كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى نىزامى

كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى نىزامى

«كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى نىزامى» 2009-يىلى 4-ئاينىڭ 29–كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 60–دائىمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى نىزامى
ئىلان قىلغان ئورگان گوۋۇيۈەن
ماقۇللانغان ۋاقتى 2009-يىلى 4-ئاينىڭ 29–كۈنى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 11–كۈنى
خەنزۇچە نامى 流动人口计划生育工作条例
پىنيىنچە يېزىلىشى liú dòng rén kǒu jì huá shēng yù gōng zuò tiáo lì
قوللىنىلغان ۋاقتى 2009-يىلى 10-ئاينىڭ 1–كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى نىزامى» كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى كۈچەيتىش، مۇلازىمەت جەريانىدا باشقۇرۇش، كۆچمە ئاھالىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، تۆۋەن تۇغۇت سەۋىيەسىنى مۇقىملاشتۇرۇش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى» غا ئاساسەن چىقىرىلغان.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ پەرمانى (555-نومۇرلۇق)

«كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى نىزامى» 2009-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 60-دائىمىي يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2009-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

زۇڭلى ۋېن جياباۋ

2009-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى

1-ماددا بۇ نىزام كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى كۈچەيتىش، مۇلازىمەت جەريانىدا باشقۇرۇش، كۆچمە ئاھالىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، تۆۋەن تۇغۇت سەۋىيەسىنى مۇقىملاشتۇرۇش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى» غا ئاساسەن چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان كۆچمە ئاھالە نوپۇسقا ئېلىنغان ناھىيە، شەھەر ياكى شەھەرگە قاراشلىق رايوندىن ئايرىلىپ ئىشلەش، تۇرمۇش كەچۈرۈش مەقسىتىدە باشقا جايدا تۇرۇۋاتقان قۇرامىغا يەتكەن تۇغۇت يېشىدىكى كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، تۆۋەندىكى كىشىلەر بۇنىڭ سىرتىدا:

(1) كاماندىروپكىغا چىقىش، داۋالىنىش، ئوقۇش، ساياھەت قىلىش، تۇغقان يوقلاش، دوست يوقلاش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن، باشقا جايدا تۇرۇپ قالغان، نوپۇسقا ئېلىنغان جايغا مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن قايتىپ كېتىدىغان كىشلەر؛

(2) بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، رايون بار شەھەرنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدىكى باشقا رايوندا تۇرۇۋاتقان كىشىلەر.

3-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزىدۇ ھەمدە زۆرۈر كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ؛ كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلارنى كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى ھەرتەرەپلىمە باشقۇرۇشقا تەشكىللەيدۇ ۋە ماسلاشتۇرىدۇ؛ نىشانلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئالاقىدار تارماقلار ئۈستىگە ئالغان كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى باھالايدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ. 

4-ماددا كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە كۆچمە ئاھالە نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى ۋە ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولىدۇ، ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ئاساسلىق مەسئۇل بولىدۇ، نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ماسلىشىدۇ.

5-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت تارمىقى مەملىكەت بويىچە كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ ۋە يولغا قويىدۇ؛ كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، كۆچمە ئاھالە نوپۇسقا ئېلىنغان جاي بىلەن ھازىر تۇرۇۋاتقان جاينى پىلانلىق تۇغۇت ئۇچۇرلىرىدىن تەڭ پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن نوپۇسقا ئالاقىدار ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى ئۇچۇردىن تەڭ پايدىلىنىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ؛ كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى تەكشۈرىدۇ ۋە باھالايدۇ؛ كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەرلەندۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، بۇ جەھەتتىكى ئۇچۇرلارنى جەملەيدۇ ۋە ئۇنىڭدىن خەۋەرلەندۈرىدۇ؛ كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى قوبۇل قىلىپ ھەمدە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، كۆچمە ئاھالىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى، خەلق ئىشلىرى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا-قۇرۇلۇشى، سەھىيە، باھا تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

6-ماددا يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، كوچا باشقارمىلىرى باشقۇرۇش تەۋەسىدىكى كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ، پىلانلىق تۇغۇت تەشۋىق-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرىدۇ؛ پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتىنى كۆچمە ئاھالە ئىچىدىكى تۇغۇت يېشىدىكى ئەر-خوتۇنلار (تۆۋەندە تۇغۇت يېشىدىكى ئەر-خوتۇنلار دېيىلىدۇ) نىڭ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، تۇغۇت چەكلەشتە بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، مۇۋاپىق تەدبىر تاللىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا، تۇغۇت يېشىدىكى ئەر-خوتۇنلارغا دۆلەت بەلگىلىگەن ئاساسىي تۈرلەردىكى پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمىتىنى قانۇن بويىچە ھەقسىز قىلىشقا تەشكىللەيدۇ.

