پۇل يۇيۇش

پۇل يۇيۇش

پۇل يۇيۇش مال-مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەئەسىنى يوشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان بىر خىل جىنايى قىلمىش.

ئۇيغۇرچە نامى پۇل يۇيۇش
خەنزۇچە نامى 洗钱

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پۇل يۇيۇش مال-مۈلۈكنىڭ كېلىش مەنبەئەسىنى يوشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان بىر خىل جىنايى قىلمىش بولۇپ، ئىگىلىنىشچە ئەڭ دەسلەپكى پۇل يۇيۇش ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن ئىكەن.

20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئامرېكىنىڭ سانفىرانسىسكودا قەھۋەخانا ئاچىدىغان بىر خوجايىن سودا قىلىش جەريانىدا ناتوغرا يوللار بىلەن بېيىغان سودىگەرلەرنىڭ قولىدىكى پۇلىغا قاراپ تۇرۇپ، بۇ پۇلنى پاسكىنا پۇل دەپ يۇيۇپ تۇرۇپ ئىشلەتكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە قارا قول پارتىيىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى تەڭگە تاشلاپ كىر يۇيىدىغان كىر يۇيۇش دۇكىنى ئېچىپ، بۇ كىر يۇيۇش دۇكىنىدىن كىرگەن ئۇمۇمىي كىرىم بىلەن ئۆزىنىڭ باشقا قانۇنسىز تاپاۋىتىدىن كىرگەن كىرىمىنى بىرلىكتە باج ئورۇنلىرىغا يوللاپ، باجنى مەلۇم قىلىپ، مۇشۇنىڭدىن كىرگەن پۇللارنى باجدىن تۆلىگەن پۇلنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ قانۇنسىز تاپاۋىتىنى رەسمى قانۇنلۇق شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ، باشقا يوللارغا ئىشلەتكەن. ئىگىلىنىشچە، شۇنىڭدىن كېيىن پۇل يۇيۇش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يامراپ، دۇنيا ئىقتىسادىي تەرتىپىنىڭ بېخەتەر، ساغلام تەرەققى قىلىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماستىن بەلكىن يەنە جىنايەتچىلەرنىڭ قانۇنسىز تاپاۋىتىنى قانۇنلۇق تاپاۋەتكە ئايلاندۇرىشىغا شارائىت يارىتىپ ، يېڭىدىن جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا يول ئېچىپ بەرگەن، ھەتتا دۆلىتىمىزگىمۇ سىڭىپ كىرىپ، دۆلەتكە ، جەمئىيەتكە ، ھەتتا پۇقرالارغىچە زور زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش –نۆۋەتتە خەلقئارا ئورتاق ئىتىبار بېرىدىغان ئىقتىسادىي مەسىلىگە ئايلانغان. بۇ ئاساسلىقى زەھەر ئىشلەش، توشۇش، سېتىش، ئەتكەسچىلىك قىلىش، قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتلارنىڭ قورال ۋە زوراۋانلىق ئەسۋاپلىرىنى ياساپ سېتىش ئارقىلىق تاپقان زور مىقتاردىكى قانۇنسىز كىرىمىنى ، تۇتۇپ كېتىش، قاقتى-سوقتى قىلىشتىن تاپقان قانۇنسىز كىرىمىنى ، شۇنىڭدەك دۆلەت ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان قانۇنغا خىلاپ سورۇنلارنى خۇپىيانە ئېچىپ، تىجارەت قىلىش ئارقىلىق تاپقان زور مىقتاردىكى قانۇنسىز كىرىمىنى ، بانكا، پۇل-مۇئامىلە ئاپاراتلىرى ۋە شۇنىڭدەك ئورۇنلار ئارقىلىق قانۇنلۇققا ئۆزگەرتىشتەك ھەرىكەتنى كۆرسىتىدۇ. پۇل يۇيۇشقا چېتىلىدىغان مەبلەغنىڭ ھەممىسى قانۇنسىز مەبلەغگە تەۋە بولۇپ، ئىلگىرى پەقەت بانكا قاتارلىق پۇل-مۇئامىلە ئاپاراتلىرىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق قانۇنلۇق پۇلغا ئايلاندۇرۇلۇپ ئوبروت قىلىنىپ كېلىنگەن ئىدى. نۆۋەتتە ، پۇل-مۇئامىلە كەسپىنىڭ يەر شارىلىشىشى، پەن-تېخنىكىنىڭ كۈنسىرى يېڭىلىنىشى شۇنداقلا تۈرلۈك جىنايى قىلمىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان پۇل-مۇئامىلە مەسىلىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، پۇل يۇيۇشنىڭ شەكىللىرى بارغانسىرى كۆپەيمەكتە ۋە مۇرەككەپلەشمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا قىممەتلىك ئاسارە-ئەتىقە سېتىۋېلىش، سۇغۇرتا شەكلى، يەر ئاستى ياكى ئۇششاق ھىسابات ئېىچىش، چىرىكلىك قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلاردىن باشقا يەنە چەتئەلگە مەبلەغ سېلىش، پارە پۇلىنى بىۋاستە بەرمەي، چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان بالىلىرىغا بېرىش ئارقىلىق چەتئەلدىن بالام ئەۋەتكەن پۇل ، بالام سودا قىلىۋاتىدۇ دىيىش. قانۇنلۇق پۇلنى قانۇنسىز يولغا ئىشلىتىپ يەنە قانۇنلۇق قىلىش . يەنى بانكىدىن قەرز ئېلىپ قانۇنسىز ئەتكەسچىلىك قىلىپ ئۇنى يەنە قانۇنلۇق تاپاۋەتكە ئايلاندۇرۇش دىگەندەك يۇقارقىدەك پۇل يۇيۇش ئۇسۇللىرىنىڭ خەيم-خەتىرى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، دۇنيا پۇل فوندىنىڭ پۇل يۇيۇش ئېلىپ كېلىدىغان زىياننى ئىستاتىستىكا قىلىىشچە ھازىرقى ھەريىلى يۇيۇلىۋاتقان پۇل 600 مىلياردتىن بىر تىرليۇن مىلياردقىچە، بۇ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىرىشى قىممىتىنىڭ 2-3پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن. بۇ يەنە ھەريىلى 100 مىليارد دوللارلىق سۈرئەت بىلەن ئىلگىرلەۋاتىدۇ. دۆلىتىمىزدە پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش خىزمىتى خېلى بۇرۇنلا باشلانغان بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ، تۈرلۈك قانۇن-تۈزۈملەردە پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش ۋە جىنايەتچىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەر تۈزۈلۈشتىن باشقا يەنە خەلقئارا بىلەن ھەمكارلىق كۈچەيتىلىپ، جىنايەتچىلەرنىڭ دۆلەت ئاتلاش ياكى پاناھلىق تىلەش يوللىرى ئارقىلىق جازادىن قۇتۇلۇپ قېلىش يوللىرى چەكلەندى.

