سۈت بېزى ياللۇغى

سۈت بېزى ياللۇغى ئانىلارنى ئايلىنىپ كېتەلمەيدۇ، ئانىلار دائىم ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىراق مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سۈت بېزى ياللۇغى بولۇپ قالىدۇ ھەم كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە توغرا قارىماي، سۈت نەيچىسى يېرىلىپ كېتىدۇ. 

غەرب تېبابىتى نامى سۈت بېزى ياللۇغى
جۇڭيى تىبابىتى نامى يېلىن غەلۋىرىكى
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار بالا ئېمىتۋاتقان ئاياللار
يۇقۇملىنىش يولى ئەگەشمە سۈت باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىش
ئاساسلىق ئالامىتى قىزىرىپ، ئىشىپ ئاغىرىش
خەنزۇچە نامى 乳腺炎
تەۋە بۆلۈم سۈت بېزى تاشقى بۆلۈمى
چەتئەلچە نامى mastitis

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۈت بېزى ياللۇغى ئانىلارنى ئايلىنىپ كېتەلمەيدۇ، ئانىلار دائىم ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىراق مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سۈت بېزى ياللۇغى بولۇپ قالىدۇ ھەم كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە توغرا قارىماي، سۈت نەيچىسى يېرىلىپ كېتىدۇ. يىرىڭ، سۇيۇقلۇقلار سۈتكە قوشۇلۇپ كېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بالىنى ئېمىتىشكە بولمايدۇ. ئادەتتە ئەمچەك توپچىسى يېرىلىپ كەتكەچكە، باكتېرىيىلەر ئەمچەك توپچىسىدىن كىرىپ، سۈت بېزى ياكى سۈت نەيچىلىرى ئەتراپى ياللۇغلىنىدۇ. ۋاقتىدا داۋالانمىغاچقا ئەمچەك زىيادە تولۇپ كېتىدۇ.

 سۈت بېزى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، بالىنى ئېمىتىش قىياپىتىدىن باشلاش ھەم سۈت نەيچىلىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئېمىتىشتىن ئاۋۋال، ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ، بالىنىڭ پاكىز ئەمچەك توپچىسىنى ئېمىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، سۈتنىڭ تىنىپ قېلىشىنى ئازلىتىش كېرەك. ئاز-ئازدىن، بىراق كۆپ قېتىم ئېمىتىش سۈت بېزى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ھالقا. شۇنداقلا، ئەمچەك ۋە ئەمچەك توپچىسىنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىپ، بالا ئېمىتىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن ۋاقتىدا تازىلاپ، يۇقۇملىنىش پۇرسىتىنى ئازلىتىش لازىم.

 ئەمچەك ئەتراپى قىزىرىش، ئىشىپ ئاغىرىش، مۇزلاش، بىماردا يۇقىرى قىزىتما ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈش، سۈت بەك ئاز ياكى بەك كۆپ بۇلۇش، ئۇيۇپ قالغاندەك بۆلەك-بۆلەك بۇلۇپ تىنىپ قېلىش، بالا ئېمىتكەندە چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئاغىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.   

ئۆتكۈر خارەكتىرلىك سۈت بېزى ياللۇغىقا ئادەتتە كلىنىكىدا دىئاگنوز قويۇلىدىغان بۇلۇپ، ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان خىمىيەلىك تەكشۈرۈش بولسا قان دانچىسى، ئاق قان ھۈجەيرىسى ياكى نېيترال دانچە ھۈجەيرىلىرى ئۆرلەپ كېتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە رەڭلىك ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئورنىدا چوڭ - كىچىكلىكى بىلەن يىرىڭلاش ئەھۋالىنى تەكشۇرتۈشكە بولىدۇ .

ئەگەر ئانا بىر ئاز چارچىغاندەك، زۇكام بولغاندەك ھېس قىلسا، ئۇنداقتا سۈت بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقنىڭ دەسلەپكى ئاگاھلاندۇرۇشى بولىدۇ. ئەگەر ئەمچەكنىڭ ئايرىم بىر قىسمى ياكى ھەممە قىسمى قاتتىق ئاغرىپ، قىزىرىپ ئىششىپ، ھەتتا تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ كەتسە ئۇنداقتا سۈت بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ چوڭلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىش، ئەگەر سۈت بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىق بولسا، ۋاقتىدا ئاكتىپ ھالدا دوختۇرغا ماسلىشىپ داۋالىنىشى كېرەك.

 ئارام ئالغاچ بالا ئېمىتسە، ناھايىتى راھەت بولىدۇ. سۈت ئاجرىتىلغاندا، سۈتنىڭ بەدەن ئىچىدە قالدۇرغان تەسىرى بىلەن ياللۇغلىنىش، قىزىرىش ۋە ئاغرىغان ۋاقىتتا ئاغرىقنى توختىتىش دورىسى بىر ئاز بىخەتەر بولۇپ، بالا ئېمىتىشقا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.  ئەمچەك يىرىڭلىق ئىششىقى ئەڭ ياخشى كۈتۈپ تۇرماستىن يىرىڭنى يىرىڭ سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق تازلاش، يارا ئېغىزنىڭ ياللۇغلىنىپ قېلشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ۋاقتىدا دورا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش. زۆرۈر بولغاندا ئىممۇنىتېت ئوكۇلىنى ئۇرۇپ داۋالىسىمۇ بولىدۇ. بولۇپمۇ قىزىغان، سۈت بېزى ياللۇغى قايتا-قايتا قوزغالغان بولسا، ئانىنىڭ تامىقى مايسىز بولۇشى، داۋاملىق قىزىۋەرگەندە سۇ مىقدارىنىڭ ئىنتايىن تېز خورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتىدا سۇ تولۇقلاش لازىم.

 سۈت بېزى ياللۇغى تۈپەيلىدىن بالا ئېمىتىشنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ-دە، ئەمچەكنىڭ ياللۇغلىنىشى ئېغىرلىشىدۇ. ھەتتا ئېشىپ كېتىپ، ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. پەقەت يىرىڭ سۇيۇقلۇقى سۈتكە ئارىلىشىپ كەتكەندە، ئاندىن ئېمىتىشنى توختاتسا بولىدۇ. بىراق، بۇ ۋاقىتتا يەنىلا سۈت سۈمۈرۈش ئەسۋابى ئارقىلىق ئەمچەكنى بوشىتىش كېرەك.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/962553.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#