تېرىم يېزىسى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. تېرىم يېزىسى ()
  2. تېرىم يېزىسى (يوپۇرغا ناھىيەسى)

تېرىم يېزىسى

تېرىم يېزىسى

تېرىم يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى پەيزىۋات ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ 1.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان بۇلۇپ، شەرقىي تەرىپى يېڭىمەھەللە يېزىسى، جەنۇب تەرىپى پەيزاۋات ناھىيە بازىرىدىكى بارىن بازىرى، شاپتۇل يېزىسى، شىمالىي تەرىپى قوشئاۋات يېزىسى ۋە قىزىلسۇ يېزىسى بىلەن چېگرالىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى تېرىم يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 50 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 铁日木乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر پەيزىۋات ناھىيەسى
تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 26 مىڭ مو

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تېرىم يېزىسىتېرىم يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى پەيزىۋات ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ 1.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان بۇلۇپ، شەرقىي تەرىپى يېڭىمەھەللە يېزىسى، جەنۇب تەرىپى پەيزاۋات ناھىيە بازىرىدىكى بارىن بازىرى، شاپتۇل يېزىسى، شىمالىي تەرىپى قوشئاۋات يېزىسى ۋە قىزىلسۇ يېزىسى بىلەن چېگرالىنىدۇ.

پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 50 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 26 مىڭ مو. يېزىنىڭ قارىمىقىدا ئون مەمۇرىي كەنت، 59 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، 13 پونكىت بار. نوپۇسى 13 مىڭ 333 ئادەم. پۈتۈن يېزىدا ئىككى پارتىيە باش ياچېيكىسى، 20 پارتىيە ياچېيكىسى، 640 نەپەر پارتىيە ئەزاسى، بۇنىڭ ئىچىدە ئايال پارتىيە ئەزاسى 167 نەپەر، دېھقان پارتىيە ئەزالىرى 361 نەپەر. يېزا بويىچە جەمئىي 7 مەكتەپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا مەكتەپ بىر، باشلانغۇچ مەكتەپ 6. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 173 نەپەر، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 2410 نەپەر. مەسچىتتىن 45 ى، دىنىي زاتلاردىن 48 كىشى بار. 2006-يىلى يېزا بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 34 مىليون 400 مىڭ يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 2580 يۈەن.

تېرىم يېزىسىتېرىم يېزىسى تېرىقچىلىقتىن كېۋەز، بۇغداي، قوناق، بالدۇر قوغۇن، بالدۇر كۆكتات ئاساس قىلىنىدۇ؛ باقمىچىلىقتىن  سۈت كالىسى، ئۆي قۇشلىرىنى بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ؛ باغۋەنچىلىك تېرىقچىلىق قارا ئۆرۈك، ئەينۇلانى ئاساس قىلىدۇ. تېرىم يېزىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدە قوغۇننى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق ئەمگەك-مۇلازىمەت ئىقتىسادىنىڭ يېتەكچى كەسىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن يېزىدىكى خەلقنى يېتەكلەپ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇردۇ.

يېزا بويىچە بۇغداي تېرىش كۆلىمى 9500 مو، ئېڭىز قوناق 8000 مو، كېۋەز 11 مىڭ مو، قوغۇننى پىلانلىق تېرىش 2000 مو، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى 1000 ى بار.

يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى جەھەتتە 2000-يىلدىن ھازىرغىچە يېزا بويىچە بىرلىكتە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىش پىلانى يېڭىدىن 720 گە يەتكەن .

2007-يىلى پۈتۈن يېزا بويىچە 5 مىڭ مو يەرنى سۇ-تۇپراق ئېچىپ ۋە پىلانلاپ، بۇنىڭ بىلەن تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 3000 مو ساپ ئاشقان.

تېرىم يېزىسىيېزا-ئىگىلىك ئەسلىھەلىرى تەرەققىياتىدا ئۆزگىچە كەسىپلەرنى گەۋدىلەندۈرۈش.

ئالدىنقى يىلى 170 ئورۇن ئاساسىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان چوڭ پارنىك ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ 800 گە يەتكەن. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن پارنىك نىشانى ۋە تېرىقچىلىق تۈرى كۆپەيتىلىپ بىراقلا پىشىش مەزگىلى يۇقىرلاپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سوغۇقتىن ساقلىنىش كۈچەيتىلىگەن.

تېرىم يېزىسىتەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ۋاستىچىسى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش داۋاملىق ئىلھام بېرىپ، 2007-يىلى ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى 3500 كىشى، بۇلار ئىچىدە پەسىل خاراكتېرلىك چىقىرىدىغان ئادەملەر 2400 ئادەم، يېقىن ئەتراپتىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش ئەسلىدىكى ئاساستىن 400 ئادەم كۆپەيگەن.

تېرىم يېزىسى2007-يىلىدىكى تېرىم يېزىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادىنىڭ نىشانى ۋە نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تەدبىرى. ئومۇمىي نىشانى : ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، پاختا بىرلىك مەھسۇلاتنى ئۆستۈرۈش، ئومۇمى مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇپ يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش قەدىمىنى تېزلىتىپ، گەۋدىلىك ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قوغۇن، باغۋەنلچىلىك ئۆز ئۈستۈنلۈكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، قوغۇن ئەمگەك-مۇلازىمەت ئىقتىسادىنىڭ يىللىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق يول. يېزا بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 46 مىليون 697 مىڭ يۈەن بۇلۇپ، %19.7 ئاشقان. دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 3421.53 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن كىرىمىنى ئاشۇرۇش 841.53 يۈەن، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪32.6 يۇقىرى كۆتىرىش نىشان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#