قۇئېرتىش بازىرى

قۇئېرتىش بازىرى

قۇئېرتىش بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي رايون بۇلۇپ، دۇنياغا داڭلىق ئېرتىش دەرياسى يۇقىرىقى ئېقىمغا جايلاشقان. ئورنى ئالتاي ۋىلايىتى شەرقى، كۆكتوقاي ناھىيەسى ناھىيەلىك پارتكوم ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشىغا قاراشلىق بازار.


ئۇيغۇرچە نامى قۇئېرتىش بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا-بازار
يەر مەيدانى 47.85 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇ كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 库额尔齐斯镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسى
نوپۇسى 19468 ئادەم
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0906

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قۇئېرتىش بازىرىقۇئېرتىش بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي رايون بۇلۇپ، دۇنياغا داڭلىق ئېرتىش دەرياسى يۇقىرىقى ئېقىمغا جايلاشقان. ئورنى ئالتاي ۋىلايىتى شەرقى، كۆكتوقاي ناھىيەسى ناھىيەلىك پارتكوم ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشىغا قاراشلىق بازار. 1958-يىلى قۇئېرتىش بازىرى قۇرۇلۇشقا باشلىغان، 1959-يىلى كۆكتوقاي ناھىيەلىك پارتكوم ھۆكۈمەت بۇ بازارغا كۆچكەن، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە كۈرەش قىلىشى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدىكى كىچىك شەھەر كۆلىمى ھەمدە كۆكتوقاي ناھىيەسى نىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، تەربىيلەنىش، پەن-تېخنىكا، ساياھەتچىلىك، قاتناش، ئۇچۇر، سودا مەركىزى.

قۇئېرتىش بازىرى شەھەر-بازار مەدەنىيەت يولى، سېرجان يولى بىلەن ئېرتىش دەرياسى ئۈچ تەرەپكە سوزۇلغان «سىزىق» نى پاسىل قىلغان ئىتتىپاقلىشىش، نۇرلۇق يولى قاتارلىق بىر قانچە جەنۇب يول ئۇلاشقا جەمئىي ئالتە باشقۇرۇش رايونى ئايرىپ چىقىلغان. قۇئېرتىش بازىرى پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى، ھۆكۈمەت پۈتۈن بازاردىكى تۈرلۈك ئىشلىرى ۋە قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك ئورگىنى.

ھېساپ تۈرلىرىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنىڭ كونكىرىت ئۇسۇلى ئادەتتە مەملىكەت بويىچە بانكىلار ئارا مۇئامىلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ، پۈتۈن بازاردىكى ئومۇمىي كۆلىمى 47.85 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالە ئومۇمىي نوپۇسى 19468 ئادەم، ئومۇمىي ئائىلە سانى 5984 ئادەم، خەنزۇ، قازاق، ئۇيغۇر، خۇيزۇ قاتارلىق 18 مىللەتتىن تەركىب تاپقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 9354 ئادەم، پۈتۈن بازار ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %39.8 نى ئىگىلەيدۇ.

قۇئېرتىش بازىرىقۇئېرتىش بازىرى قارمىقىدا بەش مەھەللە ياچېيكا كومىتېتى ۋە بەش مەھەللە كومىتېتى، يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي كەنتلىرى بار بۇلۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم: سەيىرجياڭدۇڭ (غەرب) يولى مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسى (ئاھالە كومىتېتى)، مەدەنىيەت شەرقىي (غەربىي) يولى مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسى (ئاھالە كومىتېتى)، فۇشىڭ يولى مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسى (ئاھالە كومىتېتى)، ئېرتىش كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتى قاتارلىق.

قۇئېرتىش بازىرىشەھەر-بازارلاردىكى ھازىرقى ئاسفالىت يول 26 كىلومېتىر، ھەر بىر ئاساسىي كوچا ۋە كىچىك كوچا كۆكەرتىش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان، ھەر بىر كىچىك كوچىلىرىدىكى پۈتۈن بازار يولىغا تاش ياتقۇزۇلغان. كۆلىمى 368 مىڭ كۋادرات مېتىر، يول تازىلىق كۆلىمى 218 مىڭ 900 كۋادرات مېتىر، يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %38.6 دىن ئاشقان، كۆكەرتىش نىسبىتى %36.4، تازىلىق كۆكەرتىش بەلۋېغى كۆلىمى 235 مىڭ 900 كۋادرات مېتىر، شەھەر-بازارلارنى كۆكەرتىش كۆلىمى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئەڭ چوڭ كۆلىمى 11.96 كۋادرات مېتىر. پۈتۈن بازاردىكى تۇرۇبا قاپلاش نىسبىتى %100، شەھەرلەرنىڭ پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى %32.15، شەھەر-بازارلاردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى %99 كە يەتكەن. بازار رايونى نۆۋەتتە توك ئىشلىتىش سىغىمى 800 KVA/ كۈن؛ پۈتۈن بازار بويىچە ھەر خىل سودا كارخانىلىرى 120 گە يەتكەن، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى سودا بازىرى ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 4800 كۋادرات مېتىر، يىلدا تەخمىنەن سودا مىقدارى 3800 توننا، سودا سوممىسى 4 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. 

