ئادەم بەدىنىدىكى بەزلەر

بەزلەر
بەز-ئادەم ۋە جانلىقلار تىنىدىكى مەلۇم ئىنزىم ياكى ھورمۇن ئاجرىتىش رولى بولغان يۇمشاق توقۇلمىنى كۆرسىتىدۇ.ئاساسلىق: ھىپوفىز بېزى، بۆرەك ئۈستى بىزى،ئاشقازان ئاستى بىزى،قالقانسىمان بەز، ئۇرۇقدان،تۇخۇمدان،شۆلگەي بىزى قاتارلىقلار.

ئۇيغۇرچە بەز
ئىنگىلىسچە endocrine glandgland
ئاساسلىقى قالقانسىمان بەز،ھىپوفىز بىزى،ئاشقازان ئاستى بىزى
خەنزۇچە
رولى ھورمۇن ۋە ئىنزىم ئاجىرىتىش
ئورنى موھىم ئىچكى ئاجراتما سىستىمىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھىپۇفىز بىزىھىپوفىز بېزى (pituitary, hypophysis) - بۇ بەدەندىكى ئەڭ مۇھىم ئىچكى ئاجراتما ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كۆپىنچە ھىپوسالامۇستىن كەلگەن ھورمۇنلۇق ئۇچۇرلارغا ئاساسەن يىڭى ھورمۇنلارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە شۇ ئارقىلىق پۈتۈن بەدەن فۇنكىسىيىسىنى تەڭشەش رولىغا ئىگە. بۇ بەز بەدەندىكى ئەڭ بىخەتەر جايغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ؛ يەنى ھىپوفىز بېزى مېڭە سۆڭەكلىرى بىلەن بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى سۆڭەكلەرنىڭ دەل ئوتتۇرىغا، ھىپوسالامۇسنىڭ ئۇدۇل ئاستىغا جايلاشقان بولۇپ، خۇددى مېڭە سۆڭەكلىرىنىڭ ئارىسىدىكىدە بىر ئۇۋىدەك دۆڭچە ئىچىگە مەھكەم ئورۇنلاشتۇرۇلغان.   ھىپوفىز راكى ۋە باشقا بىنورماللىقلار تۈپەيلى ھامىلدا بولالمايدىغان، بويى ئۆسمەيدىغان ياكى گېگانىت ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدىغان .... دىگەندەك بىر مۇنچە كېسەللىكلەر مۇشۇ ئەزانىڭ فۇنكىسىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 

ھىپوفىز بېزى ئىشلەپچىقىرىدىغان ھورمۇنلار 

ھىپوفىز بېزى ئىشلەپچىقىرىدىغان ھورمۇنلار تۆۋەندىكىچە:

1. ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن (GH)

بەدەننىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سۆڭەك ۋە مۇسكۇللارنى يوغانتىپ، قاندىكى گلۇكوزىنى ئازايتىدۇ. ئاقسىللارنىڭ سېنتىزلىنىشىنى ئاشۇرۇپ، ماينى پارچىلايدۇ. ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننىڭ ئاساسلىق فۇنكىسىيەلىرى جىگەردىن ئىنسىۇلىنسىمان ئۆستۈرگۈچى فاكتور-1 (IGF1) نىڭ سېنتىزلىنىشىنى غىدىقلاش ئارقىلىق ئىلىپ بىرىلىدۇ. ئۆستۈرگۈچى ھورموندا بىنورماللىق كۆرۈلسە تۆۋەندىكىدەك بوي ئىگىزلىكى غەيرىلىك كۆرىلىدۇ.

