بىڭ يى

بىڭ يى بۈگۈنكى زامان سەنئەتكارى، كىنو رېژىسسورى، ئەدەبىيات نەزەرىيەچىسى، يازغۇچى، ئورۇنلاشتۇرغۇچى، ئارخېئولوگىيە ئالىمى، چېگرا ھالقىغان ئىجادىيەتچى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى بىيىڭ يى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى بېيجىڭ
پۈتتۈرگەن مەكتىپى يالې ئۇنىۋېرسىتېتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 冰逸
مىللىتى خەنزۇ
كەسپى سەنئەتكار، پېداگوگ، چېگرا ھالقىغان ئىجادىيەتچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بىڭ يىبىڭ يى بۈگۈنكى زامان سەنئەتكارى، كىنو رېژىسسورى، ئەدەبىيات نەزەرىيەچىسى، يازغۇچى، ئورۇنلاشتۇرغۇچى، ئارخېئولوگىيە ئالىمى، چېگرا ھالقىغان ئىجادىيەتچى. يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت ئىلمى دوكتورى، « بىڭ يى ئىجادىيەت»نىڭ ئاساسىچىسى، لىلىڭ سلوۋېنىيە فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئىلگىرى نيۇيورك ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا دەرس ئۆتكەن، شاڭخەي ئاكسىيە توي مەلەكەند نەپىس گۈزەل سەنئەت سارىيىنىڭ باشلىقى بولغان.

بىڭ يى ئەسەرلىرى1998-يىلى ئامېرىكا مۇقەددەس دۇب ئۇنىۋېرسىتېتى، نوقۇل گۈزەل سەنئەت، سەنئەت تارىخى قوش ئۇنۋانغا ئېرىشكەن. 

1998-يىلى «ئاساس» تەتقىقات فوندىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇكاپاتىغا ئېرشكەن.

2001-يىلى يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت ئىلمى ماگىستىرى بولغان، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالماشتۇرۇلغان ئۈگەنگۈچى بولغان . 

2005-يىلى يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت ئىلمى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، نيۇيورك شتاتى ئۇنىۋېرسىتېتى كۆرۈش سېزىمى تەتقىقات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، مۇزېيشۇناسلىق ۋە تەدبىر كۆرگەزمىسى ئىلمى تەتقىقاتىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. 

2006-يىلى يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى «ماۋاڭدۈينى قايتا ئوقۇش» Proquest مەدەنىيەت خەزىنىسى دۇنيا بويىچە 70 مىڭ پارچە دوكتۇرلۇق ئىلمىي ماقالىسىدا «ئون چوڭ ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسى» شەرىپىگە ئېرىشكەن. 

2005-يىلى، 2007-يىلى، بېيجىڭ پومپىدۇ تۈرىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. بۇ تۈر دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئەل ئىچىدىكى تەشكىلنىڭ مۇددىئاسى خەلقئارالىق گۈزەل سەنئەت سارىيى قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان تىپىك مىسال بولغان.

2007-يىلى، سەنئەت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشقا باشلىغان. بېيجىڭدىكى ئۈچ بوشلۇق، بافالو ئۇنىۋېرسىتېتى سەنئەت مەركىزى ۋە نيۇيورك ئىلىن كوھېن گالېرىيىسىدا شەخىسى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن.

2008-يىلى، نيۇيورك MaxProtetch تۈرىنىڭ بوشلۇقىدا ئۆزىنىڭ شەخىسى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن، رەسىم سىزىش، مەنزىرە، سىنئالغۇ ئەسەرلىرى 2008-يىلىدىكى كۇاڭجۇ قوش يىل كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان.

2009-يىلى، بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىدە Erna Hecey رەسىم كارىدورى، شاڭخەي سېلىشتۇرما كۆرگەزمىسىدە شەخىسى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن. 

2011-يىلى، ئامېرىكىدىكى Albright Knox گۈزەل-سەنئەت سارىيى ۋە چىكاگو سەنئەت سارىيى تۈر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەن. 

2012-يىلى، گېرمانىيە بېرلىن چوڭ چېركاۋىدا يۈرۈشلۈك رەسىم قۇرۇلما مەيدانىدا «شامال شەكلى» كۆرگەزمە قىلىنغان. گېرمانىيە مەدەنىيەت مەركىزى باش بولۇپ ئۆتكۈزگەن.

2013-يىلى چوڭ تىپتىكى دالا رەسىم سىزىش تۈرىنى تاماملىغان، « مەۋجۇداتلار-لۇڭخۇشەن تېغى» (22 مېتىر × 2.6 مېتىر × 6 پارچە رەسىم) پارچە، «يەر مەركىزىدىكى ساياھەت-سەنچىڭشەن تېغى» (200 مېتىر × 2.6 مېتىر)، «دوڭ» (30 مېتىر × 20 مېتىر).

2014-يىلى ئىسپانىيە Charpa رەسىم كارىدورى، Alicante ھازىرقى زامان گۈزەل سەنئەت سارىيىدا شەخىسى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن. شۇ يىلى 10-ئايدا، شېنجېن باۋئەن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا چوڭ تىپتىكى ئايروپىلاننىڭ «ئاسما رەسىم قۇرۇلمىسى» تۈرىنى تاماملىغان. شۇ يىلى 11-ئايدا، كانادانىڭ تورونتو شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا 12 سائەتكە بولغان قارىشىنى نامايەن قىلىنغان رەسساملىق ۋە ئوپېرا نەق مەيدان «يېشىل نۇر»نى نامايەن قىلغان. 

2015-يىلى مېكسىكا مو جەي رەسىم كاردۇرىدا «يىن» كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن. شۇ يىلى «تار كوچا» تۈرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، بېيجىڭ ئىچكى شەھەرنىڭ ساھە ھالقىغان خىزمىتىنى باشلىغان. «تار كوچىدىكى بىر پارچە سۆيگۈ خېتى» ھەر ساھە زاتلىرىنى بېيجىڭدىكى ھەر بىر تار كوچىغا سالام خەت يېزىشقا  تەكلىپ قىلغان. بۇ تۈر ھېكايە، شېئىر، ﻗﻮﺷﺎق، بىناكارلىق، ھازىرقى زامان درامىسى، كىنو، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى خىزمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

2016-، 2015-يىلى كىنو «خارابىلىق»قا رېژىسسورلۇق قىلغان. فىلىم ئىشلىگۈچى لوسى. ئارتىس : لوسى، خەن خاۋ، جۇ يىڭچۈن، نى داخوڭ، تەن جوۋ، شيې شىڭخاۋ، جاۋ يى قاتارلىقلار.

بىڭ يى2006-يىلى «چۇ بەگلىكىدىن خەن بەگلىكىگىچە-- ماۋاڭدۈينى قايتا ئوقۇش» يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرلۇق ئىلمىي ماقالىسى، Proquest دۇنيادىكى 10 چوڭ ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن ئىلمىي ماقالە ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن.

1998-يىلى مۇقەددەس دۇب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ Mary E. Woolley ئۇل تېشى ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#