ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى

ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى

تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوڭ يۈرەك يۈكى ئېشىپ، كىلىنىكىدا يۆتىلىش، بەلغەم تۈكۈرۈش، ھاسىراش، سۇلۇق ئىششىش، تال جىگەر چوڭىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك، ئۆپكىدە يۈز بەرگەن ئۇزاق مۇددەتلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ يۈرەككە تەسىر قىلىشى سەۋەبىدىن بولىدىغان كېسەل. 

غەرب تېبابىتى نامى ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى
كېسەللىك سەۋەبى ئۆپكىدە يۈز بەرگەن ئۇزاق مۇددەتلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ يۈرەككە تەسىر قىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار چوڭ ياشلىق كىشىلەر
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
خەنزۇچە باشقا نامى 肺心病
ئاساسلىق ئالامىتى يۆتىلىش، نەپەس قىيىنلىشىش، سۇلۇق ئىششىق
خەنزۇچە نامى 肺源性心脏病
تەۋە بۆلۈم يۈرەك ئىچكى بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى ئۆپكە
ئىنگلىزچە نامى corpulmonale

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلىبۇ كېسەللىك كېسەللىك باشلىنىشنىڭ تېز ئاستىلىقىنىڭ ئوخشىماسلىقى، كېسەللىك جەريانىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا ئاساسەن ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. 

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئۆپكىدە يۈز بەرگەن ئۇزاق مۇددەتلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ يۈرەككە تەسىر قىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: كۆپىنچە چوڭ ياشلىق كىشىلەردە كۆرۈلىدۇ، يۆتىلىش، نەپەس قىيىنلىشىش، سۇلۇق ئىششىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: لاچىندانە، قاقىلە، بەسباسە، دارچىن يەتتە گىرامدىن، زەنجىۋىل، پىلپىل تۆت گىرامدىن، تاباشىر، سازەج ھىندى، ئاپېلسىن پوستى ئىككى گىرامدىن، مەستىكى، ئەنبەر، زەپەر ئۈچ گىرامدىن، جويۇز سەككىز گىرام، ئىپار ئىككى گىرام، مەرۋايىت ئۈچ گىرام، ھەسەل 200 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلار يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا ئىككى گىرام دورىنى مۇۋاپىق مىقداردىكى ئەرىقى بەدىيان بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: تېشىلمىگەن مەرۋايىت، ئەرىقى گۇلاب، ئەرىقى گاۋزىبان 10 گىرامدىن، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، كاسىنە گۈلى، پەرەنجىمىشكى، گاۋزىبان، بادرەنجى بۇ ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقى ئالتە گىرامدىن، قىرقىلغان پىلە 10 گىرام، ئىپار، ئەنبەر بىر گىرامدىن، ئالما شەربىتى 100 مىللىلىتىر، ئامىلە مۇرابباسى، ناۋات 200 گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: مەرۋايىتنى گۇلاب ياكى ئەرىقى گاۋزىبان بىلەن سالايە قىلىپ يۇمشىتىپ، قالغان دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ناۋاتنى گۇلاب بىلەن قىيام قىلىپ، ئاندىن شەربەت، مۇراببالارنى ئارىلاشتۇرۇپ، باشقا دورىلارنى سېلىپ خېمىر قىلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: قىزىلگۈل بىر كىلوگرام، سۇ ئالتە كىلوگرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: قىزىلگۈلنى تازىلاپ، پار قازىنىدا قاينىتىپ پارلاندۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن 50 گىرامغىچە ئىچىلىدۇ. 

ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلىئۆپكە كانايچە ۋە كۆكرەك قەپىزىدىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئوڭ يۈرەك يۈكى ئېشىپ يۆتىلىش، بەلغەم تۈكۈرۈش، ھاسىراش، كۆكىرىش، بويۇن ۋېناسى كۆپۈش، تال جىگەر يوغىناش سۇلۇق ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

سەۋەبى:كاناي ئۆپكە كېسەللىكلىرى تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ ، كۆكرەك قەپىزىنىڭ ھەرىكىتىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدىغان ئەھۋاللاردىن كېلىپ چىقىدۇ، ئۆپكە قان تومۇرلىرىدىكى كېسەللىكلەرنىڭ تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ.[0]

كېسەللىك ئالامىتى

دەسلەپكى دەۋرلىك ئىپادىسى:

يۆتىلىدۇ، نەپەس قىيىنلىشىدۇ، بەلغەم تۈكۈرىدۇ، قان تۈكۈرىدۇ، ئۆپكىدىن ھۆل قۇرۇق خىرىپ ئاڭلىنىدۇ، ئوخشىمىغان دەرىجىدە كۆكىرىدۇ، بامبۇك بوغۇمسىمان بارماق شەكىللىنىدۇ. كۆكرەكنىڭ شەكلى تۇڭ شەكىلگە كىرىپ قالىدۇ، ئولتۇرۇپ نەپەسلىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ، ئۆپكە ئارتېرىيە كىلاپان رايونىدا زىيادە ئۇچۇق تاۋۇش ئاڭلىنىدۇ يۈرەك بوغۇق تاۋۇشى كىچىكلەيدۇ.

ئېغىرلاشقان دەۋردىكى ئالامەتلىرى:

ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك بىلەن ئۆتكۈر ئۆپكە ئىچى يۇقۇملىنىش بولىدۇ، كاربون چالا ئوكسىدى يىغىلىپ قېلىش بىلەن باش قايىدۇ،

يۈرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىقنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ .

قوزغاتقۇچى ئامىللار: يۇقۇملىنىش، زىيادە چارچاش، تاماقنى كۆپ يېيىش، قان ئازلىق، مۇھىت بۇلغىنىش، قاتارلىقلار

دىياگنوز ئاساسى:(1)كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن (2)كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئاساسەن (3) قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن،

سېلىشتۇرما دىياگنوزى :(1)رېماتىزملىق يۈرەك كېسىلىدىن پەرقلەندۈرىمىز (2) تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىدىن پەرقلەندۈرىمىز(3) تۇغما يۈرەك كېسىلىدىن پەرقلەندۈرىمىز.[0]

داۋالاش پىرىنسىپى

باشقا كېسەللىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ كېسەلگە قارتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ، يۆتەل پەسەيتىش بەلغەم بوشىتىش، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش مەقسىتى بىلەن دورا ئىشلىتىلىدۇ، سۈيدۈك ھەيدەش، يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش مەقسىتى بىلەن دورا ئىشلىتىلىدۇ.[0]

داۋالاش ئۇسۇلى

ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلىيۆتەل پەسەيتىش بەلغەم بوشىتىش نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتى بىلەن لوئوق بادام، لوئوق سەرپىستان، لوئوق چىلغوزا، زوپا شەربىتى، ھەببى غارىقۇن، ئەنسىل شەربىتى، مەجۈنى نۇجاھ قاتارلىقلار بېرىلىدۇ، سۈيدۈك ھەيدەش، يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش مەقسىتى بىلەن تۆۋەندىكى دورا ئىشلىتىلىدۇ. خېمىر سەندەل، خېمىر مەرۋايىت، ئەرقى بەدىيان، ئەرقى ئەبرىشىم قاتارلىقلار.[0]

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

تەستە سىڭىدىغان يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلدۇرىمىز، ئاسان ھەزىم بولىدىغان ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلدۇرىمىز، كۆپ ھەرىكەت قىلىشتىن تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، روھى جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش كېرەك. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#