سىياسى تۈزۈلمە

سىياسى تۈزۈلمە

سىياسى تۈزۈلمە (system of government) دېگىنىمىز دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ تەشكىل تېپىش شەكلى، يەنى دۆلەتنىڭ ھوقۇقلۇق ئورگانلىرى نېمىدىن تەشكىللىنىدۇ، قانداق تەشكىللىنىدۇ، ھەر قايسى ئاپاراتلار ئارىسىدىكى ھوقۇق تەقسىماتى، ئورنى ۋە رولى قانداق بولىدۇ دېگەن مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى سىياسى تۈزۈلمە دائىرىسىگە كىرىدۇ. مەسىلەن جۇمھۇرىيەت تۈزىمى دېگەندەك.

ئۇيغۇرچە نامى سىياسى تۈزۈلمە
ئىنگىلىزچە نامى Form of Government
خەنزۇچە نامى 政治体制
تۈزى سىياسى نەزىرىيە ئۇقۇمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سىياسى تۈزۈلمە (system of government) دېگىنىمىز دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ تەشكىل تېپىش شەكلى، يەنى دۆلەتنىڭ ھوقۇقلۇق ئورگانلىرى نېمىدىن تەشكىللىنىدۇ، قانداق تەشكىللىنىدۇ، ھەر قايسى ئاپاراتلار ئارىسىدىكى ھوقۇق تەقسىماتى، ئورنى ۋە رولى قانداق بولىدۇ دېگەن مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى سىياسى تۈزۈلمە دائىرىسىگە كىرىدۇ. مەسىلەن جۇمھۇرىيەت تۈزىمى دېگەندەك.

سىياسەتشۇناسلىق نوقىتسىدىن ئېيتقاندا سىياسى تۈزۈلمە پادىشاھلىق سىياسى تۈزۈلمىسى ۋە جۇمھۇرىيەت سىياسى تۈزۈلمىسى دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ. بۇلار يەنە ئۆز ئىچىدىن نۇرغۇن كىچىك تۈرلەرگە بۆلىنىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەر مۇشۇ خىلدىكى سىياسى تۈزۈلمە شەكلىنى يولغا قويغان.

بۇ خىل سىياسى تۈزۈلمە شەكلىدە پادىشاھ ئەمەلىيەتتىكى ياكى نامدىكى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئاپاراتىنى تەشكىل قىلىدۇ. پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىنىدۇ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. سايلام ئارقىلىق پادىشاھنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئاز ئۇچىراپ تۇرىدۇ. ھازىر دۇنيادا سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەنگلىيە ۋە ياپونيە قاتارلىق دۆلەتلەر پادىشاھلىق تۈزۈلمىنى يولغا قويغان.

پادىشاھلىق سىياسى تۈزۈلمە يەنە ئۆز ئىچىدىن ئاقسۆڭەكلەرنى ئاساس قىلغان پادىشاھلىق تۈزۈلمە، دەرىجە تۈزىمىدىكى پادىشاھلىق تۈزۈلمە، مۇستەبىت پادىشاھلىق تۈزۈلمە ۋە ئاساسىي قانۇنلۇق پادىشاھلىق تۈزۈلمە دەپ بىر قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ.

ئاقسۆڭەكلەرنى ئاساس قىلغان پادىشاھلىق

سىياسى تۈزۈلمىدە بىر دۆلەت پادىشاھ ۋە بىر قانچىلىغان ئاقسۆڭەكلەردىن تەشكىل تاپىدۇ، نامدا بىر دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما دۆلەتنى بۆلۈپ ئىدارە قىلىدۇ، پادىشاھنىڭ ھوقۇقى ئاجىز بولىدۇ. 1048 – يىلدىكى سىياسى ئۆزگىرىشتىن كېيىنكى قاراخانىيلار سۇلالىسىنى مۇشۇ خىل سىياسى تۈزۈلمىدىكى ھاكىمىيەت شەكلى دېيىشكە بولىدۇ.

