چىرا يېزىسى
چىرا يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چىرا ناھىيەسى نىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، كۇئىنلۇن تېغى نىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقى نىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چىرا يېزىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. چىرا ناھىيەسىنى ئوراپ تۇرىدۇ، ناھىيە بازىرىدىن ئاران 5 . 0 كىلومېتىر يىراقلىقتا، ئومۇمىي كۆلىمى 3195.1 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 45811 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 1.7 مودىن، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 28050 مو، بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي كۆلىمى 14025 مو كۆممىقوناق كۆلىمى 14025 مو، ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمى 4800 مو، ئورمان يەر كۆلىمى 19125 مو، 4500 مو ئوتلاق، قاقاسلىق 3 مىڭ مو، باشقا يەر كۆلىمى 7861 مو.
چىرا يېزىسى قارمىقىدا 19 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار، ئۇلار : چىغلىقئېرىق كەنتى، تېرىقئېرىق كەنتى، چوڭكۆل كەنتى، ئاقكۆل كەنتى، توغراقئېرىق كەنتى، ئۇقادي كەنتى، مەخمەل كەنتى، يۇقارىقى جاي كەنتى، جاي كەنتى، ئۇچقۇن سەگى كەنتى، ئارىش كەنتى، تۆۋەن جاي كەنتى، مازار كۆل كەنتى، ئوغرىق كەنتى، باش ئۈجمە كەنتى، تۇپا كەنتى، كاڭكال كەنتى، توپا ئېرىق كەنتى، تۆۋەن توغراق كەنتى قاتارلىقلار، 88 ئىشلەپچىقىرىش گۇرۇپپىسى، 7694 ئائىلىلىك، 29027 نوپۇس بار.
يېزا بويىچە جەمئىي 7694 ئائىلىلىك، 29027 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئەر 14804 ئادەم، ئايال 14403 ئادەم. شەھەر-بازار ئاھالىسى 1600 ئادەم، يېزا نوپۇسى 27427 ئادەم، %95 تىن كۆپ دېھقان دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ھاۋاسى
بۇ يېزا قۇرۇقلۇق ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق چۆل كىلىماتىغا كىرىدۇ، ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى شۇكى، كىلىماتى ئىللىق، كۈن نۇرى يېتەرلىك، ئىسسىقلىق بايلىقى مول، كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، قىروسىز مەزگىلى ئۇزاق، ھەر خىل دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق، ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى زور، ئەتىيازدا قۇرغاقچىلىق، شامال كۆپ چىقىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.6، قىروسىز مەزگىلى 213 كۈن، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 45.6 مىللىمېتىر، پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2479.8 مىللىمېتىر، قۇم-بوران كۈن سانى 19.5 كۈن، چاڭ-توزانلىق كۈن سانى 149.4 كۈن.
سۇ بايلىقى
يېزىدا دەريا سۈيى ئارقىلىق يەر سۇغۇرۇش ئاساس قىلىنىدۇ، دەريا سۈيىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىم مىقدارى 12000 مىڭ كۇب مېتىر، يىللىق كاپالەت نىسبىتى %75، ئەتىياز پەسلىدە ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 2600 كۇب مېتىر، يازدا (6-8-ئايلار) ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 10000 مىڭ كۇب مېتىر، كۈزلۈك (9-11-ئايلار) ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 16 مىليون كۇب مېتر، قىش پەسلىدە (12-2-ئايلار) دا ئوتتۇرىچە ئېقىم مىقدارى 1 مىليون 400 مىڭ كۇب مېتىر، دەريا سۈيى ئوتتۇرىچە مىقدارى سەككىز كىلوگرام ھەر كۇب مېتىر، يېزا يەر ئاستى سۇ بايلىقى ئىنتايىن مول، ھەرىكەتچان زاپىسى 60000 مىڭ كۇب مېتىر، قېزىش مىقدارى 3000 كۇب مېتىر. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.