كۆچمە ئاھالە ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى بىلەن نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا باشقارمسى كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەرلەندۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىپ، كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا توپلايدۇ، كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئۇچۇرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، خەۋەرلەندۈرىدۇ.

7-ماددا كۆچمە ئاھالە ئىچىدىكى قۇرامىغا يەتكەن تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار( تۆۋەندە قۇرامىغا يەتكەن تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار دېيىلىدۇ) نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئېلىپ، نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتىگە ياكى كوچا باشقارمىسىغا بېرىپ، نىكاھ ۋە تۇغۇت ئىسپاتى ئېلىشى؛ نىكاھلانغانلار نىكاھ ۋە تۇغۇت ئىسپاتى ئېلىشتا توي خېتىنىمۇ كۆرسىتىشى كېرەك. نىكاھ ۋە تۇغۇت ئىسپاتىغا قۇرامىغا يەتكەن تۇغۇت يېشىدىكى ئايالنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، يېشى، كىملىك نومۇرى، نىكاھلىنىش ئەھۋالى، جورىسىنىڭ ئۇچۇرى، تۇغۇت ئەھۋالى، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، تۇغۇت چەكلەش ئەھۋالى قاتارلىق مەزمۇنلارنى يېزىش كېرەك.

كۆچمە ئاھالە نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا باشقارمىسى نىكاھ ۋە تۇغۇت ئىسپاتىنى ۋاقتىدا بېرىشى كېرەك.

8-ماددا قۇرامىغا يەتكەن تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار ھازىر تۇرۇۋاتقان جايغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە نىكاھ ۋە تۇغۇت ئىسپاتىنى تاپشۇرۇشى لازىم. قۇرامىغا يەتكەن تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار نىكاھ ۋە تۇغۇت ئىسپاتىنى ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى ياكى كوچا باشقارمىسىغا تاپشۇرسىمۇ، كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى ئارقىلىق ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتىگە ياكى كوچا باشقارمسىغا تاپشۇرسىمۇ بولىدۇ.

كۆچمە ئاھالە ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا باشقارمىسى نىكاھ ۋە تۇغۇت ئىسپاتىنى تەكشۈرۈپ، نىكاھ ۋە تۇغۇت ئىسپاتى ئالمىغان قۇرامىغا يەتكەن تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ نىكاھ ۋە تۇغۇت ئىسپاتىنى ۋاقتىدا ئېلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى؛ كۆچمە ئاھالىگە ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدا بەھرىمەن بولىدىغان پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى ۋە مۇكاپات، ئېتىبار، شۇنىڭدەك ئادا قىلىدىغان پىلانلىق تۇغۇت مەجبۇرىيىتىنى ئېيتىپ قويۇشى لازىم.

كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا باشقارمىسىنىڭ مۇشۇ ماددىنىڭ 2-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن خىزمەتلەرنى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىپ، كۆچمە ئاھالىنىڭ نىكاھ، تۇغۇت ئەھۋالىنى تىزىملاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

9-ماددا كۆچمە ئاھالە ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى، خەلق ئىشلىرى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، سەھىيە تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئۆز مەسئۇلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىگە كىرگۈزۈشى؛ تىزىملاش ۋە گۇۋاھنامە بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەردە ئۇققان كۆچمە ئاھالىنىڭ نىكاھ ۋە تۇغۇت ئىسپاتى ئېلىش ئەھۋالى قاتارلىق پىلانلىق تۇغۇت ئۇچۇرلىرىدىن شۇ جايدىكى تەڭ دەرىجىلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت تارمىقىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

خەۋەرنامىنى تاپشۇرۇۋالغان نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت تارمىقى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا باشقارمسى بىلەن بىرلىكتە كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش تەدبىرىنى ۋاقتىدا ئەمەليلەشتۈرۈشى لازىم.

10-ماددا كۆچمە ئاھالە ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدا پىلانلىق تۇغۇت جەھەتتە تۆۋەندىكى مۇلازىمەت ۋە مۇكاپات، ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدۇ:

(1) نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇتقا ئائىت قانۇن بىلىملىرى ۋە كۆپىيىش سىستېمىسى ساغلاملىقى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىگە ھەقسىز قاتنىشىش؛

(2) ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورا، سايمانلىرىنى قانۇن بويىچە ھەقسز ئېلىش، دۆلەت بەلگىلىگەن باشقا ئاساسىي تۈرلەردىكى پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمىتىدىن قانۇن بويىچە ھەقسىز بەھرىمەن بولۇش؛

(3) كېچىكىپ نىكاھلانغان، كېچىكىپ پەرزەنت كۆرگەنلەر ياكى ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدا پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغانلار ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ياكى چوڭراق شەھەرنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئارام ئېلىش قاتارلىقلاردىن بەھرىمەن بولۇش؛

(4) پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەنلەر كۆچمە ئاھالە ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ياكى چوڭراق شەھەرنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قاتارلىق جەھەتلەردە مەدەتكە، ئېتىبارغا ئېرىشىش، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش قاتارلىقلاردىن ئاۋۋال بەھرىمەن بولۇش.

