خۇاشيا مىللىتى

خۇاشيا مىللىتى

مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 5000 نەچچە يىلدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 200 نەچچە يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتقا كەلگۈچە، جۇڭگودىكى قەدىمكى خۇاشيا مىللىتى خۇاڭخې ۋادىسىدا تىرىكچىلىك قىلىپ ۋە ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ، قەدىمىي مەدەنىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

ئۇيغۇرچە نامى خۇاشيا مىللىتى
خەنزۇچە نامى 华夏族

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 5000 نەچچە يىلدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 200 نەچچە يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتقا كەلگۈچە، جۇڭگودىكى قەدىمكى خۇاشيا مىللىتى خۇاڭخې ۋادىسىدا تىرىكچىلىك قىلىپ ۋە ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ، قەدىمىي مەدەنىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

غەربتە لۇڭشەن تېغىدىن شەرقتە تەيشەن تېغىغىچە بولغان كەڭ زېمىندىكى ياڭشاۋ مەدەنىيىتى بىلەن لۇڭشەن مەدەنىيىتىنىڭ ئىزنالىرى خۇاشيا ئەجدادلىرى مەدەنىيىتىنىڭ ئاللىقاچان يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە كىرگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. قەدىمكى رىۋايەتلەرمۇ خۇاشيا ئەجدادلىرىنىڭ ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسى باسقۇچىدىن ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسى باسقۇچىغا ئۆتكەنلىكىدەك ئۇچۇرنى ئاشكارىلاپ بەردى. پادىشاھ بىلەن چىيۇ جۈلۇ ناھىيىسىدە جەڭ قىلغان، يەنە يەندى بەنچۇەننى مەغلۇپ قىلغان، پادىشاھ ھەممە ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان. قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ داھىيلىرى ياۋ، شۈن، يۈلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە نەۋرە-چەۋرىلىرى ئىدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 21-ئەسىردە يۈينىڭ ئوغلى چى جاھاننى ئىلكىگە ئالدى ۋە 600 نەچچە يىل داۋاملاشقان شيا سۇلالىسىنى قۇردى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 16-ئەسىردە شاڭ سۇلالىسى قۇرۇلدى. شاڭ دۆلىتىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەجدادى شەرقىي يىلار ئىدى. شاڭ سۇلالىسى تىپىك قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت بولۇپ، قۇللارنىڭ ئەمگىكى شانلىق برونزا مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 11-ئەسىردە جۇ سۇلالىسى شاڭ سۇلالىسىنىڭ ئورنىنى ئالدى. جۇ جەمەتى ئۆزلىرىنى شيا مىللىتىنىڭ تارمىقى ھېسابلاپ، رۇڭ، دىلار بىلەن ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ چاڭلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يېقىن. بۇ ھەرقايسى قەبىلە گۇرۇھلىرى پادىشاھنى ئۆزىنىڭ ئەجدادى قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئالدى بىلەن خۇاڭخې دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارماق ئېقىنلىرىدىكى رۇ، يىڭ دەريالىرىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى رايونلاردا تىرىكچىلىك قىلغان، ئارقىدىنلا خۇەيخې دەرياسى، سۇرابا دەرياسى، چاڭجياڭ دەرياسى ۋە خەنشۈي دەرياسى ۋادىلىرىغا كېڭەيگەن. ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردە ئۇلار ئۆزئارا ئۈزلۈكسىز ئالاقە قىلىپ، كۈرەش قىلىپ، يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ۋە سىڭىشىپ ئورتاق مىللەت − خۇاشيا مىللىتىنى شەكىللەندۈرگەن ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنى بەدەۋىلەر، يىلار، دىلار ۋە رۇڭلاردىن پەرقلەندۈرگەن. ئەمما، بۇ ۋاقىتتىكى خۇاشيالار بىلەن يىلارنىڭ پەرقى ئانچە ئېنىق ئەمەس ئىدى.ئەمىنىيە دەۋرىدە، خۇاشيالار بىلەن يىلار ئارىسىدا ئېسىلزادىلەر بىلەن بەدەۋىلەر، ئەزىزلەر بىلەن پەسلەر قارىشىنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇر بولۇپ، مىللەت تۈرى بىلەن مەدەنىيەتنىڭ ئوخشاشماسلىقى خۇاشيالار بىلەن يىلارنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئۆلچىمى قىلىنغان. چى بېگى خۇەنگۇڭ ئوتتۇرىغا قويغان «پادىشاھنى ھۆرمەتلەپ، بەدەۋىلەرگە قارشى تۇرۇش» شوئارىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى تۆرىلەر ئومۇميۈزلۈك قارشى ئالغان، كۇڭزى يى، دى بولۇپ قېلىشنىڭ ئۆزى تېخىمۇ مىسلىسىز ئاپەت دەپ قارىغان. ئەينى ۋاقىتتا چۇلار جاڭگال بەدەۋىلىرى دەپ ئاتالغان. چىنلار غەربتىكى رۇڭلار، شىمالدا شىمالىي دىلار، تاغ رۇڭلار، شەرقتە لەييىلار، خۇەييىلار بار ئىدى. يېغىلىق دەۋرىگە كەلگەندە، چىن، چۇ بەگلىكلىرى ئاللىقاچان چى، خەن، جاۋ، ۋېي ۋە يەن قاتارلىق بەگلىكلەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ شيالار دەپ ئاتالغان ھەمدە ئەڭ كۈچلۈك خۇاشيا تۆرىلەر دۆلىتى قۇرۇلغان. يېغىلىقلار دەۋرىدىكى يەتتە بەگلىك بىرلىشىش، باشقىلارنى ئۆزىگە چېتىش ۋە ئىستېلا قىلىش، بىرلىككە كېلىشتەك تارىخىي ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ئارقا-ئارقىدىن كىرگەن بەدەۋىلەر، يىلار، رۇڭلار ۋە دىلارمۇ پەيدىنپەي خۇاشيا مىللىتىگە سىڭىپ، مۇقىم مىللەت گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ چاغدا خۇاشيا مىللىتىنىڭ پائالىيەت دائىرىسى شەرقىي شىمالدا لياۋ دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىغىچە، غەربىي شىمالدا جاۋخې دەرياسى ۋادىسىغىچە، غەربىي جەنۇبتا با(جۇ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بەگلىك نامى، بۈگۈنكى سىچۇەننىڭ چۇڭچېڭ ئەتراپلىرى) ، شۇ(سىچۇەن) ، چيەن(گۇيجۇ) دىيارلىرىغىچە، شەرقىي جەنۇبتا ۋۇ، يۆلەرنىڭ زېمىنلىرىغىچە بولغان رايونلارغىچە كېڭەيگەن. 

خۇاشيا مىللىتى شەكىللىنىش جەريانىدا شانلىق قەدىمىي مەدەنىيەتنى بەرپا قىلىپ، برونزا دەۋرىدىن تۆمۈر قوراللار دەۋرىگە كىرىپ، تۈگۈچكە ئىش خاتىرىلەشتىن ھەرقايسى ئېقىملاردىكى ئۆلىمالارنىڭ بەس-بەستە سايراش دەۋرىگىچە تەرەققىي قىلىپ، فېئوداللاشتۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى تاماملاپ، بىرلىككە كەلگەن فېئوداللىق چوڭ ئىمپېرىيە − چىن سۇلالىسىگە قاراپ قەدەم تاشلىغان. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    33.3%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    66.7%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#