بەھمەن

بۇ بەھمەن ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، بەھمەنگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، پۈتۈن چۆپى ۋە يىلتىزى باھنى ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى سەمرىتىش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، مەنىي كۆپەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى بەھمەن
پارسچە نامى Limonium sinense (Girard) Kuntze
تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 补血草
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
پىنيىنچە يېزىلىشى bǔ xuè cǎo

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بەھمەنبۇ بەھمەن ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، بەھمەنگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 15 ~ 30 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك بولۇپ، يۇقىرى قىسمى شاخلايدۇ. بىر تەرەپكە قىيپاش ئۆسىدۇ؛ تۈۋىدىكى يوپۇرماقلىرى ئۇزۇنچاقراق تۇخۇم شەكلىدە ياكى سوقىچاق بولۇپ، بەسەيگە ئوخشاش توپلىشىپ ئۆسىدۇ. غولىدىكى يوپۇرمىقى يىگلەپ تەڭگىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، رەڭگى قوڭۇر بېغىر رەڭ، گىرۋىكىدە ئاق پەردىلەشكەن ماددىلىرى بولىدۇ؛ چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى خۇددى سۈپۈرگىگە ئوخشايدۇ، گۈل كاسسا ياپرىقى پەردىلەشكەن، رەڭگى ئاق، ۋارونكىغا ئوخشايدۇ، گۈلى كۆكۈش سۆسۈن كېلىدۇ.

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە يىلتىزىنى خالىغان ۋاقىتتا يىغىۋېلىپ، پاكىز يۇيۇپ تازىلاپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ باغرىلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

قۇرۇق ئىسسىق.

باھنى ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى سەمرىتىش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، مەنىي كۆپەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئەھۋالغا قاراپ 15 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

20 گرام بەھمەننى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىياتقۇ بويۇنى راكى ۋە بالىياتقۇنىڭ پائالىيەتچان قانىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى بەھمەننى سۇدا قاينىتىپ، سۈيىگە شېكەر قوشۇپ ناشتىدا ئىچىپ بەرسە، بەدەننى سەمرىتىدۇ. بەھمەننى سۇدا قاينىتىپ، سۈيىدە چاچنى يۇيۇپ بەرسە، چاچنى پارقىراق، خۇشبۇي، ئۇزۇن قىلىدۇ. بەھمەننى مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ئىچىپ بەرسە، بەدەن ۋە يۈرەك ئاجىزلىقى، نېرۋا كېسەللىكلىرى، بۆرەك يوللىرىدىكى تاش ۋە شىلىمشىق بەلغەملەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. بەھمەننى قاينىتىپ شېكەر قوشۇپ ناشتىدا ئىچىپ بەرسە، بەدەننى سەمرىتىدۇ. بەھمەننى نوقۇت، بادام بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، زىيادە ئورۇق كىشىلەرنى سەمرىتىدۇ. بەھمەننى تۇز ۋە ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ يۈزگە چېپىپ بەرسە، چىراينى جۇلالاندۇرۇپ، چىرايلىق قىلىدۇ. بەھمەننى زەپەر بىلەن قوشۇپ سوقۇپ، پاكىز داكا ياكى پاختىغا سېپىپ بالىياتقۇ ئاغزىغا قويۇپ بەرسە، ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزالىرىنى تازىلاپ، خۇشبۇي قىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

تىلماچ ئىزاھاتلىق لوغىتى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#