ھامىلە قېپىنىڭ بالدۇر يېرىلىشى

ھامىلە قېپىنىڭ بالدۇر يېرىلىشى

تۇغۇت باشلىنىشتىن بۇرۇن ھامىلە قېپىنىڭ يىرىلىشى ھامىلە قېپىنىڭ بالدۇر يېرىلىشى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كۆپ نىسبەتەن ئۇچرايدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى ھامىلە قېپىنىڭ بالدۇر يېرىلىشى
تەۋە بۆلۈم تۇغۇت بۆلۈم
كېسەللىك ئورنى بالىياتقۇ سىرتى
خەنزۇچە نامى 胎膜早破
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. ھامىلىنىڭ ئالدىن كەلگەن قىسمى نورمال ھالدا داسقا كىرەلمەسلىك سەۋەبدىن كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: باش بىلەن داس ماس كەلمەسلىك، ھامىلە ئورنىنىڭ نورمالسىز بولىشى، داس تار بولۇش قاتارلىق ئامىللار ھامىلە قېپىنىڭ بالدۇر يېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 2. باش سۈيىنىڭ كۆپ بولىشى، زور ھامىلە، قوشكېزەك ھامىلىدارلىق قاتارلىق كېسەللىكلەر بالىياتقۇ بوشلۇقى بېسىمىنى زىيادە يۇقۇرىلىۋېتىپ، ھامىلە قېپىنىڭ بالدۇر يېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 3. بالىياتقۇ بوينىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى، بالىياتقۇ بوينى يوغىناش، بالىياتقۇ بوينى قېتىپ قېلىش ياكى بالىياتقۇ بوينى زەخمىلەنگەندىن كېيىنكى غەيرى شەكىل قاتارلىقلار ھامىلە قېپىنىڭ بالدۇر يېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. ھامىلە قېپىنىڭ ئۆزىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلەر ۋە ۋىتامىن C كەم بولۇش، ھامىلە قېپى يۇقۇملىنىش قاتارلىقلار ھامىلە قېپىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى تۆۋەنلىتىپ(ھامىلە قېپىنىڭ چىدامچانلىقى تۆۋەنلەش)چۈرۈكلىكىنى ئاشۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاسانلا ھامىلە قېپىنىڭ بالدۇر يىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 5. ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشمۇ ھامىلە قېپىنىڭ يېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھامىلە قېپىنىڭ بالدۇر يېرىلىشىھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ياكى تۇغۇتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ ئۆزىگە جىنسىي يولىدىن سۇ ئېقىپ چىققانلىقى بىلىنىدۇ. ئەگەر سۇدا ئۇششاق ياغ پارچىلىرى كۆرۈلسە، بۇنىڭغا دىئاگنوز قويۇشقا بولىدۇ. تەكشۈرگەن چاغدا ھامىلىنىڭ بېشىنى يۇقىرىغا ئىتتەرگەندە ياكى بالىياتقۇ تۈۋىنى باسقان چاغدىمۇ جىنسى يولدىن سۇ ئېقىپ چىقىدۇ. بالىياتقۇ قىسقارغاندا مەقەتتىن تەكشۈرگەندە باش سۈيى قېپى قولغا بىلىنمەيدۇ. ئەگەر ئېقىپ چىققان سۇ ئاز بولۇپ ئاسانلىقچە ئېنىق بېكىتكىلى بولمىسا، ئىچىدىن ھامىلە قېپىنىڭ تولۇق ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرگەندە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئېنىقلىنىدۇ.

1. تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويىلىدۇ. بۇنىڭدا بىماردا تۇغۇتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە جىنسىي يولدىن سۇيۇقلۇق ئېقىش ئەھۋالى كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە داس تار بولۇش، زور ھامىلە، قوشكېزەك ھامىلىدارلىق ئەھۋاللىرى بولۇش ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ ياللۇغى، بالىياتقۇ بوينى يوغىناش، بالىياتقۇ بوينى قېتىپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ.

2. ھامىلە پەردىسى ئەينىكى بىلەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوز قويىلىدۇ.

3. جىنسى يولدىن ئېقىپ چىققان سۇيۇقلۇقنىڭ كېسلاتا ۋە ئىشقارلىق دەرىجىسىنى ئۆلچەش ئارقىلىق دىئاگنوز قويىلىدۇ. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە جىنسىي يولىنىڭ كېسلاتا-ئىشقارلىق دەرىجىسى 4.5~5.5PH ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، قاپ يېرىلغاندىن كېيىن 7~7.5PH ئارىلىقىدا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قىزىل سىناش قەغىزىنى كۆك رەڭگە ئايلاندۇرىدۇ.

 4. باش سۈيىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويىلىدۇ. باش سۈيىدىن سۇۋالما ياساپ مىكروسكوپتا تەكشۈرگەندە، قوي چىشىغا ئوخشاش ئۆسۈملۈك يوپۇرمىقى ھالىتىدىكى كىرىستاللار كۆرىنىدۇ. ئەگەر سۇۋالمىنى ئوشىمىغان مىكروسكوپتا تەكشۈرگەندە سېرىق تۈكلەر ۋە ماي تامچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باش سۈيى قېپى ھۈجەيرىلىرى كۆرىنىدۇ. بۇنىڭغا قاراپ دىئاگنوز قويۇشقا بولىدۇ.