11-ماددا كۆچمە ئاھالە ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، مۇشۇ نىزامنىڭ 10-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن كۆچمە ئاھالە بەھرىمەن بولىدىغان پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى ۋە مۇكاپاتى، ئېتىبارىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم.

كۆچمە ئاھالە نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قانۇن-نىزاملاردا ۋە قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن كۆچمە ئاھالە بەھرىمەن بولىدىغان پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى ۋە مۇكاپاتى، ئېتىبارىنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم.

12-ماددا تۇغۇت يېشىدىكى ئەر-خوتۇنلار پىلانلىق تۇغۇت بويىچە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، تۇغۇت چەكلەش تەدبىرىنى ئاڭلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نوپۇسقا ئېلىنغان جاي ۋە ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت بويىچە باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇشى لازىم.

13-ماددا كۆچمە ئاھالە ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتى شۇ جايدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ياكى چوڭراق شەھەرنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، نىكاھلانغان تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارغا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، تۇغۇت چەكلەش ئەھۋالىغا دائىر ئىسپات بېرىشى لازىم.

كۆچمە ئاھالە ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى كوچا باشقارمىلىرى نىكاھلانغان تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، تۇغۇت چەكلەش ئەھۋالىغا دائىر ئىسپاتىغا ئاساسەن، ئۇلار نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى ياكى كوچا باشقارمىسىنى كۆچمە ئاھالىنىڭ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، تۇغۇت چەكلەش ئەھۋالىدىن ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك. كۆچمە ئاھالە نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت تارمىقى، يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى ياكى كوچا باشقارمىلىرى نىكاھلانغان تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللاردىن نوپۇسقا ئېلىنغان جايغا قايتىپ، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، تۇغۇت چەكلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرتۈشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.

14-ماددا كۆچمە ئاھالە ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى شۇ جايدىكى يېزىلىق(بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى ياكى كوچا باشقارمىسىنىڭ شۇ كەنت ياكى شۇ ئولتۇراق رايوندىكى كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئەھۋالىنى ئۇقۇشىغا ھەمكارلىشىپ، يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى ياكى كوچا باشقارمىسىنى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

ئۆي ئىجارە ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتى، ئۆي ئىجارە (ئارىيەت) بەرگۈچى شەخس ۋە خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تەشكىلات ۋە شەخسلەر كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئەھۋالىنى ئۇقماقچى بولغاندا، مۇناسۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئەينەن بېرىشى لازىم.

15-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار شۇ ئورۇندىكى كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قانۇن-نىزام ۋە قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت مۇكاپاتى، ئېتىبارىنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شۇ جايدىكى يېزىلىق(بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا باشقارمىسى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت تارمىقىنىڭ نازارەتچىلىكى ۋە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى لازىم.

16-ماددا تۇغۇت يېشىدىكى ئەر-خوتۇنلاردىن تۇنجى پەرزەنت كۆرىدىغانلىرى ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى ياكى كوچا باشقارمىسىغا تۇغۇت مۇلازىمىتى بويىچە تىزىملاتسا بولىدۇ. تىزىملاتقاندا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك:

(1) ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ كىملىكى؛

(2) توي خېتى؛

(3) ئايالنىڭ نىكاھ ۋە تۇغۇت ئىسپاتى، ئەر نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى ياكى كوچا باشقارمىسى بەرگەن نىكاھ ۋە تۇغۇت ئىسپات ماتېرىيالى.

تۇغۇت يېشىدىكى ئەر–خوتۇنلار ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى ياكى كوچا باشقارمىسى ئايالنىڭ نىكاھ ۋە تۇغۇت ئىسپاتى، ئەر نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى ياكى كوچا باشقارمىسى بەرگەن نىكاھ ۋە تۇغۇت ئىسپات ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ يەتتە ئىش كۈنى ئىچىدە، ئۇلار نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى ياكى كوچا باشقارمىسىدىن مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئېنىقلىشى لازىم. تۇغۇت يېشىدىكى ئەر–خوتۇنلار نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى ياكى كوچا باشقارمىسى ئېنىقلاش تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 ئىش كۈنى ئىچىدە جاۋاب بېرىشى لازىم. ئەھۋال راست بولسا، تۇغۇت يېشىدىكى ئەر-خوتۇنلار ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى ياكى كوچا باشقارمىسى جاۋابنامىنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان تۇغۇت مۇلازىمەت تىزىم رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا ئۆتەپ بېرىشى كېرەك. ئەھۋال راست بولمىسا ۋە تىزىملانمايدىغان بولسا، سەۋەبىنى يازما چۈشەندۈرۈشى لازىم.