2. ئادرىنوكورتىكوتروپىك ھورمۇن (ACTH)

ئاساسلىقى بېسىم ھېس قىلغاندا ئاجرىتىلىپ بۆرەك ئۈستى بىزىدىن كورتىزول (cortisol) ئاجىرىتىپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

3. پرولاكتىن (Prolactin)

ئاساسلىقى سۈت ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئاياللار كۆكسىنىڭ يوغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە تۆرەلمىگە بولغان ئىممۇنىت چىدامچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ  (تۆرەلمە بىر پۈتۈنلەي يات بولغان بىر جانلىق بولۇپ ئادەتتە بۇ خىل جانلىقلارغا قارىتا بەدەندە ئىممۇنىت قارشىلىق شەكىللىنىدۇ، لىكىن نۇرغۇنلىغان ھورمۇنلارنىڭ بىرلىكتە تۆرەلمىنى قوغدىشى ئارقىسىدا ئانا بەدىنىدە تۆرەلمىگە قارىتا ئىممۇنىت چىدامچانلىقى شەكىللىنىدۇ). ئۇ يەنە جېنسىي غىدىقلىنىشنى تۆۋەنلىتىش ۋە جېنسىي ھورمۇنلارنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش رولىغا ئىگە.

4. فولىكۇل پىششىقلىغۇچى ھورمۇن (FSH)

ئاساسلىق رولى تۇخۇم ھۆجەيرىلىرى ۋە ئىسپىرما ھۆجەيرىلىرىنىڭ پىشىپ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

5. لۇتىنايىزلاشتۇرغۇچى (سېرىق تەنچە ھاسىل قىلغۇچى) ھورمۇن (LH)

ئاساسلىقى ئاياللار تۇخۇم ھۆجەيرىسىنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىپ 10.00mm چوڭلۇققا يەتكەن بىر تۇخۇم (قىسمەن ھاللادا ئىككى تۇخۇم، بۇ قوش كېزەك بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن) ھاسىل بولغاندا، LH مىقدارى جىددىي ئېشىپ ئۇنىڭ تەسىرى بىلەن تۇخۇم تۇخۇمداندىن قويۇپ بىرىلىدۇ ۋە ھامىلدارلىققا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن تۇخۇمداندا سېرىق تەنچە (پروگىستېرون ئىشلەپچىقىرىپ ھامىلدارلىقنى ساقلايدۇ) ھاسىل قىلىدۇ.

6. قالقانبەز ھورمۇنى (ترويىد ھورمونى) نى غىدىقلىغۇچى ھورمۇن (TSH)

بۇ ھورمۇن قالقانبەزنى غىدىقلاپ قالقانبەز ھورمۇنى (T3, T4) ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ ھورمۇننىڭ مىقدارىنى ئۆلچەش ئارقىلىق قالقانبەز ئىقتىدارىغا دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ؛ يەنى TSH نىڭ مىقدارى نورمالدىن ئېشىپ كەتسە، بۇ قالقانبەز ئىقتىدارىنىڭ چېكىنگەنلىكى ۋە يىتەرلىك مىقداردا T3, T4 ئىشلەپچىقىرالمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

بۆرەك ئۈستى بىزىبۆرەك ئۈستى بېزى (adrenal gland) - ئەڭ كۆپ سان ۋە تۈردىكى ھورمۇنلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم ئىچكى ئاجراتما ئەزاسى بولۇپ ھەر بىر بۆرەكنىڭ ئۈستى قىسمىدا بىردىن بولغان بىر جۈپ بەزدۇر. بۆرەك ئۈستى بېزى ئىككى پەرقلىق قەۋەتتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلار بۆرەك ئۈستى بېزى قاسرىقى ۋە بۆرەك ئۈستى بىزى ئوتتۇرا قىسمىدىن ئىبارەت. قاسراق قىسمى ئاساسلىقى ئالدوستېرون (aldosterone)، كورتىزول (cortisol) ۋە كورتىكوستىرون (corticosterone) قاتارلىق ھورمۇنلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

بۆرەك ئۈستى بېزى  ئىشلەپچىقىرىدىغان ھورمونلار 

 ئوتتۇرا قىسمى بولسا ئاساسلىقى ئېپىنېفرىن (ئادرىنالىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ، epinephrine, adrenaline) ۋە نورئېپىنېفرىن (نورئادرىنالىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ، norepinephrine, noradrenaline) نى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ ئىككى ھورمۇن ئىككىلەمچى نېرۋا سىستمىسىدا كەم بولسا بولمايدىغان رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۆرەك ئۈستى بېزى قاسرىقى پروگېستىرون، ئېستىروگېن، تېستوستېرون، دى ھىدروتېستوستېرون قاتارلىق جېنسىي ھورمۇنلارنىمۇ ئاز مىقداردا ئىشلەپچقىرىدۇ.

