يازغۇچى سارترى  (1905-1980-يىللار) فرانسىيە پەيلاسوپى، مەۋجۇدىيەتچىلىك ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىك يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى سارترى
دۆلەت تەۋەلىكى فرانسىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1905-يىل 6-ئاينىڭ 21-كۈنى
كەسپى پەيلاسوپ، ئەدىب
چەتئەلچە نامى Jean-Paul Sartre
خەنزۇچە ئىسمى 让-保罗·萨特
يۇرتى فرانسىيە پارىژ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1980-يىل 4-ئاينىڭ15-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى پارىژ ئالىي پېداگوگىكا مەكتىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

فرانسىيە پەيلاسوپى، يازغۇچى سارترى (1905 −1980-يىللار) «ئادەم ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ» دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ، ئادەم ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆزىنىڭ يارىلىشىنى مۇتلەق «ئەركىن تاللىۋالالايدۇ» دەپ قاراپ، «مەۋجۇدىيەت ماھىيەتتىن ئىلگىرى تۇرىدۇ» دېگەننى تەرغىب قىلغان. ئۇنىڭ بۇ خىل قارىشى پەلسەپىدە مەۋجۇدىيەتچىلىك دەپ ئاتىلىدۇ. سارترى ئۆزىنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىسىنى ھېكايە، دراما شەكىللىرى بىلەن تەشۋىق قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى، بۇنداق ئەسەرلەر مەۋجۇدىيەتچىلىك ئەدەبىياتى دەپ ئاتالدى. سارترى مەۋجۇدىيەتچىلىك ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىك يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى.

«كۆڭۈل ئاينىش»

«كۆڭۈل ئاينىش» سارترىنىڭ ئاتاقلىق ئەسىرى. ئەسەردە باش پېرسوناژ لۇگاندىننىڭ ئىزچىل تاشقى دۇنيادىن ئايرىلىپ، يېگانە ياشىغانلىقى، كېيىن بىر تەتقىقات ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈنلا، ئاندىن شەھەردىكى كۇتۇپخانىغا بارغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. بىر كۈنى، ئۇ دېڭىز بويىدىن بىر تاشنى تېرىۋالغاندا، تۇيۇقسىز كۆڭلى ئاينىپ قۇسۇش بىلەن، تېرىۋالغان ھېلىقى تاشنى تاشلىۋېتىدۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ نېمىنى كۆرسە كۆڭلى ئېلىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ، شۇڭلاشقا تەتقىقات ۋەزىپىسىنى تاشلىماي بولمايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان قاتتىق جىسىم ئىكەنلىكىنى − پەقەت جىسمى بىلەن ئېڭىنىڭ ھەرىكىتىدىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. بىر كۈنى كەچتە ئۇ باغچىدا پوستى سويۇۋېتىلىپ، سىپسىلىق غولىلا قالغان كاشتان دەرىخىگە قاراپ ئىلھاملىنىپ، مەۋجۇتلۇقنىڭ ھەقىقىي ئەھمىيىتى مانا مۇشۇ، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق، دەپ قارايدۇ. 

«مەھكۇملۇق»

سەھنە ئەسىرى «مەھكۇملۇق» سارترىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. ئۇنىڭدا ئۆلگەندىن كېيىن، دوزاخقا مەھكۇم قىلىنغان ئۈچ ئەرۋاھ − گارسا، ئىنېز، ئېسدېرلار تەسۋىرلەنگەن. گارسا توخۇ يۈرەك، ئىنېز جىنسداشلار مۇھەببىتىگە بېرىلگەن ئايال، ئېسدېر ئەرلەرنى قوغلاشقان شەھۋەتپەرەس. بۇ ئىككى ئايال، بىر ئەر ئۆزلىرىنىڭ ھايات چېغىدىكى گۇناھلىرىنى يوشۇرماقچى بولىدۇ، لېكىن يەنە بىر-بىرىنى قوغلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى ئىككىيلەن بىللە بولۇپ قالسىلا، يەنە بىرى ئۇلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تۈگىمەس جەڭگى-جېدەل چىقىدۇ. ئاخىرىدا، ئۇلار بۇ مەھكۇم قىلىنغان دوزاختىن مۇنداق سەۋەبلەر بىلەن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ: گارسا ئەسلىي تىنچلىقپەرۋەر ئەدىب، جەڭدە قورقۇنچاقلىق قىلىپ قاچقانلىقى ئۈچۈن ئېتىپ تاشلىنىپ، دوزاخقا كىرىپ قالغان؛ ئىنېز ئېرىنىڭ ئاشنىسىنى قوغلىۋېتىپ، ئېرىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىغا سەۋەبچى بولغان، شۇڭا ئۆزىمۇ بۇ دوزاخقا تاشلانغان؛ ئېسدېر پۇلغا ئامراق بولغاچقا بىر بوۋاي بىلەن توي قىلغان، يەنە بىر ئاشنىسى بىلەن بېرىش-كېلىش قىلغان ھەم ھارامدىن تۇغۇلغان بوۋىقىنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەرگە كېلىپ قالغان. ئەسەردە بۇ ئارقىلىق مەۋجۇدىيەتچىلىكنىڭ مۇنداق پەلسەپىۋى ئىدىيىسىنى ئىپادىلىگەن: ھەربىر ئادەم ئۆلگۈچە ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغلىشىدۇ؛ لېكىن، ھەربىر ئادەم يەنە بىر ئادەم ئۈچۈن دوزاخ بولىدۇ. درامىدا «باشقىلار سەن ئۈچۈن دوزاخ» دېگەن بىر جۈملە ئەقلىيە سۆز بار، بۇنىڭغا ئەسەرنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى يىغىنچاقلانغان ھەم مەۋجۇدىيەتچىلىكنىڭ پەلسەپىۋى كۆزقارىشى روشەن ئىپادىلەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ سەھنە ئەسىرىنى غەرب ئوبزورچىلىرى ئەينى دەۋر مەۋجۇدىيەتچىلىك درامىلىرىنىڭ ئىچىدىكى «كلاسسىك» ئەسەر، دەپ ئاتىغان.

ئۇنىڭ ئەدەبىيات تەشەببۇسى ۋە ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دىن كېيىنكى فرانسىيە ئەدەبىياتىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. 1964-يىلى شۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيەسى ئۇنىڭغا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بېرىشنى قارار قىلغان، لېكىن، ئۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېرىلگەن ھەرقانداق شان-شەرەپنى قوبۇل قىلمايمەن، دېگەن سەۋەب بىلەن ئۇنى رەت قىلغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/161382.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#