چاقىرسىلا كېلىدىغان ئاپتوبۇس

مۇنداق ئاپتوبۇسلارنىڭ شەھەرنىڭ بەزى كوچىلىرىدا بېكىتى، بېكەتتە ئېلېكترونلۇق چاقىرىش قۇرۇلمىسى بولىدۇ، مېھمان بېكەتتىكى كۇنۇپكىنى بېسىپ، بەلگىلىمە بويىچە چاقىرسىلا، ئاپتوبۇس دەرھال كېلىپ، 8 ~10 مېھماننى ئېلىپ، تېگىشلىك بېكەتكە يەتكۈزۈپ قويىدۇ، شۇڭا ئۇ چاقىرسىلا كېلىدىغان ئاپتوبۇس دەپ ئاتالغان. 

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مۇنداق ئاپتوبۇسلارنىڭ شەھەرنىڭ بەزى كوچىلىرىدا بېكىتى، بېكەتتە ئېلېكترونلۇق چاقىرىش قۇرۇلمىسى بولىدۇ، مېھمان بېكەتتىكى كۇنۇپكىنى بېسىپ، بەلگىلىمە بويىچە چاقىرسىلا، ئاپتوبۇس دەرھال كېلىپ، 8 ~10 مېھماننى ئېلىپ، تېگىشلىك بېكەتكە يەتكۈزۈپ قويىدۇ، شۇڭا ئۇ چاقىرسىلا كېلىدىغان ئاپتوبۇس دەپ ئاتالغان. 

ھەربىر بېكەتتىكى ئېلېكترونلۇق چاقىرىش قۇرۇلمىسىدا يول كۆرسەتكۈچى بولۇپ، ئۈستىگە شەھەر خەرىتىسى، رەقەملىك كۆرسەتكۈچ تاختا ۋە كۇنۇپكا تاختىسى بولىدۇ، مېھمان خەرىتىدىن بارىدىغان بېكەت نومۇرىنى تېپىپ، مىسالى 18 بولسا، تەرتىپ بويىچە بىر ۋە سەككىز نومۇرلۇق ئىككى كۇنۇپكىنى باسسىلا، كۆرسەتكۈچ تاختىدا 18 دېگەن رەقەم كۆرۈنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۆشۈك تېشىلگەن بىر ۋاراق ماگنىتلىق نومۇر كارتىسى چىقىدۇ. بۇ كارتىنى يەنە بىر تۆشۈككە تىقسا، چاقىرىش سىگنالى شۇئان بەلگىلەش مەركىزىگە يېتىدۇ ۋە ئېكراندا ئايان بولىدۇ. بەلگىلىگۈچى تېلېفون ئارقىلىق مېھماننىڭ چاقىرىشىغا جاۋاب بېرىدۇ. 

چاقىرسىلا كېلىدىغان ئاپتوبۇس كومپيۇتېر تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. مېھماننى ھەربىر بېكەتكە يەتكۈزگەندە، ئەمدى قايسى بېكەتكە يەتكۈزىدىغانلىقىنى رادىئوفون ئارقىلىق بەلگىلىگۈچىگە خەۋەر قىلىدۇ. ناۋادا دەل بۇ چاغدا بەلگىلەش مەركىزى يېڭى چاقىرىشنى تاپشۇرۇۋالغان بولسا ۋە بۇ بېكەت ئاپتوبۇسنىڭ يۆنىلىشىگە ئەڭ يېقىن بولسا، بۇ يېڭى ۋەزىپىنى شۇ ئاپتوبۇسقا تاپشۇرىدۇ. 

بەلگىلەش مەركىزى لىنىيىدىكى بارلىق ئاپتوبۇسلارنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ. بەلگىلىگۈچى خۇددى تېلېفون باش ئاپپاراتىدىكى سىم ئۇلىغۇچى خادىمغا ئوخشاش، كومپيۇتېر ئارقىلىق ئەڭ ياخشى بەلگىلەش لىنىيىسىنى تېپىپ، مۇناسىۋەتلىك ئاپتوبۇس شوپۇرىغا تېلېفون بىلەن ئۇقتۇرىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#