چۈمۈلە دەرىخى بىلەن دەرەخ چۈمۈلىسى

بىئولوگىيىدە ئىككى تۈردىكى جانلىقنىڭ ئورتاق بىللىلىشىپ ياشاش، بىر-بىرىگە تايىنىش، بىر-بىرىگە پايدا يەتكۈزۈش ھادىسىسى «ئورتاقلىشىپ ياشاش» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇنىڭغا چۈمۈلە دەرىخى بىلەن دەرەخ چۈمۈلىسىنىڭ بىر-بىرىگە تايىنىپ ياشاشتىن ئىبارەت تۈرلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋىتى ئەڭ ياخشى مىسال بولالايدۇ. 

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

برازىلىيە ئورمانلىقلىرىدا يوپۇرمىقى ئابدىمىلىكنىڭكىگە، غولى بامبۇكنىڭكىگە ئوخشايدىغان بىر خىل دەرەخلەر بولۇپ، ئۇ ئۈجمە ئائىلىسىدىكى دۇنياغا مەشھۇر چۈمۈلە دەرىخىدۇر. دەرەخ غولىدا نۇرغۇن تۆشۈكچىلەر بولۇپ، ماكانلاشقان چۈمۈلىلەرنىڭ كىرىپ-چىقىش «ئىشىكى» ھېسابلىنىدۇ. ئىچى كاۋاك ھەم بوغۇملۇق دەرەخ غولى ئۇلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئولتۇراق ماكانىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇلار شۇ جايدا ياشاپ كۆپىيىپ ئەۋلاد قالدۇرىدۇ. ئۇلار خوجايىن بىلەن بىر-بىرىگە يار-يۆلەك بولۇپ ياشايدۇ. شۇڭا، كىشىلەر بۇ خىل دەرەخنى «چۈمۈلە ماكانلاشقان دەرەخ» دېيىشىدۇ.

شۇ جايدىكى ئورمانلاردا مەخسۇس دەرەخ يوپۇرمىقىنى يەيدىغان ئورمان زىيانداش ھاشارىتى − دەرەخ چۈمۈلىسى بولۇپ، دەرەخلەرگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىپ، دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى يەپ تۈگىتىۋېتىدۇ. نەتىجىدە، دەرەخلەر قۇرۇپ قالىدۇ. بىراق، ئۇلار چۈمۈلە دەرىخىنى ھېچنېمە قىلالمايدۇ، چۈنكى، چۈمۈلە دەرىخىگە ماكانلاشقان دەرەخ چۈمۈلىسى ئۇلارنىڭ كۈشەندىسى بولغاچقا، ئۇلار چۈمۈلە دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقىنى يېمەكچى بولسا، دەرەخ چۈمۈلىسى دەرھال دەرەخ تۆشۈكچىلىرىدىن چىقىپ، سەرخىل ئەسكىرىي كۈچىنى توپلاپ، تاجاۋۇز قىلغان دۈشمەنلىرىگە زەربە بېرىدۇ، شۇڭا چۈمۈلە دەرىخى ھامان شاخ-يوپۇرماقلىرى بولۇق، بۈك-باراقسان ئۆسۈۋېرىدۇ. 

دەرەخ چۈمۈلىسى نېمە ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ جەڭگە چىقىدۇ؟ بىئولوگلار بۇنىڭدىكى سىرنى تاپتى. ئەسلىدە چۈمۈلە دەرىخىنىڭ يوپۇرماق سېپىنىڭ تۈۋى قىسمىدا بىر توپ ئىنچىكە تۈكچىلەر ئۆسكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن «مۇلېر تەنچىسى» دېيىلىدىغان كىچىك شارچە ئۆسۈپ چىقىدۇ. ئۇ ئاقسىل ۋە مايلاردىن تەركىب تاپىدۇ. دەرەخ چۈمۈلىسى ئاشۇ كىچىك شارچىلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. كونا شارچە يەپ تۈگىتىلگەندىن كېيىن، يېڭى شارچىلار يەنە ئۆسۈپ چىقىدۇ، شۇنداق قىلىپ بۇ شارچىلار دەرەخ چۈمۈلىسىنىڭ يەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئوزۇقلۇق يېمەكلىكىگە ئايلانغان. شۇڭا، باشقا جانلىقلار كېلىپ يوپۇرماقلارنى غاجاپ يېمەكچى بولسا، دەرەخ چۈمۈلىسى ئاتلىنىپ چىقىپ يېمەكلىك بۇلىغۇچىلارغا زەربە بېرىدۇ.

بىئولوگىيىدە ئىككى تۈردىكى جانلىقنىڭ ئورتاق بىللىلىشىپ ياشاش، بىر-بىرىگە تايىنىش، بىر-بىرىگە پايدا يەتكۈزۈش ھادىسىسى «ئورتاقلىشىپ ياشاش» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇنىڭغا چۈمۈلە دەرىخى بىلەن دەرەخ چۈمۈلىسىنىڭ بىر-بىرىگە تايىنىپ ياشاشتىن ئىبارەت تۈرلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋىتى ئەڭ ياخشى مىسال بولالايدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#