يالقۇنتاغ

يالقۇنتاغ
يالقۇنتاغ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. يالقۇنتاغ ئەتراپى تونۇردەك ئىسسىق بولىدۇ.

نامى يالقۇنتاغ
تەۋە رايون شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى
خەنزۇچە نامى 火焰山
ئىنگلىزچە نامى Flaming Mountains

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يالقۇنتاغ«غەربكە ساياھەت» رومانىنى ئوقۇغانلارنىڭ ھەممىسى سۇن ۋۇكۇڭنىڭ پالما يوپۇرمىقىدىن ياسالغان يەلپۈگۈچنى پەم بىلەن ئارىيەتكە ئېلىپ يالقۇنتاغدا لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتنى ئۆچۈرۈپ، ئۇستاز-شاگىرت بولۇپ تۆت ئادەمنىڭ غەربكە نوم ئېلىشقا ماڭغانلىقىدەك ھېكايىنى بىلىدۇ. بۇ يالقۇنتاغ ئىبارەت، ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. 

تۇرپان ئويمانلىقىتۇرپان ئويمانلىقى دۇنيادىكى ئەڭ پەس ئويمانلىق، ئويمانلىقنىڭ %8  يېرى دېڭىز يۈزىدىنمۇ تۆۋەن، ئەڭ پەس بولغان ئايدىڭكۆلنىڭ كۆل يۈزى دېڭىز يۈزىدىن 154 مېتىر تۆۋەن، بۇ جۇڭگودىكى ئەڭ پەس جايدۇر. ئويمانلىقنىڭ تۆت ئەتراپىنى ئېگىز تەڭرىتاغنىڭ تارماقلىرى ئوراپ تۇرىدۇ، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 25 مىللىمېتىر ئەتراپىدا، ئىقلىمى ئىنتايىن ئىسسىق بولۇپ، داڭلىق «ئوت ماكانى» ھېسابلىنىدۇ. ياز پەسلى، چۈشتىكى ھاۋا تازا ئىسسىغان ۋاقىتتا كىشىلەر دائىم گەمىگە كىرىپ ئىسسىقتىن پاناھلىنىدۇ، كەچ كىرگەندە ئاندىن تىجارەت ۋە باشقا پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. گەرچە بۇ يەردە دائىم ھاۋا گۈلدۈرلەپ چاقماق چېقىپ تۇرسىمۇ، لېكىن يەر يۈزىگە چۈشكەن يامغۇر تامچىسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، ئەسلىدە يامغۇر سۇلىرى يەر يۈزىگە يېتىپ كەلمەي تۇرۇپلا ھورغا ئايلىنىپ كېتىدىكەن. 

يالقۇنتاغشەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 100 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 10 كىلومېتىر كېلىدىغان قىزىل تاغ ئويمانلىقنىڭ پەس يېرىگە جايلاشقان. بۇ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 500 مېتىردىن ئاشمايدىغان پەس تاغ بولسىمۇ، لېكىن تاغنىڭ يەر تۈزۈلۈشى ئېگىز-پەس ۋە خەتەرلىك، ئەڭ ئېگىز چوققىسى ئەتراپىدىكى سىڭگىم ئېغىزى تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە «شىنشىڭگۇ» دەپ ئاتىلاتتى، ئۇ ئىدىقۇت شەھىرىگە كىرىشتىكى مۇھىم ئۆتكەل ئىدى. ئۇنىڭ ئىككى تەرىپى ھەر خىل غەلىتە شەكىلدىكى قىزىل رەڭلىك تاغ جىنسلىرى كەڭ تارقالغان قاتمۇقات تىك تاغلىقتىن ئىبارەت. ئۇ گىياھ ئۆسمەيدىغان تاغ بولۇپ، قىزىق قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈشى بىلەن قىزىل تاغ ئېتىكىدە قىزىل نۇرلار چاقناپ تۇرىدۇ، يىراقتىن قارىسىڭىز خۇددى ئوت يالقۇنى ئورىۋالغاندەك كۆرۈنىدۇ. جىلغا ئىچىگە كىرسىڭىز، خۇددى رىۋايەتلەردە ئېيتىلىدىغان دۇنياغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز. 

يالقۇنتاغ ئەتراپى تونۇردەك ئىسسىق بولىدۇ. تاڭ شائىرى زېڭ سەن يالقۇنتاغنى «قۇتتاغ (يالقۇنتاغنىڭ بۇرۇنقى نامى) ئېغىزىدا بىر چوققا تۇرىدۇ چاقناپ، ماي ئېيىدا كېتەر چوققىنى چوغ بۇلۇت قاپلاپ. لاۋۇلداپ يانغاچقا يەر بىلەن ئاسمان، يىراقتىكى قۇشمۇ تاغنى ئۇچالماس ئاتلاپ.» دەپ تەسۋىرلىگەن. «غەربكە ساياھەت» نىڭ ئاپتورى ۋۇچىڭئېن يالقۇنتاغنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ تەسىرلىك رىۋايەت ھېكايىسىنى يېزىپ چىققان. 

يالقۇنتاغ-تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، «يېپەك يولى »نىڭ شىمالىغا جايلاشقان .پىژغىرىم ئىسسىقتا تاغدىكى قىزغۇچ قوڭۇر قۇم-شېغىللار جىلۋىلىپ، خۇددى لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان كۆرۈنىدۇ. يالقۇنتاغ تۇرپاندىكى داڭلىق مەنزىرىلىك جاي.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#