ئاۋىئاتسىيە-ئالەم ئايروپىلانى

ئاۋىياتسىيە-ئالەم ئايروپىلانى

ئاۋىياتسىيە-ئالەم ئايروپىلانىنىڭ تولۇق ئاتىلىشى ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى ئايروپىلانى بولۇپ، ئۇنى ھەم ئاۋىياتسىيە قاتنىشىدا ئىشلەتكىلى، يەر شارى ئاتموسفېرا قاتلىمىدا ئۇچۇرغىلى بولىدۇ، ھەم ئالەم قاتنىشىدا ئىشلەتكىلى، ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇرغىلى بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئاۋىئاتسىيە-ئالەم ئايروپىلانى
خەنزۇچە نامى 航空航天飞机

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاۋىياتسىيەئالەم ئايروپىلانىئىنسانلار ئالەم بوشلۇقىغا قەدەم بېسىشتا، ئەڭ باشتا ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرغان، بۇ توشۇغۇچى راكېتا تەرىپىدىن ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقارغانىدى . كېيىن، كىشىلەر يەنە ئالەم ئايروپىلانىنى كەشىپ قىلدى، ئالەم ئايروپىلانى توشۇغۇچى راكېتا، ئالەم كېمىسى ۋە ئايروپىلاننىڭ ئەپچىللىك بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى بولۇپ، ئۇنى ھەم راكېتاغا ئوخشاش قويۇپ بېرىپ ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغىلى بولىدۇ، ئۇنى يەنە ئالەم كېمىسىگە ئوخشاش يەر شارىنى ئايلىنىپ ئوربىتىدا ئۇچۇرغىلى بولىدۇ، ئۇ يەنە ئاۋىياتسىيە ئايروپىلانىغا ئوخشاش يەر يۈزىگە قونالايدۇ ۋە ئۇچالايدۇ، ئۇنى 100 قېتىمدىن ئارتۇق تەكرار ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئەمما ئالەم ئايروپىلانىنىڭ يەنە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان تەرەپلىرىمۇ بار، مەسىلەن، ئۇنى ئاسراش ۋە قويۇپ بېرىش خىراجىتى مۆلچەردىكىدەك ئۇنداق ئەرزان ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەمىشە كاشىلا يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.

تەتقىق قىلىش

شۇنىڭ بىلەن، ئالەم قاتنىشى مۇتەخەسسىسلىرى يېڭى بىر ئەۋلاد ئالەم قاتنىشى ئۈسكۈنىسى-ئاۋىياتسىيە-ئالەم ئايروپىلانىنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا كىرىشتى.

ئاۋىياتسىيەئالەم ئايروپىلانىئاۋىياتسىيە-ئالەم ئايروپىلانىنىڭ تولۇق ئاتىلىشى ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى ئايروپىلانى بولۇپ، ئۇنى ھەم ئاۋىياتسىيە قاتنىشىدا ئىشلەتكىلى، يەر شارى ئاتموسفېرا قاتلىمىدا ئۇچۇرغىلى بولىدۇ، ھەم ئالەم قاتنىشىدا ئىشلەتكىلى، ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇرغىلى بولىدۇ. ئاۋىياتسىيە-ئالەم ئايروپىلانى يەر يۈزىدىن ئۇچقاندا، ھاۋا پۈركۈگۈچ دۋىگاتېلنى ئىشلىتىپ، ئاۋىياتسىيە ئايروپىلانىغا ئوخشاش يەر يۈزىدىن گورىزونتال ھالەتتە كۆتۈرەلەيدۇ. يەر يۈزىدىن 30 كىلومېتىر ئېگىزلىككە كۆتۈرۈلگەندە، ھاۋا پىرېسلىغۇچى رېئاكتىپ دۋىگاتېلنى ئىشلىتىپ، سۈرئىتىنى ئاۋاز تېزلىكىنىڭ 25 ھەسسىسىگە يەتكۈزۈپ، ئاتموسفېرا قاتلىمىدا قىتئەلەر ئارا ئۇچالايدۇ. ئەگەر ئاتموسفېرا قاتلىمىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولسا، راكېتا دۋىگاتېلنى ئىشلەتسە ئالەم بوشلۇقىدىكى ئوربىتىغا كىرەلەيدۇ. يەر يۈزىگە قايتىپ كەلگەندە ئاۋىياتسىيە ئايروپىلانىغا ئوخشاش يەرگە گورىزونتال ھالەتتە قونالايدۇ.

ئاۋىياتسىيە-ئالەم ئايروپىلانى ئادەتتىكى چوڭ تىپتىكى ئايروپورتتا ئۇچالايدۇ ۋە قونالايدۇ، شۇڭا ناۋادا ئۇنى تەتقىق قىلىپ ياساش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغان بولسا، ئۇ ئالەم ئايروپىلانىنىڭ ئورنىنى ئېلىپلا قالماستىن، يەنە بىز ئۇنىڭغا ئولتۇرۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ساياھەتكە بارالايمىز، ئۇ چاغدا بىزنىڭ يەر شارىنىڭ ھەر قانداق بىر يېرىگە بېرىشىمىز ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#