خۇ ۋېي

خۇ ۋېي، ئەر، خەنزۇ، 1962-يىلى 1-ئايدا جېجياڭ دېچىڭدا تۇغۇلغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى خۇ ۋېي
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى جېجياڭ دېچىڭ
كەسپى ھۆكۈمەت ئەمەلدارى
ئوقۇش تارىخى ئاسپىرانت، دوكتور
خەنزۇچە ئاتىلىشى 胡伟
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1962-يىلى 1-ئاي
پۈتتۈرگەن مەكتىپى خاڭجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسى
پارتىيىگە كىرگەن ۋاقتى 1984-يىلى 3-ئاي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خۇ ۋېي، ئەر، خەنزۇ، 1962-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، جېجياڭ دېچىڭدىن، 1984-يىلى 3-ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1982-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاسپىرانتورىيىسى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ ئەمەلىي جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، قانۇنشۇناسلىق دوكتورى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى.

1978-يىلى 11-ئايدىن 1982-يىلى 8-ئايغىچە خاڭجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ تارىخ كەسپىدە ئوقۇغان.

1982-يىلى 8-ئايدىن 1984-يىلى 4-ئايغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى دېچىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىدە كادىر بولغان.

1984-يىلى 4-ئايدىن 1984-يىلى 5-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى جېجياڭ ئۆلكىسى دېچىڭ ناھىيەلىك كومىتېتىنىڭ سېكىرتارى بولغان.

1984-يىلى 5-ئايدىن 1986-يىلى 8-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجۇ شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكىرتارى، سېكىرتارى بولغان.

1986-يىلى 8-ئايدىن 1989-يىلى 10-ئايغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى ئەنجى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكىرتارى، مۇئاۋىن سېكىرتار قوشۇمچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكىرتارى بولغان.

1989-يىلى 10-ئايدىن 1990-يىلى 4-ئايغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى ئەنجى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكىرتارى، مۇئاۋىن ھاكىم، مۇۋەققەت ھاكىم بولغان.

1990-يىلى 4-ئايدىن 1992-يىلى 11-ئايغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى ئەنجى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكىرتارى، ھاكىم بولغان.

1992-يىلى 11-ئايدىن 1994-يىلى 8-ئايغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى ئەنجى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكىرتارى بولغان.

1993-يىلى 9-ئايدىن 1994-يىلى 7-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىر يىللىق تۈزۈمدىكى ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان.

1994-يىلى 8-ئايدىن 1998-يىلى 12-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

1993-يىلى 9-ئايدىن 1996-يىلى 1-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتورىيىسىنىڭ قانۇنشۇناسلىق كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان.

1998-يىلى 12-ئايدىن 2001-يىلى 10-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى بولغان.

2000-يىلى 12-ئايدا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلانغان.

2001-يىلى 10-ئايدىن 2004-يىلى 1-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى سېكرېتارىياتنىڭ سېكىرتارى بولغان.

2004-يىلى 1-ئايدىن 2005-يىلى 7-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى سېكرېتارىياتنىڭ سېكىرتارى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

2002-يىلى 9-ئايدىن 2005-يىلى 7-ئايغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاسپىرانتورىيىسى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ ئەمەلىي جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان، قانۇنشۇناسلىق دوكتورى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

2005-يىلى 7-ئايدىن 2010-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

2010-يىلى 12-ئايدىن 2011-يىلى 2-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

2011-يىلى 2-ئايدىن 2011-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

2011-يىلى 9-ئايدىن 2013-يىلى 6-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان.

2013-يىلى 6-ئايدىن ھازىرغىچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 10-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك پارتكوم ئەزاسى، دائىمىي ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى.

ئىلگىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى. 2013-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 10-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8-نۆۋەتلىك پارتكوم ئەزاسى، دائىمىي ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#