- چارباغ يېزىسى (يەكەن ناھىيەسى)
- چارباغ يېزىسى (لوپ ناھىيەسى)
- چارباغ يېزىسى (مارالبېشى ناھىيەسى )
چارباغ يېزىسى
چارباغ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چارباغ يېزىسى يەكەن ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا بۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. يېزىغا قاراشلىق 15 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. يەكەن دەرياسى يەلپۈگۈچسىمان ئېقىن چۆكۈندىسى تۈزلەڭلىكنىڭ ئوتتۇرا بەلباغ قىسمىغا جايلاشقان. يەر تۈزۈلۈشى غەربتىن شەرققە قاراپ يانتۇلاشقان، يەلپۈگۈچسىمان ئېقىن چۆكۈندىسى شەكىللىك بولۇپ، غەربىي جەنۇبى كوئېنلۇن تېغى رايونى، شەرقىي شىمالى قىسمى يەكەن دەرياسى تىنما تۈزلەڭلىك، غەربىي شىمال قىسمى چۆللۈك، قۇملۇق. يەكەن دەرياسى، تىزناپ دەرياسى ئارقىلىق ناھىيە تەۋەسىگە كىرىدۇ. كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ. تۆت پەسىل ئېنىق، ھاۋاسى نەم، كۈن چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، پۈتۈن يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى تۆۋەن، پارغا ئايلىنىش مىقدارى يۇقىرى، ئوتتۇرىچە قىراۋسىز مەزگىلى 177 كۈن.
چارباغ يېزىسىغا قاراشلىق 15 مەمۇرىي كەنىت ئاھالىلەر كومتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: گۈلباغ كەنتى، سۇلۇقئېرىق كەنتى، ئايكۆل كەنتى، ئەنجۈلە كەنتى، چارباغ كەنتى، گۈزەتوغراق كەنتى، گۈزە كەنتى، نوقەت كەنتى، يېڭىباغ كەنكتى، ياڭاقلىق كەنتى، ئوتاقچى كەنتى، قۇتىچى كەنتى، مىۋىغول كەنتى، يۇقىرى قۇتىچى كەنتى، دەستھويلا كەنتى قاتارلىقلار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.