قاراغوجا يېزىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قاراغوجا يېزىسىنىڭ يەنە بىر ئىسمى ئاستانە يېزىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان شەھىرىدىكى ئىدىقۇت رايونىنىڭ قارمىقىدىكى بىر يېزا - بازار دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورۇن.
قاراغوجا يېزىسىقاراغوجا يېزىسىنىڭ يەنە بىر ئىسمى ئاستانە يېزىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان شەھىرىدىكى ئىدىقۇت رايونىنىڭ قارمىقىدىكى بىر يېزا - بازار دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورۇن.
قاراغوجا يېزىسى تۇرپان شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، يالقۇن تاغنىڭ جەنۇبىي باغرىغا جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 150 كۋادرات كىلومىتر، ھۆل - يېغىن مىقدارى ئاز، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى ئاران % 16، پارلىنىشى 3300 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە قىروسىز مەزگىلى 228 كۈن، كىلىماتى تىپىك ئىسسىق قۇرغاق ۋە ئىسسىق قۇم بەلبېغىغا تەۋە.
قاراغوجا يېزا تەۋەسىدە « ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى » دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورۇنلىرى ۋە داڭلىق يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونى بار، تۇرپان شەھەرنىڭ ئەڭ ياخشى ساياھەت شەرقى لىنىيەسىدىكى ئاساسىي رايون، پۈتۈن يېزىدا 80 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر بار، قوغۇن - تاۋۇز، قۇرۇق ئۈزۈم، زىرە، ئانار قاتارلىق ئۈستۈنلۈككە ئىگە زىرائەت كۆپ چىقىدۇ، پۈتۈن يېزا ئومۇمىي ئاھالىسى تەخمىنەن 12 مىڭ ئادەم، ھەممىسى ئۇيغۇر، مىللىي ئۆرپ - ئادەت ساددا، دىننىي تۈسى قويۇق، يېزىغا تەۋە باداملىق كەنتى، بۇلۇڭ مەھەللە كەنتى، كونا شەھەر كەنتى قاتارلىق ئۈچ مەمۇرىي كەنت، 10 تەبىئىي كەنت بار، 2500 دىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسى بار. 2006 - يىلى مەھسۇلات قىممىتى 7467 مىڭ يۈەنگە، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 3402 يۈەنگە يەتكەن.
يېڭى سورت ئۈزۈم 1200 مو، يېڭى سورت ئانار 800 مو، قوغۇن - تاۋۇز 13 مىڭ مو، كېۋەزلىك 3000 مو، ئېتىز - ئېرىق ئىھاتە ئورمىنى 120 مىڭ مو، يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىش كۆلىمى 1000 موغا يەتكەن، تۆۋەن بېسىملىق تۇرۇبا ئۇزۇنلۇقى سەككىز كىلومېتر، قۇراشتۇرۇش، تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش ترانسفورماتورى 28 دانە، رېمونت قىلىش، ماشىنىلاشقان قۇدۇق 118 كۆزگە يەتكەن، چارۋىچىلىق يېڭىدىن كۆپەيگەن ئائىلە چارۋىچىلىق فېرمىسى ئۈچ ئائىلە، يېڭىدىن سورتلۇق ئۇرۇق كۆپەيتىش ئائىلىسى 120 ئائىلەگە، كالا، قويلىرى 63 مىڭ تۇياققا، ئۆي قۇشلىرى قولدا 18 مىڭ دانىگە يەتكەن، بىر يىل ئىچىدە 100 مىڭ تۇياق كالا، قوي بورداش ۋەزىپىسىنى ئورۇندالغان. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئارقىلىق يىل ئىچىدە دېھقانلارنىڭ ساپ كىرىمى 3830 يۈەنگە يەتكەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.