ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق كېڭىشى
ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق كېڭىشى قىسقارتىلىپ «ياۋروپا بىخەتەرلىك كېڭىشى» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ كېڭەشكە شەرقىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەر ۋە ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق35 دۆلەت قاتناشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق كېڭىشى قىسقارتىلىپ «ياۋروپا بىخەتەرلىك كېڭىشى» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ كېڭەشكە شەرقىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەر ۋە ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق35 دۆلەت قاتناشقان. 1991-يىلىدىن كېيىن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەزا جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ياۋروپا بىخەتەرلىك كېڭىشىگە كىردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى 48 گە يەتتى.
1973-يىلى7-ئايدا، ياۋروپا بىخەتەرلىك كېڭىشىگە قاتناشقان دۆلەتلەر بىرىنچى باسقۇچلۇق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزدى. شۇ يىلى 9-ئايدا يەنە ئىككىنچى باسقۇچلۇق يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىن ئىككى يىلغا سوزۇلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا 2400 قېتىم يىغىن ئېچىلىپ، ئاخىردا ياۋروپا بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ «ئاخىرقى ھۆججىتى» تۈزۈپ چىقىلدى. 1975-يىل 7-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ياۋروپا بىخەتەرلىك كېڭىشىدىكى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىن ئۆتكۈزۈپ» ئاخىرقى ھۆججەت «كە ئىمزا قويدى، شۇنداقلا «كېڭەشكە ئەزا دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىگە رەھبەرلىك قىلىش پرىنسىپى» ھەمدە «ئىشەنچ تىكلەش ۋە بىخەتەر ھالدا ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش تەدبىرى» نى تۈزۈپ چىقتى. كېيىن ياۋروپا بىخەتەرلىك كېڭىشى يەنە كۆپ قېتىم مارافونچە يىغىن ئۆتكۈزدى.
ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق كېڭىشى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياۋروپا بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ مەزمۇنى ئىقتىسادىي تەرەپكە قاراپ كېڭەيدى. 1990-يىلى 3-ئايدا ياۋروپا بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى بونندا ئۆتكۈزۈلۈپ، شەرق بىلەن غەرب ھەمكارلىقىغا يېڭى يول ئېچىلدى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.