2007-يىلى 1-يانىۋاردىن باشلاپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى» رەسمىي يولغا قويۇلغاندىن بۇيان پۇل يۇيۇشقا قارشى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، پۇل-مۇئامىلە ئورۇنلىرىنىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇشتىكى ۋەزىپىسى ، خەلقئارالىق ھەمكارلىق ۋە قانۇنىي مەسئۇلىيەت قاتارلىق تەرەپلەر ھەققىدە كونكىرت بەلگىلىمە چىقىرىلىپ دۆلىتىمىزنىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش خىزمىتى قانۇن- تۈزۈم جەھەتتە قېلىپلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. ئاپتونوم رايونىمىزپۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە جۇڭگۇ خەلق بانكىسنىڭ ئۈرۈمچى مەركىزى تارمىقى ، مەركىزى بانكا ئاتا قىلغان ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە پۇل-مۇئامىلە ئورۇنلىرىنى تەشكىللەپ، پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇپ، تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇرش، پۇل يۇيۇش مەبلىغىنى نازارەت قىلىش، پۇل يۇيۇش قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلدى. ھەرقايسى پۇل-مۇئامىلە ئاپاراتلىرى پۇل يۇيۇش قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇق –مەسئۇلىيەتلىرى دائىرىسى ئىچىدە پۇل يۇيۇشقا قارشى تەدبىرلەرنى قوللۇنۇپ گۇمانلىق مەبلەغ ياكى زور سوممىلىق مەبلەغلەرىڭ ئوبروت ئەھۋالىغا قارىتا نازارەتچىلىك قىلىدۇ ياكى گۇمانلىق ئەھۋاللار بولسا ۋاقتىدا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا خەلق بانكىسى، جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىغا مەلۇم قىلىش ئارقىلىق پۇل يۇيۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. ھەركىم ئۆزىنىڭ مەبلىغى ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ئىسمى ئارقىلىق ئورۇنلار بولسا قانۇندا تىزىملىتىلغان تىجارەت كېنىشكىسى ، شىركەت نامى ئارقىلىق ئامانەت قويۇش، قەرز پۇل ئېلىش، قايتۇرۇش، ھىسابات ئېچىشتەك مۇشۇنداق ۋاستىلەر ئارقىلىق پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش دەسلەپكى ئاساسى تۇرغۇزۇلدى. پۇل-مۇئامىلە ئاپاراتلىرى جەمئىيەت مەبلىغىنىڭ ساقلىنىش ، ئوبروت بولۇش ۋە يۆتكىلىشىدىكى مۇھىم ۋاستە. ھەقىقى ئىسىم –فامىلە ياكى شىركەت نامى ئارقىلىق پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمەتلىرىنى بىجىرگەندە شەخسلەر مال-مۈلكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىپلا قالماستىن پۇل يۇيۇش جىنايەتلىرىنى دەل ۋاقتىدا بايقىغىلى بولىدۇ. شۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى پۇل –مۇئامىلە ئورۇنلىرىنىڭ نازارەتچىلىكى پۇل يۇيۇش جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا. ئۇنداقتا قايسى ساھەلەر پۇل-مۇئامىلە ئورۇنلىرىنىڭ نازارەتچىلىكىدە بولىدۇ؟ بۇرۇنقى تۈرلۈك سودىدا پۇلنىڭ كىرىم –چىقىمى ، يەنى بانكىدا بولىدىغان ئېرىم-بېرىمدە، پۇل ئامانەت قويۇش، ئېلىش، پېرۋوت قىلىش مۇشۇ ساھەلەر ئاساسلىق نازارەت قىلىنىدىغان ساھەلەر ئىدى. ھازىر خەلقئار پۇل يۇيۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى تۈپەيلىدىن يەنى ھازىر ئامېرىكا ، ياۋرۇپادىكى تەرەققى قىلغان ئەللەردە پۇل يۇيۇش تەرەققى قلىپ، بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى ساھەلەردىن غەيرى ئەنئەنىۋى بولغان مەسىلەن ئېلىكتورونلۇق يادرو قورال، باج ئوغۇرلاش، خەلقئارا سودا قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭەيدى. خەلقئارا سودىدا ئەتكەسچىلىك، قورال