تۇغۇت يېشىدىكى ئەر-خوتۇن ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى ياكى كوچا باشقارمىسى تۇغۇت مۇلازىمەت تىزىم رەسمىيىتى بېجىرگەن كۈندىن باشلاپ 15 ئىش كۈنى ئىچىدە، ئۇلار نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى ياكى كوچا باشقارمىسىنى بېجىرىش نەتىجىسىدىن خەۋەرلەندۈرۈشى لازىم.

17-ماددا نىكاھ ۋە تۇغۇت ئىسپاتى ياكى باشقا پىلانلىق تۇغۇت ئىسپات ماتېرىياللىرىنى بېرىشتە، ھېچقانداق ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ.

كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە كېرەكلىك خىراجەت دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.

18-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، شۇنىڭدەك نىكاھ ۋە تۇغۇت ئىسپاتىنى تەكشۈرۈشكە ھەمكارلىشىدىغان كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرى پۇقرالارنىڭ شەخسىيىتىگە چېتىلىدىغان كۆچمە ئاھالە ئۇچۇرلىرىنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى لازىم.

19-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرىدىن كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.

20-ماددا كۆچمە ئاھالە نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى ياكى كوچا باشقارمىلىرىدىن كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى كوچا باشقارمىسىنى قۇرغان خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ:

(1) كۆچمە ئاھالىگە پىلانلىق تۇغۇت ئىسپات ماتېرىيالى بېرىشتە بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان، ساختا پىلانلىق تۇغۇت ئىسپات ماتېرىيالى بەرگەنلەر ياكى پىلانلىق تۇغۇت ئىسپات ماتېرىيالىغا ھەق ئالغانلار؛

(2) بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، نىكاھلانغان تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللاردىن نوپۇسقا ئېلىنغان جايغا قايتىپ، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، تۇغۇت چەكلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرتۈشنى تەلەپ قىلغانلار؛

(3) كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت مۇكاپاتى، ئېتىبارلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قانۇنغا ئەمەل قىلمىغانلار؛

(4) كۆچمە ئاھالە ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا باشقارمىلىرىغا كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئۇچۇرلىرىنى بېرىشتە مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(5) مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ باشقا ئەھۋاللار.

21-ماددا كۆچمە ئاھالە ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى كوچا باشقارمىلىرىدىن كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى كوچا باشقارمىسىنى قۇرغان خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ:

(1) تۇغۇت يېشىدىكى ئەر-خوتۇنلارغا دۆلەت بەلگىلىگەن ئاساسىي تۈرلەردىكى پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكىسى بويىچە ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىشتا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت مۇكاپاتى، ئېتىبارىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قانۇنغا ئەمەل قىلمىغانلار؛

(2) نىكاھ ۋە تۇغۇت ئىسپاتىنى تەكشۈرۈشتە مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(3) تۇغۇت يېشىدىكى ئەر–خوتۇنلارنى تۇغۇت مۇلازىمىتى بويىچە تىزىملاشتا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى ساختا پىلانلىق تۇغۇت ئىسپات ماتېرىيالى بەرگەنلەر ۋە ياكى پىلانلىق تۇغۇت ئىسپات ماتېرىيالىغا ھەق ئالغانلار؛

(4) كۆچمە ئاھالە نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا باشقارمىلىرىغا كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈشتە مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(5) مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ باشقا ئەھۋاللار.

22-ماددا كۆچمە ئاھالە ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى، خەلق ئىشلىرى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، سەھىيە تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇشۇ نىزامنىڭ 9-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ.

23-ماددا كۆچمە ئاھالىدىن نىكاھ ۋە تۇغۇت ئىسپاتى ئېلىشتا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىغا ئۇلار ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى ياكى كوچا باشقارمىسى ئۈچ ئاي ئىچىدە ئېلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىشى؛ ئالمىغان ياكى نىكاھ ۋە تۇغۇت ئىسپاتى تاپشۇرماي تۇرۇۋالغانلىرىغا كۆچمە ئاھالە ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى ياكى كوچا باشقارمىسى تەنقىد-تەربىيە بېرىشى كېرەك.

24-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ نىزامنىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىدۇ.

ئۆي ئىجارە ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتى، ئۆي ئىجارە (ئارىيەت) بەرگۈچى ۋە خوجىلىق مۇلازىمەت كارخانىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەردىن كۆچمە ئاھالە ئۇچۇرلىرىنى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەينەن بەرمىگەنلىرىنى شۇ جايدىكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى ياكى كوچا باشقارمىسى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، تەنقىد-تەربىيە بېرىدۇ.

25-ماددا بۇ نىزام 2009-يىل 10 –ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. گوۋۇيۈەن 1998-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى تەستىقلىغان، سابىق دۆلەت پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 1998-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلان قىلغان «كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى» بىكار قىلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/2464925.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#