قالقانبەزقالقانبەز (thyroid gland) - كاناينىڭ تۆۋەن يىنىغا جايلاشقان. قالقانبەز ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئىككى ھورمۇن: تروكسىن (T4) ۋە تىرىئودوتروكسىن (T3) نى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ ھورمۇنلار بەدەننىڭ ئوكسېگىن سۈمۈرىشىنى يۇقىرىلىتىپ مىتابولىزىمنى تىزلەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قاندىكى كالتىسىينى تۆۋەنلىتىدىغان  كالسىيتونىن (calcitonin) ھورمۇنىنىمۇ ئىشلەپچىقىرىدۇ. قاندا ئاساسلىقى T4 مەۋجۇت بولۇپ تەسىر قىلغۇچى ھۆجەيرىلەرگە كىرىشتىن بۇرۇن T3 ئايلىنىشى شەرت. بۇ ھورمۇنلاردىكى 3 ۋە 4 دىگەن سانلار ئۇلارنىڭ خېمىيلىك تۈزۈلۈشىدىكى يود (I) سانىغا قارىتىلغان. 

كەملەپ كەتسە

1. پوخاق : يود يىتىشمەسلىكتىن قالقانبەز يوغىناپ كىتىپ پوخاقنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭا يودلۇق تۇز ئىستىمال قىلسا پوخاقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

2. ھەرىكىتى ئازلاش ۋە سەمىرىپ كېتىش

3. چاچ چۈشۈش ۋە چاچ قۇرغاقلىشىش

4. سوغۇققا سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كىتىش  ۋە قان كەملەش

مىقدارى ئېشىپ كەتسە

تۆۋەندىكى نورمالسىزلىقلار كىلىپ چىقىدۇ:

1. ھارغىنلىق ۋە ئاجىز ھېس قىلىش

2. ئورۇقلاش

3. توختىماي قورساق ئېچىش

4. جىددىيلىشىش

5. ئىسسىققا سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كىتىش 

قالقانسىمان بەزقالقانسىمان بەز (parathyroid gland) - بىر جۈپ كىچىك بەز بولۇپ ئادەتتە بىرى قالقانبەزنىڭ ئىچىگە، يەنە بىرى تېشىغا جايلاشقان بولىدۇ. ئاساسلىقى قالقانسىمان بەز ھورمۇنى (parathyroid hormone) نى ئىشلەپچىقىرىدۇ. قالقانسىمان بەز ھورمۇنى قاندىكى كالتىسىي مىقدارىنى تەڭشەيدىغان ئاساسلىق ھورمۇن بولۇپ سۆڭەكتىن كالتىسينىڭ قانغا قويۇپ بىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق قاندىكى كالتىسىي مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇ يەنە ۋىتامىن D نىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئاشقازان ئاستى بىزى

(pancreas) - كىچىك ئۈچەي بىلەن ئاشقازاننى ئارلىقىغا جايلاشقان تورسىمان يىيلىغان ھەجىمى ئەڭ چوڭ بەز بولۇپ، ئۇنىڭدا ئالفا ھۆجەيرە ۋە بىتا ھۆجەيرىلەر بار. ئالغا ھۆجەيرىلەر ئاساسلىقى جىگەرنىڭ گلۇكوزا ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھورمۇن گلۇكاگون (glucagon) نى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بىتا ھۆجەيرىلەر بولسا ئىنسۇلىن (insulin) نى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

چىلغۇزا بىزى(pineal gland) - مېڭىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ بەز ئاساسلىقى مىلاتونىن (melatonin) دەپ ئاتىلىدىغان ئۇخلاش-ئويغىنىش ۋە پەسللىك دەۋرىيلىكنى كونتىرول قىلغۇچى ھورمۇننى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

تۇخۇمدان (ovary) - ئاياللاردىلار بار بولۇپ بالياتقۇنىڭ ئىككى ئۇچىىدا بىردىن ئىككىسى بار. تۇخۇم ئىشلەپچىقارغاندىن باشقا  ئاساسلىقى (بالاغەتكە يەتكەندىن كىيىن) ئېستىروگېن (estrogen) ۋە پروگېستېرون (progesterone) دىن ئىبارەت ئىككى ئاياللىق جىنسىي ھورمۇننى ئىشلەپچىقىرىدۇ. يەنە ئاز مىقداردا ئەرلىك جېنسىي ھورمۇن تېستوستېرون (testosterone) مۇ ئىشلەپچىقىرىدۇ.

