پاشا

پاشا ئادەتتە ھاشارەتلەر ئائىلىسىدىكى قوش قاناتلىقلار تۈرىگە تەۋە بولۇپ، پۈتۈن يەر شارىدا 3000 خىلدەك پاشا بار. ئادەتتە چىشى پاشا قاننى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، ئەركەك پاشا بولسا ئۆسۈملۈك شىرنىسىنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى پاشا
ئىنگلىزچە نامى mosquito
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى ھاشاراتلەر سىنىپى (insecta)
ئائىلىسى پاشا ئائىلىسى (muscidae)
خەنزۇچە ئاتىلىشى
تارقالغان رايونلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى
تىپى بوغۇم ئاياغلىقلار تىپى (arthropoda)
تۈركۈمى قوش قاناتلىقلار تۈركۈمى (diptera)
ئۇرۇقداشلىرى پاشا ئۇرۇقدىشى (culex)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پاشاچوڭ پاشا ئادەتتە ئىككى خىل بولۇپ، بىر خىلى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1000 مېتىردىن ئاشىدىغان جايدا ياشايدىغان سۆسۈن پاشا، يەنە بىر خىلى 1000 مېتىردىن تۆۋەن جايدا ياشايدىغان سېرىق قورساقلىق پاشا، ئۇلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئادەتتىكى پاشىلارنىڭكىدىن 10 ھەسسە ئەتراپىدا بولۇپ، بىر بارماقچىلىك كېلىدۇ. بۇ ئىككى خىل پاشىنىڭ سانى ھازىر ئىنتايىن ئاز قالغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار بۇنى ئادەتتە چوڭ پاشا دەپ ئاتايدۇ. 

پاشا ئادەتتە ھاشارەتلەر ئائىلىسىدىكى قوش قاناتلىقلار تۈرىگە تەۋە بولۇپ، پۈتۈن يەر شارىدا 3000 خىلدەك پاشا بار. ئادەتتە چىشى پاشا قاننى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، ئەركەك پاشا بولسا ئۆسۈملۈك شىرنىسىنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. پاشىنىڭ زەھەرلىك ئەزاسى بار بولۇپ، چېقىش ئارقىلىق كېسەللىك ۋىرۇسىنى تارقىتالمايدۇ. قان شورايدىغان چىشى پاشا بولسا دېنگى قىزىتمىسى، بەزگەك، سېرىق قىزىتما قاتارلىق كېسەللىك ۋىرۇسلىرىنى تارقىتالايدۇ. ئانتاراكتىدا قىتئەسىدىن باشقا بارلىق جايلاردا ئاساسەن پاشا بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئانوفېلىس پاشىسى، ئېدېس پاشىسى، كۇلېكس پاشىسى قاتارلىقلار ئەڭ داڭلىق. 

پاشاپاشا كۆپ ھۈجەيرىلىك جانلىق بولۇپ، چوڭ كىچىكلىكى تۈرلەرگە ئاساسەن ئوخشىمايدۇ. ئەمما كۆپ قىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 15 مىللىمېتىردىن كىچىك بولۇپ، ئېغىرلىقى ئاساسەن 2.5 ~ 2 مىللىگرام ئەتراپىدا. پاشىنىڭ 22 چىشى، بىر جۈپ قانىتى، يەنە بىر جۈپ قانىتى چېكىنىپ، تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچقا ئايلىنىپ كەتكەن. ئۇچۇش سۈرئىتى سائىتىگە 2.5~1.5 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئادەتتە پاشا ئۇچقاندا قانىتىنى سېكۇنتىغا 594 قېتىم ئەتراپىدا تەۋرىتىدۇ. بۇنداق تىترەش، بىزگە پاشا ئۇچقاندىكى «ۋىڭ-ۋىڭ» ئاۋاز تەسىرىنى بېرىدۇ. يەنى بۇ ئاۋاز ھەرگىزمۇ پاشا چىقارغان ئاۋاز ئەمەس بەلكى قانىتىنىڭ تىترىشى ئاستىدا چىققان ئاۋاز بولۇپ، ئىنتايىن ئۆتكۈر شىپرىسقا ئوخشاش تىلى بولىدۇ. پاشىنىڭ رەڭگى ھەرخىل بولۇپ، بۇ پاشىنىڭ تۈرىنى ئايرىشتىكى مۇھىم ئاساسلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، كۆپىنچە كېچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ.[2]

