شامالباغ بازىرى

شامالباغ بازىرى
شامالباغ بازىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى : قەشقەر شەھىرى قارمىقىدىكى يېزا-بازار دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورۇن. 

ئۇيغۇرچە نامى شامالباغ بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا-بازار
يەر مەيدانى 15 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 夏马勒巴格镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر شەھىرى
نوپۇسى 68 مىڭ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شامالباغ بازىرىشامالباغ بازىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى : قەشقەر شەھىرى قارمىقىدىكى يېزا-بازار دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورۇن. ئۇنىڭ قارمىقىدا 12 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. قەشقەر شەھەر رايونىنىڭ غەربىي شىمالغا جايلاشقان. شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى ئىككى كىلومېتىر كېلىدۇ. تۈمەن دەرياسى ۋە قىزىل دەريا ئوتتۇرىسىدىن ھالقىغان كۆلىمى 15 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. شامالباغ بازىرى جەمئىي 68 مىڭ نوپۇسى، مۇقىم نوپۇسى 19 مىڭ. 

شامالباغ بازىرى قەشقەر شەھىرى قارمىقىدا. ئازادلىقتىن كېيىن بۇ قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەلىك تەنتەربىيە رايونىغا تەۋە بولغان. 1952-يىلى يەتتە ۋىلايەت (سەمەن رايونى) شامالباغ يېزىسىنى قەشقەر شەھىرىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، 1964-يىلى گۇڭشى، 1984-يىلى يېزىلىق بولغان.

شامالباغ بازىرىشامالناغ بازىرى قەشقەر شەھەر رايونىنىڭ غەربىي شىمالغا جايلاشقان. شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى ئىككى كىلومېتىر. تۈمەن دەرياسى ۋە قىزىل دەرياسى ئوتتۇرىسىدا. «314» دۆلەت يولى چېگرىدىن ئۆتىدۇ .

شامالباغ بازىرىنىڭ تۆۋەنكى قارمىقىدا ئۇنىڭغا 12 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. يەنى :

شامالباغ بازىرىشامالباغ كەنتى، سوقا كۆلبېشى كەنتى، قۇرۇقتېرەك كەنتى، سىركىچى كەنتى،  توغراقلىق مازار كەنتى، كۆكئېرىق ھويلا كەنتى، يالغۇزقەبرە كەنتى، تۇگايلەڭگەر كەنتى، جالامەھەللىسى كەنتى، قىزىلدۆۋە كەنتى، ئۈجمىلىك كەنتى، ئەسكىسار كەنتى، ئاياغ پاختەكلىك كەنتى، سۈزۈكبۇلاق كەنتى قاتارلىقلار.

مەمۇرىي نومۇرى : 653101101مەمۇرىي دەرىجىسى: بازارئۇزۇن يوللۇق تېلېفون رايون كودى : 0998
قاراشلىق رايونلارنىڭ كۆلىمى : 15kmنوپۇس : تەخمىنەن 19 مىڭ ئادەمنوپۇسنىڭ زىچلىقى : 1267 ئادەم/كۋادىرات كىلومىتېر 
 پوچتا نومۇرى : 844000ماشىنا تاختىسى نومۇرى : Qتەۋەلىك مەمۇرىي رايون : قەشقەر شەھىرى

شامالباغ بازىرىدا جەمئىي 68 مىڭ نۇپوس بۇلۇپ، مۇقىم نوپۇسى 19 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆچمە ئاھالە %55 نى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇر، خەنزۇ، ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %85 كە يېتىدۇ.

شامالباغ بازىرىشامالباغ بازىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق , شال، كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار بار. قوشۇمچە كەسىپتە كۆپرەك ئۆي ھايۋانلىرى، ئۆي قۇشلىرىنى بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ. يېزا-بازار كارخانىلىرىدا  قەغەز، بىناكارلىق قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى، مىللىي بۇيۇملار، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى، ياغاچ جاھازىلار، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

شامالباغ بازىرىشامالباغ بازار پارتكومىدىكىلەر ئۆزلىرى ئىتوت، ناخشا ئۇسسۇل قاتارلىق ئۇيۇنلارنى كۆرسىتىدۇ. كىمنىڭ سەنئەت ماھارىتى بولسا جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. بۇنداقتاق بولغاندا كەنتتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتىگە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قاتنىشىدۇ.

شامالباغ بازار پارتكوم رەھبەرلىكى ھەر يۈرۈش پائالىيەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرغان بۇلۇپ، ئاساسلىقى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەزمۇن قىلىنغان بىر ئايدا بىر قېتىم مەركەزلىك تەشۋىقات قانات يايدۇرۇپ، لېكسىيە سۆزلەپ، لېكسىيە ۋاقتى يېرىم سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئارقىدىن ھەر كىم ئۆز ماھارىتى كۆرسىتىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#