دىبىق

بۇ دىبىق ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكۈرۈپ تۇرىدىغان ئۆسۈملۈك دىبىق بولۇپ بۇنىڭ ئۆسۈملۈكىنىڭ قۇرۇتۇلغان غول، شاخ، يوپۇرماقلىرى «دىبىق» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى دىبىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 桑寄生

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ دىبىق ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكۈرۈپ تۇرىدىغان ئۆسۈملۈك دىبىق بولۇپ بۇنىڭ ئۆسۈملۈكىنىڭ قۇرۇتۇلغان غول، شاخ، يوپۇرماقلىرى «دىبىق» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئونئانولىك كىسلاتا (Oleanolic acid)، يەنە β— ئامىنىن (β-Amyrin)، سىبىئولوگىيىلىك ئىشقارلار، ئامىنو كىسلاتا ۋە فوسفاتلىق ياغلاردىن تۈزۈلگەن. 

قان توختىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ۋىرۇس، باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرۈش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، قاندىكى ماينى چۈشۈرۈش، راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار.

بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.

يەل ۋە ھۆللۈكنى يوقىتىش، پەي ۋە سۆڭەكلەرنى چىڭىتىش، ھامىلىنى ئاسراش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش، سۈيدۈكنى راۋان قىلىش.

رېماتىزم كېسەللىكلىرى، بەپ، پۇت سىرقىراپ ئاغرىش، پەي ۋە سۆڭەكلەرنى يۇمشاپ يىگىلەپ كېتىشى، پۇت ماغدۇرسىزلىنىش، يۇقىرى قان بېسىمى، ھامىلىدارلىقتىن بولغان بەل ئاغرىش، ھامىلە كۆپ تەۋرەش ياكى ئادەتلەنگەن بويىدىن ئاجراش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. بوزۇغا 10 گىرام، جۆز 10 گىرام، قەلەمپۇر 10 گىرام، قارمۇچ 10 گىرام، دىبىقتىن 10 گىرامدىن ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ تۇخۇم سېرىقى بىلەن زىمات تەييارلاپ قۇرساق ۋە بەلگە چاپسا، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن كىيىنكى بەل ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. موزا 5 گىرام، ئاقىرقەرھا 5 گىرام، جۆز 10 گىرام، بەدىيان 10 گىرام، قارمۇچ 10 گىرام، لاچىندانە ھىندى 10 گىرام، قاقىلە 10 گىرام، دىبىقتىن 10 گىرامدىن ئېلىپ چايلىق قىلىپ ئىچىپ بەرسە، بەپ - پۇت قوللارنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.

24 ~ 35 گىرام.

ئەزالارغا قۇرۇقلۇق يەتكۈزۈپ قويىدۇ.

مەستىكى، كەتىرا.

ئېلىمىزنىڭ جېجياڭ، جياڭشى، خۇبېي، سىچۈەن، يۈننەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىن چىقىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#