پاشاپاشا ئاجىز يورۇقلۇققا ئامراق كېلىدۇ، پۈتۈنلەي قاراڭغۇ ياكى نۇر بەك كۈچلۈك بولسا ھېچقايسىسىنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئەلۋەتتە ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى پاشا ياخشى كۆرىدىغان يورۇقلۇقنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىق دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، ئىدىس پاشىسى كۆپىنچە كۈندۈزى ھەرىكەت قىلىدۇ، كۇلېكس پاشىسى ۋە ئانوفېلېس پاشىسى كۆپىنچە تاڭ سەھەردە پائالىيەت قىلىدۇ. لېكىن، مەيلى كۈندۈزى ھەرىكەت قىلسۇن ياكى كەچتە ھەرىكەت قىلسۇن، ھەممىسى كۈچلۈك نۇردىن يوشۇرۇنۇشقا ئۇرۇنىدۇ. قېنىق رەڭلىك كىيىملەرنى، مەسىلەن، قېنىق كۆك، جىگەر رەڭ، قارا دېگەندەك. چۈنكى بۇنداق كىيىملەرنىڭ نۇرى بىر قەدەر تۇتۇق بولغاچقا، پاشىنىڭ ياشاش ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشالايدۇ. رەڭلىك كىيىمدىن قايتقان نۇر بىر قەدەر كۈچلۈك بولغاچقا، پاشا قوغلاش رولى بار.[0]

پاشا يوقىتىش چىرىغى

يازدا پاشا ئەدەشكە باشلايدۇ، شۇڭا كىشىلەر ھەر خىل پاشا يوقىتىش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىدۇ، پاشا يوقىتىش چىرىغى مۇشۇ ۋاستىلەرنىڭ بىرى. ئۇنداق بولسا پاشا يوقىتىش چىرىغى راستتىنلا پاشا يوقىتالامدۇ؟ بۇ چىراغنى قانداق ئشلەتكەندە، ئاندىن پاشا يوقىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ؟

پاشا يوقىتىش چىرىغىنىڭ پىرىنسىپى چىراغنىڭ نۇردىن پايدىلىنىپ پاشىنى جەلپ قىلىش، پاشلار بىر يەرگە توپلانغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ھاۋا ئېقىمىدىن پايدىلىنىپ پاشا يىغىش ئورنىغا كىرگۈزۈش، ئاخىرىدا ئىسسىق شامال بىلەن سوقۇپ قۇرۇتۇش، شۇڭا پاشا يوقىتىش چىرىغىنى ئشلەتكەندە ئەتراپتىكى نۇر چوقۇم پاشا يوقىتىش چىرىغىنىڭ نۇرىدىن غۇۋاراق بولمىسا بولمايدۇ، چۈنكى شۇنداق بولغاندىلا پاشا يىغىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. 1مېتىردىن 1.5 مېتىرغىچە ئېگىز جايغا ئېسىش ھەمدە ئورنىنى پات-پات ئالماشتۇرۇش، چىراغنى ھەپتىدە بىر نۆۋەت پاكىز سۈرتۈش كېرەك.

پاشا چاقسا ئەيدىز يۇقامدۇ؟

پاشاپاشا چاقسا ئەيدىز يۇقمايدۇ. بۇ نۇقتا ئىككى تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسى ئارقىلىق ئىسپاتلانغان.

بىرىنچىسى، تەجرىبىخانىدىكى ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى:

ئەيدىز ۋىرۇسى پاشا تېنىدە ياشىيالمايدۇ، چۈنكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئۇلارنىڭ تېنىدە ئوزۇقلۇق قاتارىدا ھەزىم بولۇنۇپ كېتىدۇ.

پاشىنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرگەن ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مىقدارى ئادەمنى يۇقۇملاندۇرۇشقا قەتئىي يەتمەيدۇ.

پاشىنىڭ قان شورۇشى بىلەن شۆلگەي چىقىرىشى ئايرىم- ئايرىم ئىككى نەيچە ئارقىلىق ماڭىدۇ، شورالغان قان تاق يۆنىلىشلىك بولۇپ، ھەرگىز قوشۇپ چىقارمايدۇ، بۇنىسى شىپرىسنى تومۇرغا ئۇرغانغا ئوخشىمايدۇ. شۇڭا پاشا ئادەمنى چاققاندا، قورسىقىغا سۈمۈرۈپ بولغان قاننى ھەرگىزمۇ قايتىدىن قۇسۇپ چىقىرىپ ئادەم بەدىنىگە كىرگۈزمەيدۇ.

ئىككىنچىسى، ئەيدىزنىڭ ئېپىدىمىلوگىيىلىك تەتقىقات نەتىجىسى:

ئەيدىز يۇقۇمى باشلانغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە، يۇقۇش يولى پەقەت ئۈچ خىللا، يەنى قاندىن، جىنسىيەتتىن ۋە ئانىدىن بالىغىلا بولۇپ كەلدى. گەرچە يۇقۇملانغۇچىلار ئاتا- ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇزۇن يىل بىللە ياشىسىمۇ، لېكىن پاشا چېقىش ئارقىلىق بۇ تۇققانلىرىغا يۇقۇپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈپ باقمىدى.[1]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    100%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#