك ئۈچەينى قوزغىتىدۇ.

3. ئۇرۇقىدىن ئېلىنغان ماددا توشقاننىڭ ئاشقازىنىغا كىرگۈزۈلسە، سۈيدۈك ھەيدەيدۇ.

ئىشتىھاسىزلىق، قورساق ئېسىلىش، قورساق ئاغرىقى، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، نەپەس سىقىلىش، يۈرەك تىترەش، ئاق كېسەل (بەرەس) ۋە ئۈچەي قۇرتى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. كەرۋىيا، قەمبىل،قۇپەل، كاۋا ئۇرۇقى قاتارلىقلاردىن 10 گرامدىن ئېلىپ، دورىلارنى قاينىتىپ ئىچسە، ئۈچەي قۇرتلىرىنى چۈشۈرىدۇ.

2. رۇم بەدىيان، زىرە، پىننە، كەرۋىيا قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ، چايلىق تەييارلاپ ئىچسە سوغۇق يەللەرنى تارقىتىپ ئىشتىھانى ئاچىدۇ.

كۈز پەسلىدە مېۋىسى پىشقاندىن كېيىن، يەر ئۈستىدىكى قىسمى ئورۇۋېلىنىپ مېۋىسى ئايرىلىپ قۇرۇتۇلىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

ئۆپكە ھەم بۆرەككە زىيانلىق.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=437

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#