دەرىجە تۈزىمىدىكى پادىشاھلىق

سىياسى تۈزۈلمىدە موللا – ئالىم، باي – پومىشچىك، تۆرە – ئاقساقاللاردىن ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تەشكىل قىلىنىدۇ، ھەمدە دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىشلىرىغا قارىتا پىكىر – تەكلىپ بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەمما پادىشاھنى چەكلىيەلمەيدۇ. ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانىدانلىقى، دەسلەپكى مەزگىلدىكى قاراخانىيلار سۇلالىسىنى مۇشۇ خىل سىياسى تۈزۈلمىنى يولغا قويغان دەپ قاراشقا بولىدۇ.

مۇستەبىت پادىشاھلىق

تۈزۈلمىدە پادىشاھنىڭ مۇتلەق ھوقۇقى بولىدۇ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە قانۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. دۆلىتىمىزتارىخىدىكى دىكى كۆپ قىسىم خانىدانلىقلار، سەئىدىيە خانىدانلىقىمۇ مۇشۇ خىل سىياسى تۈزۈلمە شەكلىنى يولغا قويغان.

ئاساسىي قانۇنلۇق پادىشاھلىق

تۈزۈلمىدە بولسا پادىشاھنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقى بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھوقۇق ئاساسىي قانۇننىڭ بەلگىلىشى ۋە باشقا ئاپاراتلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، ھازىر دۇنيادىكى پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك مۇشۇ تۈزۈلمىنى قوللىنىدۇ. بۇ تۈزۈلمە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىككى قۇتۇپلۇق پادىشاھلىق تۈزۈم ۋە پارلامېنتلىق پادىشاھلىق تۈزۈم دەپ بۆلىنىدۇ.

ئىككى قۇتۇپلۇق پادىشاھلىق

ئىككى قۇتۇپلۇق پادىشاھلىق تۈزۈمدە پادىشاھنىڭ بىر قەدەر ئەمەلي ھوقۇقى بولىدۇ، پادىشاھ مەمۇرى ھوقۇقنى كونترول قىلىدۇ، مەمۇرى ئاپاراتلار پادىشاھقا مەسئۇل بولىدۇ، قانۇن تۇزۇش ئورگىنى بىلەن ئىككى قۇتۇپلۇق ھوقۇق مەركىزىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئىئوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تىپىك مۇشۇ خىل تۈزۈلمىدىكى دۆلەتتۇر.

پارلامېنتلىق پادىشاھلىق

پارلامېنتلىق پادىشاھلىق تۈزۈمدە پادىشاھنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقى بولمايدۇ، مەمۇرى ئورگان(ئىچكى كابېنت) پارلامېنتقا مەسئۇل بولىدۇ، دۆلەتنىڭ سىياسى پائالىيىتىدە پارلامېنت يوقۇرى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەلۋەتتە يوقارقى ئورگانلار زادى بولالمىغاندا ئاندىن پادىشاھتا ئەمەلىي ھوقۇق شەكىللىنىدۇ، ھەمدە ئاخىرقى كېسىم چىقىرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ. ئەنگلىيە،ياپونىيە تىپىك بۇ خىل سىياسى تۈزۈلمىنى يولغا قويغان دۆلەتلەر ھېسابلىنىدۇ.

جۇمھۇرىيەت سىياسىسى تۈزۈلمىسى دېگىنىمىز دۆلەتنىڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگانلىرى ۋە دۆلەت باشلىقى سايلام ئارقىلىق ۋوجۇتقا كېلىدىغان، ھەم بەلگىلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بولىدغان شەكىلنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل تۈزۈلمىدە ئەڭ كۆپ قوللىنىلغىنى دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت تۈزۈلمە شەكلىدۇر، بۇ ئۆز ئىچىدىن يەنە پارلامېنتلىق جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى، پرېزىدېنتلىق جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ۋە خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تۈزىمى دەپ بۆلىنىدۇ.