ئۇرۇقدان(testicle) - پەقەت ئەرلەردىلا بار بولۇپ، ئىسپىرما ئىشلەپچىقارغاندىن باشقا، ئاساسلىقى (بالاغەتكە يەتكەندىن كىيىن) ئەرلىك جىنسىي ھورمۇن تېستوستىرون ۋە ئاز مىقداردا ئېستروگېننى ئىشلەپچىقىرىدۇ

(placenta) - پەقەت ھامىلدارلىق مەزگىلىدىلا بار بولغان ۋاقىتلىق ئەزا بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم روللارغا ئىگە. بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكى ئاجراتما ھورمۇنلارنى ئىشلەپچقىرىشمۇ مۇھىم روللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئاساسلىقى ئىنسان كورىيون گونادوتروپىنى (human chorionic gonadotropin, hCG) ۋە بالا ھەمرىىي لاكتوگېنى (placental lactogen) قاتارلىق بالا ھەمرىيىغا خاس ھورمۇنلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. ھامىلدارلىقنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئاساسلىقى سۈيدۈكتىكى hCG مىقدارىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھامىلدار ياكى ئەمەسلىكىنى بەلگىلەپ بىرىدۇ. ھامىلدارلىقنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بولسا بالا ھەمرىيى يەنە كۆپ مىقداردا پروگىستېرون ۋە ئېستىروگېننى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

ھىپۇسالامۇس بىزى ئورنى(hypothalamus) - مۇھىتنىڭ غىدىقلىنىشىنى بىۋاستە سىزەلەيدىغان مېڭىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا (بۇرۇننىڭ يۆنىلىشىگە ئۇدۇل ھالدا مېڭىنىڭ ئوتتۇرىسىدا)جايلاشقان ئىنتايىن مۇھىم ئورگان بولۇپ، ھىپوسالامۇس ھەم نېرۋا ھۆجەيرىلىرىنى ھەم ئىچكى ئاجراتما ھۆجەيرىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىردىنبر ئەزا بولۇپ، ئۇ مۇھىتتىن ئالغان تەسىرگە ئاساسەن ھورمۇنلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق پۈتۈن بەدەننىڭ ئىنكاسىنى كونتىرول قىلىدۇ. بەدەندىكى ئەڭ مۇھىم فىزىئولوگىيلىك جەريانلارنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك مۇشۇ ئەزا باشقۇرىدىغان بولۇپ كەيپىياتقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق تۇيغۇلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛كۆپىيىشنى بىۋاستە كونتىرول قىلىدۇ؛ بەدەننىڭ ئېنىرگىيە ھالىتى، ئىشتىھا، ئورۇق-سېمىزلىك ۋە مىتابولىزىمنى بىۋاستە كونتىرول قىلىدۇ؛ تۆرەلمىنىڭ قايسى ۋاقىتتا تۇغۇلۇشى، تۇغۇت جەريانى ۋە سۈت ئىشلەپچىقىرىشنى ئالىي كونتىرول قىلغۇچى ئەزامۇ شۇ ھىپوسالامۇس .

