ئۈچئۆستەڭ يېزىسى
ئۈچئۆستەڭ يېزىسى كۇچا ناھىيەسىنىڭ 18.5 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۈچئۆستەڭ يېزىسىئۈچئۆستەڭ يېزىسى كۇچا ناھىيەسىنىڭ 18.5 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، 314-دۆلەت يولى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى، بازارنىڭ شىمالىدىكى 2-1 كىلومېتىر كېلىدىغان جاينى كېسىپ ئۆتىدۇ، يېزا رايونىنىڭ غەربىي شىمالى باي ناھىيەسى بىلەن چېگرىداش، غەربىي جەنۇبتا شىنخې ناھىيەسى بىلەن چېگرالىنىدۇ، شەرقىي شىمالى ئىشخلا يېزىسى بىلەن، شەرقىي جەنۇبى ئالاقاغا يېزىسى، چىمەن بازىرى، بېھىشباغ يېزىسى بىلەن قوشنا.
ئۈچئۆستەڭ يېزىسىئۈچئۆستەڭ يېزىسىنىڭ يەر شەكلى تەكشى. ئۇنىڭغا قاراشلىق 19 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار: ئۈچئۆستەڭ كەنتى، ئارامەھەللە كەنتى، ئارائۆستەڭ كەنت، ئۈستۈنكى تۇغچى كەنتى، ئۈستۈنكى غوجىئېرىق كەنتى، تۆۋەن غوجا ئېرىق كەنتى، تۆۋەنكى تۇغچى كەنتى، ئۈستىنكى پەيزاۋات كەنتى، تۆۋەنكى پەيزاۋات كەنتى، قۇمتۇر كەنتى، لەڭگەر كەنتى، ئۈستىنكى بەشكېرەم كەنتى، تۆۋەنكى بەشكېرەم كەنتى، قاراسۇ كەنتى، دۇگاتئېرىق كەنتى، خامپاباغ كەنت، ئىپارباغ كەنتى، دەرۋازايار كەنتى، ئاخۇنلا كەنتى.
يېقىندىن بېرى، ئۈچئۆستەڭ يېزىسى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، ئۆي قۇشلىرى بېقىش ۋە يېشىل مېۋە ئىشلەپچىقىرىش، كۆكتات تېرىشنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرغان. كۇچا ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيىلىك زور پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكتىن تولۇق پايدىلىنىپ، 314-دۆلەت يولىنىڭ يول بويى ئىقتىسادىي تەرەققى قىلدۇرغان، چېگراسى ئىچىدىكى سۇ ئامبىرى ساياھەت بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، تۈر كىرگۈزۈپ، يېمەك-ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رايون ئىچىدىكى تۈرلۈك ئىقتىسادىي بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، خېرىدار-مەبلەغ جەلىپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، 2 دىن 3 كىچە تەرەققىيات ئىستىقبالى بار يېزا-بازار كارخانىلىرىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە , شەھەر-بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن. 2007-يىلى خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 125 مىليون يۈەن بۇلۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 3050 يۈەن بولغان، يېزا ئىقتىسادى ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.