پارلامېنتلىق جۇمھۇرىيەت

تۈزۈلمىسىدە پرېزىدېنت «قونچاق» دۆلەت باشلىقى بولۇپ، پارلامېنت قانۇن تۇزۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، ئىچكى كابېنت پارلامېنت سايلىمى ئارقىلىق ۋوجۇتقا كېلىدۇ، ھەمدە ھۆكىمەتنى تەشكىللەيدۇ، ھۆكىمەت پارلامېنتقا مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر پارلامېنت ھۆكىمەتكە ئىشەنمىسە ھۆكىمەت چوقۇم ئىستېپا بېرىشى شەرت ياكى پرېزىدېنتقا پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىشكە ئىلتىماس قىلىپ، قايتىدىن سايلام ئېلىپ بارىدۇ.  مەسىلەن ھازىرقى گېرمانىيە، ھىندىستان مۇشۇ تىپتىكى دۆلەتلەرگە كىرىدۇ.

پرېزىدېنتلىق جۇمھۇرىيەت

تۈزىمىدە پرېزىدېنت ھەم دۆلەت باشلىقى ھەم ھۆكىمەت باشلىقى بولۇپ، مەمۇرى ھوقۇقنى يۈرگۈزىدۇ، ھۆكىمەت كاتتىۋاشلىرىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىدۇ، پرېزىدېنت بىۋاستە ئومۇمىي خەلق سايلىمى ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدۇ، پەقەت خەلىققىلا مەسئۇل بولىدۇ، پارلامېنت ھۆكىمەتكە ئىشەنمەسلىكنى ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ، پرېزىدېنتمۇ پارلامېنتنى تارقىتىۋېتەلمەيدۇ. يەنى ئۈچ ھوقۇق ئېنىق ئايرىلغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ مەمۇرى، قانۇن تۇرغۇزۇش ۋە ئەدلىيە ھوقۇقى باراۋەر بولىدۇ، ھەم بىر بىرىنى چەكلەيدۇ. ئامېرىكا ۋە كۆپ قىسىم دۆلەتلەر مۇشۇ خىل تۈزۈلمىنى ئىشلىتىدۇ.

دۆلىتىمىز يولغا قويغان تۈزۈم بولۇپ، خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى، بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى: جۇملىدىن دۆلەت رەئىسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېىتىنىڭ رەئىسى، ئالىي سوت ۋە ئالىي تەپتىشنىڭ باشلىقلىرى خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدۇ، ئۇنىڭغا مەسئۇل بولىدۇ، خىزمىتىدىن دوكىلات بېرىدۇ ۋە نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا كەڭ خەلق - ئاممىسى سايلىغان ۋەكىللەر بېيجىڭغا بېرىپ خەلىققە ۋاكالىتەن يوقارقى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە شۇ ئورگانلارنىڭ باشلىقلىرىنى سايلايدۇ، دوكىلاتىنى ئاڭلايدۇ، خىزمىتىنى نازارەت قىلىدۇ.

ئۇندىن باشقا دۆلىتىمىزدە  يەنە سىياسى كېڭەش دەيدىغان مەسلىھەتچىلىك ئورگىنى بولۇپ، بۇ دۆلىتىمىزدە كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىدىكى مىللى بىرلىك سەپ تەشكىلاتى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۆۋەن پالاتاسى، مۇھىم تولۇقلىمىسى ھېسابلىنىدۇ.

يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، قانداق سىياسى تۈزۈلمىنى يولغا قويۇش ئاشۇ دۆلەتنىڭ تارىخى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىائىي ئەمەلىيىتىگە باغلىق بولىدۇ. ھەمدە ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ئىسلاھات ۋە ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، سىياسى تۈزۈلمە قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش ۋە ياخشىلاش ھەر قايسى دۆلەت سىياسى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىش بولۇپ قالىدۇ. [1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/118328.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#