چىغىرتماق
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چىغىرتماق چىغىرتماق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، چىغىرتماققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يەر ئاستى يىلتىزسىمان غولى توغرىسىغا ئۆسىدۇ ۋە توم قىسقا تولغاشما شەكلىدە بولۇپ، قارامتۇل خورما رەڭدە كېلىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى تۈۋىدىن كۆپلەپ توپلىشىپ ئۆسىدۇ، شەكلى كەڭ يىپسىمان، چىداملىق، تومۇرلىرى تۈز، روشەن بولىدۇ؛ چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، رەڭگى كۆكۈش سۆسۈن، ئەتراپى سېرىق رەڭدە بولىدۇ؛ غوزا شەكىللىك مېۋىسى قىسقا تاياقسىمان ئالتە قىرلىق بولىدۇ؛ ئۇرۇقىنىڭ رەڭگى قارامتۇل خورما رەڭدە، قىرلىق بولىدۇ.
قان توختىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، ھارارەتنى پەسەيتىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلىنى ياخشى ئېچىلغان ۋاقتىدا يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ؛ ئۇرۇقىنى پىشقان چاغدا يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، تاسقاپ، تازىلاپ، يىلتىزىنى ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە قېزىۋېلىپ، توپىلىرىنى ۋە چاچما يىلتىزىلىرىنى ئېلىۋېتىپ، توغراپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دەريا ۋادىلىرى، ئېتىز قىرلىرى، ئېرىق بويلىرى، تاغ جىلغىلىرى قاتارلىق نەم يەرلەردە ئۆسىدۇ.
چىغىرتماق ئۇرۇقى ۋە بۇدۇشقاق ئۇرۇقىدىن سەككىز گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر يۇتقۇنچاق ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام چىغىرتماق ئۇرۇقىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر سېرىق چۈشۈش تىپىدىكى جىگەر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
چىغىرتماق ئۇرۇقىدىن 12 گرام، سەۋسەردىن 10 گرام، ئانار پوستىدىن 15 گرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، بۇ تالقاننى ئۈچكە بۆلۈپ بىر كۈندە ئىچىپ بەرسە، ھەيز كۆپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.