سودىسى، زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىمۇ بار. دۆلەتنىڭ قانۇن-قائىدىلىرىگە سىغمايدىغان ، ئاياللارنى تۇتۇپ سېتىشتەك ئەخلاققا سىغمايدىغان ئىشلارمۇ بار. مۇشۇ ئىشلارمۇ نازارەت قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. ئادەتتە پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە نازارەت قىلىنىدىغىنى پۇل يۇيۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەبلەغ ئۇچۇرلىرى بولۇپ، پۇل –مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتى نۆۋەتتىكى پۇل –مۇئامىلە كەسىپ بېجىرىش تەلىۋىگە ئۇيغۇن بولۇپ، مۇئامىلدارلارنىڭ كەسىپ بېجىرىش ۋاقتىنى ئۇزارتىۋەتمەيدىكەن. ئۇنداقتا تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقىغان ئۇچۇرلار شەخسلەرنىڭ شەخىسى ھوقۇقى ۋە سودا مەخپىيەتلىكى ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلغانلىق بولۇپ ھىسابلىنامدۇ –يوق؟ بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەكشۈرۈشتە چوقۇم شۇ كىشىنىڭ ئالاقىدار ماتىرياللىرىنى تەكشۈرىدۇ، تەكشۈرگەندە پەقەت شۇ پۇل يۇيۇشقا قاتناشقان قىلمىشنىلا تەكشۈرىدۇ. ئۇنىڭ باشقا قىلمىشىلىرىغا ئىشلىتىلمەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ج خ ئورگانلىرنىڭ ئىگەللىگەن سودا مەخپىيەتلىكىك ۋە شەخسى سىر ھوقۇقى ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەممىسى پەقەت جىنايى ئىشلار دەۋاسىنىڭ ئۆزىگىلا ئشىلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ بانكىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغاچقا دەخلى تەرۇز ھىسابلانمايدۇ. جۇڭگو خەلق بانكىسى بۇ ئۇچۇرلارنىڭ سىرتقا چىقىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى قانۇن-بەلگىلىمىلەر تەدرىجى مۇكەممەللەشمەكتە. تۈرلۈك تەدبىرلەر بىلەن شەخسلەرنىڭ ئادىل بازار رىقابىتىدە قانۇنلۇق تىجارەتتتىن تاپقان كىرىملىرىنى قوغداش بىلەن بىرۋاقىتتا يەنە قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق ئېىشكەن تاپاۋەتلىرىنى مۇسادىرە قىلىش ۋە ئۇلارغا تېگىشلىك جازا بېرىش ھەققىدىكى خىزمەتلەرمۇ تىرىشىپ ياخىشى ئىشلەنمەكتە. ئەلۋەتتە پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش پەقەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورۇنلىرى ، ئەدىلىيە تارماقلىرى ، پۇل-مۇئامىلە ئاپاراتلىرى ۋە تارماقلارنى شۇنداقلا ھەربىر جەمئىيەت پۇقراسىنىڭ زىچ ماسلىشىشى ، يىپ ئۇچىنى بايقىغاندا دەل ۋاقتىدا ئالاقىدار ئورۇنلارغا پاش قىلشى نەتىجىىسدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ. جۇڭگو پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش مەركىزى، تەھلىل قىلىش، نازارەتچىلىك مەركىزى دەيدىغان مەركەز قۇرۇلغان. پاش قىلىش قارا جەمئىيەت ، ئىقتىسادىي كۈچى بار يەرلەرگە تاقالغاچقا كىشىلەردە ئەندىشىنى يوق دىگىلى بولمايدۇ، دىمەك كىشىلەرنىڭ مۇشۇنداق ئەندىشىسىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن بىز قانۇن ئارقىلىق پاش قىلغۇچىنىڭ جىسمانىي بېخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ، پاش قىلغان مەزمۇننىڭ مەخپىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس قانۇن چىقىرىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە پاش قىلىشتا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىمۇ ئەسكەرتىلگەن. پۇقرالار پۇل يۇيۇشقا ئائىت يىپ ئۇچلىرىنى بايقىغاندا ئېلىكتىر ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنپ مەلۇم قىلسىمۇ بولىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#