لۇگۇچياۋ ۋەقەسى

لۇگۇچياۋ ۋەقەسى

 1937-يىل 7-ئاينىڭ7-كۈنى كېچە سائەت 10 دا، ياپونىيە ئارمىيىسى بېيپىڭ (ھازىرقى بېيجىڭ) دىن ئون نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكى ئەتراپىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكىدە تۇرۇشلۇق جۇڭگو ئارمىيىسىگە ئۇرۇش ئىغۋاگەرچىلىكى قىلدى. 

نامى لۇگۇچياۋ ۋەقەسى
ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار جۇڭگو، ياپونىيە
ۋاقتى 1937-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى
خەنزۇچە نامى 七七事变(卢沟桥事变)
باشقا ئاتىلىشى 7-ئىيۇل ۋەقەسى
ئورنى بېيپىڭ (ھازىرقى بېيجىڭ)
نەتىجىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لۇگۇچياۋ ۋەقەسى1931-يىلى «18-سېنتەبىر» ۋەقەسىدە، ياپون جاھانگىرلىكى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىسىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، «تاڭگۇ كېلىشىمى» ، «خې يىڭچىن-ئومىزۇ يوشىجىرۇ كېلىشىمى» ۋە «چېن دېچۈن-تۇفېييۈەن كېلىشىمى» ئارقىلىق بىر پايمۇ ئوق چىقارمايلا شىمالىي جۇڭگونىڭ نۇرغۇن ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قولغا كىرگۈزۈۋالدى. ئارقىدىنلا يەنە تاجاۋۇزچىلىق تىغ ئۇچىنى پۈتكۈل جۇڭگوغا قارىتىپ، جۇڭگونى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇندى. لۇگۇچياۋ ۋەقەسى( «7-ئىيۇل ۋەقەسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ياپونىيىنىڭ جۇڭگوغا ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

لۇگۇچياۋ ۋەقەسى لۇگۇچياۋ ۋەقەسى 1937-يىل 7-ئاينىڭ7-كۈنى كېچە سائەت 10 دا، ياپونىيە ئارمىيىسى بېيپىڭ (ھازىرقى بېيجىڭ) دىن ئون نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكى ئەتراپىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكىدە تۇرۇشلۇق جۇڭگو ئارمىيىسىگە ئۇرۇش ئىغۋاگەرچىلىكى قىلدى. ياپونىيە ئارمىيىسى بىر ئەسكىرىمىز يوقاپ كەتتى، دەپ يالغان باھانە ياساپ، ۋەنپىڭ ناھىيىسىگە كىرىپ ئاختۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. تەلىپى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، ۋەنپىڭ ناھىيە بازىرى ۋە لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكىنى توپقا تۇتتى. 7-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەردە ياپونىيە ئارمىيىسى ۋەنپىڭ ناھىيە بازىرىنى قورشىۋالدى، شۇنداقلا لۇگۇچياۋدا تۇرۇشلۇق جۇڭگو ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قوزغىدى. لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكىنى ساقلاۋاتقان جۇڭگو ئارمىيىسىنىڭ 29-جۈنىدىكى ئەسكەرلەر قارشىلىق كۆرسىتىپ، ياپونىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەردى. تۇەنجاڭ جى شىڭۋېن شەخسەن ئۆزى ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىپ، جەڭگە قوماندانلىق قىلدى. بىر جەڭچى 13 ياپون ئەسكىرىنى قىلىچ بىلەن ئارقا-ئارقىدىن چېپىپ ئۆلتۈردى ۋە يارىلاندۇردى. ئاخىردا ئۆزىمۇ ۋەتەن ئۈچۈن قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى. لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكىنىڭ شىمالىي تەرىپىنى قوغداۋاتقان بىر ليەن ئەسكەردىن ئاخىردا ئاران تۆتى ھايات قالدى. 9-چېسلا سەھەردە، 29-جۈن يۇڭدىڭخې دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى قولدىن كەتكەن جايلارنى قايتۇرۇۋالدى.

لۇگۇچياۋ ۋەقەسى 9-چېسلا سەھەردە، 29-جۈن يۇڭدىڭخې دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى قولدىن كەتكەن جايلارنى قايتۇرۇۋالدى.

 لۇگۇچياۋ ۋەقەسى جۇڭگو پۈتۈن مىللەتلىرىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنى قوزغىغان بۇلۇپ جۇڭگو خەلقى قان تۆكۈپ قۇربانلىق بەردى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى جاپا-مۇشەققەتلىك ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرى 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ياپونىيە شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلاپ مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.

لۇگۇچياۋ ۋەقەسىلۇگۇچياۋ ۋەقەسىدىن كېيىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى پۈتۈن مەملىكەتكە تېلېگرامما يوللاپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا چاقىردى. جياڭ جيېشىمۇ 7-ئاينىڭ17-كۈنى لۇگۇچياۋ ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى نۇتقىنى ئېلان قىلدى. لۇگۇچياۋ ۋەقەسى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك ئۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#