ھىپوسالامۇس  ئىشلەپچىقىرىدىغان ھورمۇنلار

 بۇ ئەزا ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق ھورمۇنلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

1. كورتىكوتىروفېن ئاجراتقۇچى ھورمۇن (CRH)

بۇ ھورمۇن بېسىم ياكى پىسخىكىلىق جىددىيلىشىشكە ئالاقىدار ئەزالارنى تۇنجى بولۇپ قوزغاتقۇچى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: ئەگەر سىز بىر كالىدىن سۈت ساغماقچى بولغاندا كالا تونۇيدىغان ئادەم كالىنى ساغسا ياكى كالىغا ئوت بىرىپ ياخشى مۇئامىلە قىلىپ ئاندىن ساغسا سۈت كۆپ چىقىدۇ؛ لىكىن كالا ئۆچ كۆرىدىغان ياكى كالىنى قورقۇتقان ۋە ياخشى مۇئامىلىدە بولمىغان ئادەم ساغسا سۈت ئاز چىقىدۇ. چۈنكى كالا مۇھىتتىن (سۈت ساغقۇچىدىن) بېسىم ھېس قىلغاندا سۈت ئىشلەپچقىرىشتىكى مۇھىم ھورمۇنلار CRH ھورمۇنىنىڭ تورموزلىشىغا ئۇچرايدۇ، دە سۈت ئاجرىلىپ چىقىىشنى توسالغۇغا ئۇچرىتىدۇ.

2. گونادوتروپىن ئاجراتقۇچى ھورمۇن (GnRH)

بۇ ھورمۇن بارلىق كۆپىيىشكە مۇناسىۋەتلىك فىزىئولوگىيلىك جەريانلارنى كونتىرول قىلىدۇ. مەسىلەن: بوۋاقنىڭ مېڭىسى مۇشۇ ھورمۇننى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان ۋاقتىتا بوۋاق تۇغۇلىدۇ. مۇشۇ ھورمۇنىڭ مىقدارى مۇئەييەن دەرىجىگە يەتكەندە بالاغەتكە يىىتىش باسقۇچى باشلىنىدۇ ھەم مۇشۇ ھورمۇن ھامىلدار بولۇشقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ھورمۇنلارنى بىۋاستە كونتىرول قىلىدۇ. بۇ ھورمۇننىڭ بىۋاستە رولى بولسا بىر تۆۋەنلەپ بىر يۇقىرىلىغان رېتىمدا ئىشلەپچقىرىلىش ئارقىلىق ھىپوفىز  بېزىدىن  فولىكۇل (تۇخۇم) پىششىقلىغۇچى ھورمۇن (FSH) ۋە لۇتىنايىزلاشتۇرغۇچى (سېرىق تەنچە ھاسىل قىلغۇچى) ھورمۇن (LH) نى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.

3. ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننى ئاجراتقۇچى ھورمۇن (GHRH)

بۇ ھورمۇن ھىپوفىز بىزىدا ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن (GH) نىڭ سېنتىزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

4. ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننى تورمۇزلىغۇچى ھورمۇن (GHIH)

بۇ ھورمۇن ھىپوفىز بىزىدا ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن (GH) نىڭ سېنتىزلىنىشىنى توسىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھورمۇن بىلەن بۇ ھورمۇننىڭ نېسبىتى قانچىلىك مىقداردا ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن سېنتېزلىنىشنى كونتىرول قىلىدۇ.

5.  قالقەنبەز ھورمۇنىنى غىدىقلىغۇچى ھورمۇننى ئاجراتقۇچى ھورمۇن (TRH)

بۇ ھورمۇن ھىپوفىز بىزىدىن تروپىننى غىدىقلىغۇچى ھورمۇن (TSH) نى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

6. پرولاكتىننى تورمۇزلىغۇچى ھورمۇن (PIH)

دوپامىن (dopamine) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ھورمون بىر ئامىنو كېسلاتاسىدىن ئۆزگەرگەن ئامېن تىپىدىكى كىچىك مولىكۇلا ئېغىرلىقىدىكى ھورمۇن بولۇپ بۇ ھورمۇننىڭ مىقدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە كەيپىياتنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا نۇرغۇن پىسخىك كېسەللىك دورىلىرى مۇشۇ ھورمۇننىڭ مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق كېسەل داۋالايدۇ. بۇ ھورمۇننىڭ يەنە بىر قوشۇمچە رولى ھىپوفىز بىزىدىن ئاجرىتىلىدىغان، سۈت كۆپەيتكۈچى ھورمۇن پرولاكتىن (Prolactin) نى تورمۇزلايدۇ.

