قۇمسازچىلىق مەدەنىيىتى

قۇمسازچىلىق

خەلقىمىز ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ياشاش شارائىتىنى ياخشىلاش، ئىجتىمائىي ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شۇنداقلا ئۆز ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ھېسابلانغان مەدەنىيەت تىپلىرىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ ئەتراپىدىكى ئاددىي ئەشيالاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، قۇمدىن ياسالغان تۇرمۇش ۋە ئىگىلىك بۇيۇملىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. خەلقىمىز قۇم بۇيۇملىرىنى ياسىغۇچى ئۇستىنى قۇمساز، قۇمدىن تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساش كەسپىنى قۇمسازچىلىق دەپمۇ ئاتاپ كەلگەن.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خەلقىمىز ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ياشاش شارائىتىنى ياخشىلاش، ئىجتىمائىي ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شۇنداقلا ئۆز ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ھېسابلانغان مەدەنىيەت تىپلىرىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ ئەتراپىدىكى ئاددىي ئەشيالاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، قۇمدىن ياسالغان تۇرمۇش ۋە ئىگىلىك بۇيۇملىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. خەلقىمىز قۇم بۇيۇملىرىنى ياسىغۇچى ئۇستىنى قۇمساز، قۇمدىن تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساش كەسپىنى قۇمسازچىلىق دەپمۇ ئاتاپ كەلگەن. 

قۇم يەر پوستىنىڭ يۈزىدىكى بىر خىل يىرىك، تالقانسىمان توپا بولۇپ، ئادەتتە ئاق قۇم، قىزىل قۇم، چەش قۇم ۋە قېلىپ قۇمى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ.

خەلقىمىز يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان قۇم ئەشيالىرىنى باشقا تۈرلەر بىلەن ماس نىسبەتتە ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئىش قوشۇش ئارقىلىق كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان، ھېچقانداق ئەكس تەسىرى يوق تۆۋەندىكىدەك تەبىئىي بۇيۇملاردىنمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.

قۇم ساپال يىرىك ساپال دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى ساپال بۇيۇملىرىنىڭ ئورتاق نامى بولۇپ، تەركىبىدە نىسبەتەن ئاز مىقداردا قۇم بولغان ساپاللارنى كۆرسىتىدۇ.

 قۇم چۆگۈن فارفور توپىسى بىلەن قۇمنى ئارىلاشتۇرۇپ كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ياسىلىدىغان چۆگۈن بولۇپ، كىسلاتا ياكى ئاساسلار بىلەن ئاسانلىقچە رېئاكسىيەلەشمەيدۇ. كۆپىنچە دورا قاينىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

 قۇم داڭقان قۇمنى ئاساسىي ماتېرىيال قىلىپ تەييارلىنىدىغان ئۈچ پۇتلۇق قاچا تۈرىدىكى تۇرمۇش بۇيۇمىدىن ئىبارەت.

 قۇم قازان فارفور توپىسى بىلەن قۇمنى ئارىلاشتۇرۇپ كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ياسىلىدىغان قازان بولۇپ، كىسلاتا ياكى ئاساسلار بىلەن ئاسانلىقچە رېئاكسىيەلەشمەيدۇ. كۆپىنچە سەي قورۇش ياكى دورا قاينىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

قۇمغان قۇمنى ئاساسىي ماتېرىيال قىلىش ئارقىلىق ياسالغان كوزا، كومزەك ۋە خۇمرىلارنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ، ئۇيغۇرلار يېمەك – ئىچمەك ئىشلىرىدا ئەڭ كۆپ ئىشلەتكەن تۆشۈك جابدۇقلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

 قۇم بىلەي پىچاق، قىلىچ ۋە ئورغاق قاتارلىق تىغلىق ئەسۋابلارنى بىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئىككىلەمچى جابدۇق بولۇپ، ئادەتتە سۈركەلمە ماتېرىياللار بىلەن شىلىمسىمان ماددىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قىزدۇرۇش ئارقىلىق چاسا شەكىلدە ياسىلىدۇ.

 قۇم لاي قۇرۇلۇشلاردا تام قوپۇرۇش ۋە ھۇلغا تاش قويۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل لايدىن ئىبارەت بولۇپ، ئادەتتە قۇم، سېمونت، ھاك ۋە سېغىز قاتارلىق يېپىشتۇرغۇچى ماتېرىياللارنى مەلۇم نىسبەتتە سۇ قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ.

 قۇم مودېل قۇم ۋە توپىنى تەڭ نىسبەتتە ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياسىلىدىغان يەر شەكلى مودېلىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئادەتتە ياغاچ تاختا ئۈستىگە ياسىلىدۇ.

 قۇم خالتا ئىچىگە قۇم قاچىلىنىپ تەييارلىنىدىغان خالتا بولۇپ، كۆپىنچە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەندە ئېقىننى توسۇپ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#