ئىقتىساد ئەمەلىي كۈچى

قۇئېرتىش بازىرىخەلق ئىگىلىكى سىجىل يۈكسىلىپ، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشقان. 2006-يىلى پۈتۈن بازاردىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 62 مىليون 99 مىڭ يۈەن بۇلۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %25 ئاشقان؛ بۇنىڭ ئىچىدە دېھقانچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 4 مىليون 90 مىڭ يۈەن بۇلۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %10.5 ئاشقان؛ سانائەت مەھسۇلات قىممىتى 17 مىليون 200 مىڭ يۈەن بۇلۇپ، يىلدىكىدىن %26.5 ئاشقان؛ سانائەت قوشۇلما قىممىتى 5 مىليون 100 مىڭ يۈەن بۇلۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11 ئاشقان؛

3-كەسىپ مەھسۇلات قىممىتى 41 مىليون 700 مىڭ يۈەن بۇلۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %22 ئاشقان؛ 

مالىيە كىرىمى 200 مىڭ يۈەن، ۋەزىپە سانى 200% ئاشقان؛ دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 270يۈەندىن 4091 يۈەنگە يەتكەن؛ مەھەللە مۇلازىمەت كىرىمى 150 مىڭ يۈەن، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50 ئاشقان؛ بىر يىلدىكى چارۋا ئەڭ كۆپ بېقىلىش مىقدارى 14160 تۇياق (دانە)، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 7% ئاشقان.

مەھەللە قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادى

مەھەللە قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىشىپ، مەھەللە ئىقتىساد ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغان. يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى ئاستىدا 2005-يىلىنىڭ ئاخىرىدا بەش مەھەللە كوللېكتىپ جۇغلانمىسى 100 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. ھەمدە تۆت مەھەللىسى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشقان. 2006-يىلى بازار، مەھەللە خىزمىتى زور تەرەققىياتقا ئېرىشكەن.

مەھەللە مۇلازىمىتى

2006-يىلى مەھەللە مۇلازىمەت مەركىزىگە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق تۈرلۈك مۇلازىمەت تۈرى، مەھەللە مۇلازىمىتى ئۈچۈن 150 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغان، بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىش كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى 1180 ئادەم، ئالىي ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 32 نەپەر، ئېشىنچا تەشكىلاتلىرى سىرتقا چىقىپ پاختا تېرىش ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرلغانلار 200 ئادەم «دېھقانلار شاتلىقى ئارامگاھى» ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى 105 ئىش ئورنى ھەل قىلىنغان.

مەھەللە مائارىپى

قۇئېرتىش بازىرىبارلىق مەھەللە ئەزالىرى ئارقىلىق مەھەللە يۆلەنچۈك ئوبيېكىت قىلغان، ئاھالە ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ مەھەللە ئىچىدىكى تۈرلۈك تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان. ئاساسلىق ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى مائارىپى، قىزىقىش مائارىپى، مەدەنىي مائارىپى قاتارلىق ئۈچ تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ ئوخشاش بولمىغان قاتلام، ئوخشاش بولمىغان مائارىپتىن ئامما بەھرىمەن بولغان. 2006-يىلى مەھەللە تۈرلۈك تەربىيەلەش كۇرسىدىن 10 نەچچىسى، كومپيۇتېر مائارىپىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

قانۇن بىلىملىرى ھەققىدە لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇپ ئاشپەزلىك تېخنىكىسى، كەپشەرلەش تېخنىكىسى قاتارلىقلاردا تەربىيەلەنگەنلەر 2580 ئادەم (قېتىم) گە يەتكەن.

مەھەللە مەدەنىيىتى

2006-يىلى بازار ئارقىلىق خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش مەقسىتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ مەھەللە مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيىتى ئۈنۈملۈك يولىنى قانات يايدۇرۇپ، تەۋەلىكىدىكى ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتى ئاكتىپلىقى قاتناشقان. 

ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش

2006-يىلى 110 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىش غەربىي سېرجان يولى مەھەللىسى ۋە مەدەنىيەت غەربىي يولى مەھەللىسى ئىشخانىسىدا ئۆزگەرتىش، رېمونت قىلىش ئېلىپ بېرلغان؛ 250 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئەرتىس كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ئىشخانىسى قۇرۇپ چىقلغان. 560 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ كۆلىمى 476 كۋادرات مېتىرلىق بازارلىق مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزى قۇرۇلۇشى تاماملانغان.