7. ئوكسىتوسېن (oxytocin)

مۇھەببەت ھورمۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ھورمۇن باشقا جېنسىي ھورمۇنلار بىلەن بىرگە يات جېنىسقا قىزىقىش قىلمىشىنى كونتىرول قىلىدۇ. بۇ ھورمۇننىڭ مىقدارى ئاشىق بولغان كىشىلەردە يۇقىرى بولىدۇ ھەم ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت جەريانىدا مىقدارى جىددىي يۇقىرىلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ھورمۇن تۇغۇت جەريانىدا تولغاق كەلتۈرۈش رولىغا ئىگە بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك مۇسكۇلنى قىسقارتقۇچى ماددا ھېسابلىنىدۇ ۋە تولغاق جەريانىدا مىقدارى ئادەتتىكىدىن 20 ھەسسە يۇقىرىلايدۇ؛ شۇڭا تولغاقنىڭ ئازابى ھەممىدىن يامان. بۇ ھورمۇن يەنە ئانىلىق قىلمىشلارنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ سۈت ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە ئاننىڭ بالىغا بولغان باشقىچە مۇھەببىتىنى كونتىرول قىلىدۇ. شۇڭا، تولغاق كەلمەستە ئوپراتسىيە ئارقىلىق تۇغقان ئانىلارنىڭ سۈت ئىشلەپچىقىرىشى تەبىئىي تۇغقان ئانىلاردىن خىلىلا ناچار بولىدۇ. بولۇپمۇ دەسلەپكى بىر قانچە كۈندە كېچىكىپ سۈت كىلىشكە باشلايدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ئىمكانىيەت بولسىلا تەبئىي تۇغۇشنى تاللاش ئانا ۋە بالىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر. بۇ ھورمۇن يەنە بالىلاردىكى يالغۇزلۇق كېسىلى (autism) نى داۋالاشتا ئۈنۈمى بارلىقى بايقالغان.

8. ۋازوپرەسسېن (vasopressin)

بۇ ھورمۇن ئاساسلىقى ئوسموس بېسىمىنى يۇقىرىلىتىش ئارقىلىق قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش رولىغا ئىگە.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە جىگەر، سۆڭەك ۋە ياغ قاتارلىق ئەزالارمۇ ئىچكى ئاجراتمىلىق رول ئوينىيالايدىغان بولۇپ، جىگەر مۇسكۇل يوغىناشنى ۋە بوي ئۆسۈشنى كونتىرول قىلغۇچى ھورمۇن ئىنسۇلىنىسىمان ئۆستۈرگۈچى فاكتور-1 (IGF-1) نى ئىشلەپچىقىرالايدۇ؛ سۆڭەك ئوستىيوكالسىن (Osteocalcine) قاتارلىق بەدەندە كۆپ خىل ھورمونلارنىڭ رولىنى تەڭشەيدىغان ھورمونلارنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ؛ ياغ بولسا ئىنتايىن مۇھىم بولغان ھورمۇنلاردىن ئىشتىھانى چەكلىگۈچى ھورمۇن لەپتىن (Leptin) ۋە ئورۇقلاتقۇچى ھورمۇن ئادىپونەكتىن (Adiponectin) قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئالغان ھەر بىر ھورمۇننىڭ بەدەندە ئىنتايىن مۇھىم، كەم ياكى ئارتۇق بولسا بولمايدىغان رولى بار بولۇپ، بۇ ھورمۇنلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىقىرى بىۋاستە كۆپىيىش ئىقتىدارىنى كونتىرول قىلىدۇ ۋە ھەزىم قىلىش، قورساق ئېچىش-تويۇش، قەندىكى شېكەر ماددسى، روھىي بېسىم، قان بېسىم، بالاغەتكە يېتىش، بوي ئۆسۈش، سۆڭەك چوڭىيىش، ئازاپ ۋە خۇشاللىق….دېگەندەك سانسىزلىغان مۇھىم فۇنكىسىيەلەرنى جارى قىلدۇرىدۇ.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/325759.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#