ياۋرو ئاسىيا تونېلى
ياۋرو ئاسىيا تونېلى (تۈركچە: Avrasya tüneli) ياكى ئىستانبۇل بوغۇزى قۇرۇقلۇق يولى سۈنئىي ئۆتۈشمە تۈرى، ئۇلى 2011-يىل 2-ئاينىڭ 26-كۈنى سېلىنغان، ئاسىيا ۋە ياۋروپا قىرغاقلىرىنى، دېڭىز تېگىنىڭ ئاستىدىن كېنىدىي كوچىسىدا قۇمقاپى بىلەن D-100 تاشيولىدا كوشۇيولۇ (يۈگرەش يولى) مەۋقىئى ئاراسىدىكى لېنىيەدە بىر تاشيول تونىلى ۋە باغلانما يوللىرى بىلەن بىر-بىرىگە باغلىغان تونىل.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ياۋرو ئاسىيا تونېلى (تۈركچە: Avrasya tüneli) ياكى ئىستانبۇل بوغۇزى قۇرۇقلۇق يولى سۈنئىي ئۆتۈشمە تۈرى، ئۇلى 2011-يىل 2-ئاينىڭ 26-كۈنى سېلىنغان، ئاسىيا ۋە ياۋروپا قىرغاقلىرىنى، دېڭىز تېگىنىڭ ئاستىدىن كېنىدىي كوچىسىدا قۇمقاپى بىلەن D-100 تاشيولىدا كوشۇيولۇ (يۈگرەش يولى) مەۋقىئى ئاراسىدىكى لېنىيەدە بىر تاشيول تونېلى ۋە باغلانما يوللىرى بىلەن بىر-بىرىگە باغلىغان تونىل. ئومۇمىي لېنىيە تونېل ۋە باغلانما يوللارى بىلەن 14.6 كلومېتىردۇر. قۇمقاپى بىلەن كوشۇيولۇ ئاراسىدا قاتناش قىستاڭ ھالدا 100 مىنۇتقىچە سۈرىدىغان مۇساپە 15 مىنۇتقا قىسقارتىلىشى مەقسەد قىلىنغان.
ئىستانبۇل بوغۇزىدا ئۈچ كۆۋرۈك ۋە بىر ماشىنا توشۇيدىغان فېرىبوت بىلەن بىرگە تاللاش سۈپىتىدە بىر تاشيول ئۆتۈشمە ئىمكانى ياراتقان، مارماراينىڭ 1.8 كلومېتر جەنۇبىغا قۇرۇلغان بۇ تۈر مەۋجۇت ئۈچ كۆۋرۈكنىڭ ۋە ماشىنا توشۇيىدىغان فېرىبوتنىڭ قاتناش يۈكلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئىستانبۇل غا تېخىمۇ تەڭپۇڭچان بىر شەھەر ئىچى ئۇلاشمىسى قازاندۇرىشى كۈتۈلمەكتە. ئىستانبۇل دا مارماراي سۈنئىي ئۆتۈشمىسىدىن سوڭرە ئىككىنچى سۈنئىي ئۆتۈشمىدۇر. تونېلنىڭ ئۆتۈش ھەققى تاق يۆنىلىش 15 لىرا دۇر. 2017 يىلى ئۆتۈش ھەققى بولسا 16.5 لىرا بولىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.