قۇئېرتىش بازىرىمالىيە تارماقلىرىنىڭ «ئاپتونوم رايون خامچوت، ئاتچوت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» غا ئاساسەن (يېڭى مالىيە خام چوتى [2015] 5-نومۇرلۇق) ۋە ئالاقىدار ھۆججەتلىرىدىكى تەلەپ بويىچە 2015-يىللىق كۆكتوقاي ناھىيەسى نىڭ قۇئېرتىش بازىرى خەلق ھۆكۈمىتى شۇ دەرىجىلىك تارماقلار خام چوتى ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش تۆۋەندىكىچە:

خەلق ھۆكۈمىتى خىزمەت مەسئۇلىيىتى

پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يېزىلارغا قاراتقان تۈرلۈك فاڭجېن سىياسەت، قانۇن-نىزاملىرى ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارغا چۈشۈرۈلگەن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، يېزىلارنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىناق يېزا تۆت جەھەتتىكى فۇنكسىيەسىنى ئەتراپلىق ئادا قىلىش. 

خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپپارات-شتاتىنى تەسىس قىلىش

قارىمىقىدا 10 ئاپپارات، خادىملار شىتاتى ۋە ئەمەلىي ئادەم سانى تۆۋەندىكىچە:

پارتكوم ھۆكۈمەتلەر: مەمۇرىي ئىشتات سانى 24 (3 قارا قىسىم)، ئەمەلىي ئادەم سانى 19 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە 2 ئادەم قارا قىسىم.

مالىيە پونكىتى: كەسپىي ئىشتاتلىق شتات سانى 6 نەپەر، ئەمەلىي بار ئادەم سانى 6 ئادەم.

كەنت-بازارلارنى پىلانلاش قۇرۇلۇشى تەرەققىيات مەركىزى: كەسپىي ئىشتاتلىق ئىشتات سانى 6 ئادەم، ئەمەلىي ئادەم سانى 4 ئادەم.

مەدەنىيەت، تەنتەربىيە مۇلازىمەت مەركىزى: كەسپىي ئىشتاتلىق ئىشتات سانى 5 ئادەم، ئەمەلىي ئادەم سانى 4 ئادەم.

نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت، كۆپىيىش ساغلاملىقى مۇلازىمەت پونكىتى: كەسپىي ئىشتاتلىق شتاتى 4 ئادەم، ئەمەلىي ئادەم سانى 3 ئادەم.

ئىجتىمائىي كاپالەت خەلق ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى: كەسپىي ئىشتاتلىق شتات سانى 6 ئادەم، ئەمەلىي بار سانى 5 ئادەم.

مەھەللە ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى: كەسپىي ئىشتاتلىق ئىشتات سانى 32 ئادەم، ئەمەلىي بار سانى 43 ئادەم.

مەھەللە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزى: كەسپىي ئىشتاتلىق ئىشتات سانى 3 ئادەم، ئەمەلىي بار سانى بىر ئادەم.

بەخت يولى مەھەللىسى: كەسپىي ئىشتاتلىق ئىشتات سانى 4 ئادەم، ئەمەلىي بار سانى 2 ئادەم.

فۇشىنيۈن مەھەللىسى: كەسپىي ئىشتاتلىق ئىشتات سانى 5 ئادەم، ئەمەلىي بار سانى 0 ئادەم.

خەلق ھۆكۈمەتلىرى خام چوت ئەھۋالى

كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ قۇئېرتىش بازىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى خامچوتىغا مالىيەدىن ئاجرىتىلغان پۇلى 20 مىليون 984 مىڭ 100 يۈەن، بۇلار ئىچىدە:

1. ئاساسىي چىقىم 9 مىليون 499 مىڭ 700 يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە: 5 مىليون 604 مىڭ 600 يۈەن مائاش پاراۋانلىق چىقىمىغا ئىشلىتىلىدۇ؛ 52 مىليون 416 مىڭ 900 يۈەن تاۋار ۋە مۇلازىمەت چىقىمىغا ئىشلىتىلىدۇ.

2. تۈر چىقىمى 11 مىليون 484 مىڭ 400 يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە: تاۋار ۋە مۇلازىمەت چىقىمى يوق؛ 11  مىليون 484 مىڭ 400 يۈەن ئاساسىي قۇرۇلۇش چىقىمى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، باشقا چىقىملار يوق.

3. ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتىنى مالىيەدىن ئاجرىتىشى 377 مىڭ 900 يۈەن، بۇلار ئىچىدە:

1. ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىش خىراجىتى چىقىمى 118 مىڭ 900 يۈەن؛

2. ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىنى ئاسراش ھەققى 259 مىڭ يۈەن.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#