ھامىلە قېپىنىڭ بالدۇر يېرىلىشى1. بالدۇر تۇغۇش(چالا تۇغۇلۇش) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلىدارلىق ۋاقتى توشماستىنلا ھامىلە قېپى بالدۇر يېرىلسا بالدۇر تۇغۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 2. كىندىك بېغىنىڭ چىقىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلە جايلىشىش نورمال بولماستىن ياكى داس تار بولغاندا ھامىلە قېپى يېرىلغاندىن كېيىن كىندىك بېغى ھامىلە باش سۈيىگە ئەگىشىپ ھامىلىنىڭ ئالدىن كەلگەن قىسمى بىلەن داسنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى يوچۇقتىن بالىياتقۇ بوينى ئېغىزىنىڭ سىرتىغا، جىنسى يولغا ھەتتا سىرتقى جىنسى ئەزالىرىغىچە چىقىپ قېلىشى، كىندىك بېغى بېسىلىپ قېلىش بىلەن ھامىلىنىڭ تۇنجۇقۇشى ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. ھامىلە قېپى يېرىلغاندىن كېيىن جاراسىملار بالىياتقۇ بوشلۇقىغا ئوڭايلا كىرىۋېلىپ، يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر ھامىلە يۇقۇملانغان باش سۈيىنى سۈمۈرۈۋالسا ئۆپكىنىڭ يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. تۇغۇت ۋاقتى ئۇزىراش، بالىياتقۇ قىسقىرىشنىڭ ماسلاشماسلىقى، بالا ھەمرىيىنىڭ بېسىلىشى ۋە ھامىلىنىڭ تۇنجۇقۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھامىلە قېپىنىڭ بالدۇر يېرىلىشىھامىلىدارلىق ۋاقتى توشۇشقا يېقىنلاشقاندا ھامىلە قېپى يېرىلغانلاردىن، ھامىلىنىڭ ئورۇنلىشىشى، داسنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە شەكلى نورمال بولۇپ ھامىلىنىڭ ئالدىن كەلگەن قىسمى داسقا چۈشكەن بولسا، ھامىلە قېپى يېرىلىپ 24 سائەت ئىچىدە كۆپىنچە ھامىلىدار ئاياللار ئۆزلىكىدىن تۇغىدۇ. ئەگەر 24 سائەتتىن ئاشقاندىمۇ تۇغۇت باشلانمىسا، سۈنئىي ئۇسۇلدا تۇغدۇرۇش لازىم. يەنى داس كىچىك بولسا، داس سۆڭىكى بىلەن ھامىلىنىڭ بېشى ماس كەلمىسە ياكى ھامىلىنىڭ جايلىشىشى نورمال بولمىسا شۇنىڭغا قارىتا چارە قىلىش لازىم. مۆلچەرلىگەن تۇغۇت ۋاقتىدىن خېلىلا ئىلگىرى ھامىلە قېپى يېرىلغان بولۇپ، ھامىلىنى ساقلاپ قىلىش مەقسەت قىلىنسا كىندىك بېغىنىڭ چىقىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كاسسىسىنى يۇقىرى قىلىپ ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇش ياكى يېنىچە ياتقۇزۇپ كارىۋاتنىڭ ئاياغ تەرىپىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ قويۇش، شۇنداقلا تىنچلاندۇرغۇچى، بالىياتقۇنى بوشاشتۇرغۇچى دورىلارنى بېرىپ ياتقۇزۇپ دەم ئالدۇرۇش ھەمدە قاتتىق كۈزىتىش ئاستىدا ھامىلىدارلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۆزلىكىدىن تۇغۇشنى كۈتۈش ۋە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. ھامىلە قېپى بالدۇر يېرىلغاندىن كېيىن ھامىلىنىڭ يۈرەك ھەرىكىتى نورمالسىز بولسا، ئۆز ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلىش لازىم.

 1. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇق ۋە تازىلىققا دىققەت قىلىش لازىم.

 2. ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئىككى ئېيىدا جىنسى مۇناسىۋەت، ئېغىر جىسمانىي ھەرىكەت ۋە قورساق بېسىمىنى تۇيۇقسىز ئاشۇرۇۋېتىدىغان ھەرىكەتتىن ساقلىنىش لازىم.

 3. ھامىلە ئورنى نورمالسىز بولغۇچىلار تۇغۇتتىن بۇرۇن يېتىپ دەم ئېلىش ۋە ئۆز ۋقتىدا تۈزىتىش، ئازراق ھەرىكەت قىلىش، مەقئەتتىن تەكشۈرۈشنى ئىمكان قەدەر ئاز ئىشلەش، تەكشۈرۈشكە توغرا كەلسە، يېنىك ۋە ئاستا تەكشۈرۈش لازىم.

 4. داس تار، ھامىلىنىڭ ئورۇنلىشىشى نورمالسىز بولغان ئاياللار مۆلچەرلەنگەن تۇغۇش ۋاقتىدىن بۇرۇنراق كېلىپ بالنىستا يېتىشى، تۇغۇت باشلانغاندىن كېيىن كارۋاتتىن چۈشمەسلىكى ۋە كىلىزما قىلماسلىقى لازىم.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1231

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#