ئامېرىكا دوللىرى

دوللار

  گەرچە بىلىتون سىستېمىسى ھازىر ئاللىقاچان پارچىلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ. بىراق دوللار يەنىلا دۇنيا پۇللىرى ئىچىدىكى 1-ئورۇندا.  يېڭى قۇرۇلغان ئامېرىكا ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇل نامىنى بېكىتكەندە «Dollar» دېگەن بۇ سۆزنى ئىشلەتكەن.

ئۇيغۇرچە نامى ئامېرىكا دوللىرى
چەتئەلچە نامى United States Dollar
خەنزۇچە نامى 美元
ئىشلىتىش رايونلار ئامېرىكا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دوللارئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم ئۆستۈردى، ئەمدى بىز دوللار توغرىسىدا توختىلىپ باقايلى. گەرچە بىلىتون سىستېمىسى ھازىر ئاللىقاچان پارچىلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ. بىراق دوللار يەنىلا دۇنيا پۇللىرى ئىچىدىكى 1-نومۇر. شۇڭا كىچىككىنە چۈشكۈرۈپ قويسىمۇ دۇنيا ئېغىر زۇكامداپ قالىدۇ. ئۇنداقتا ئامېرىكا دوللىرى زادى قەيەردىن كەلگەن؟ 2015-يىلى پۇل مۇئامىلە بازىرىغا چۈشكەن بومبا بۈگۈن ئەتىگەن ئاخىرى پارتلىدى. بۇ مەيلى زايوم بازىرى بولسۇن ياكى پاي چېكى بازىرى بولسۇن، ھەتتا بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغىمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا ئامېرىكا دوللىرى زادى قەيەردىن كەلگەن؟ ئامېرىكا دوللىرى بەلگىسى $ نەدىن كەلگەن؟ ئامېرىكا دوللىرى نېمىشقا Dollar دەپ ئاتىلىدۇ؟ بىر ۋاراق 100 دوللارنى بېسىپ چىقىرىش ئۈچۈن قانچە پۇل كېتىدۇ؟نۇرغۇن كىشىلەر بەلكىم بەك غەلىتىلىك ھېس قىلىشى مۇمكىن. ئامېرىكا ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى، شۇڭا تەبىئىيكى ئامېرىكىنىڭ پۇلى Pound بولۇشى كېرەك. لېكىن بۇنىڭ ئەكسىچە ئامېرىكا نېمىشقا Dollar نى ئىشلىتىدۇ؟ بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئامېرىكا مۇستەقىل بولۇشتىن بۇرۇنقى 13 ئىشتات دەۋرىگە قايتىشقا توغرا كېلىدۇ.

دوللار17、18ئەسىرلەردە ئوبوروت قىلىنىدىغان پۇل مېتال پۇل بولۇپ، مەيلى چەت ئەل پۇلى ياكى ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇلى بولسۇن ھەممىسى ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن قۇيۇلغان بولۇپ، بۇنىڭغا ھۆكۈمەت ھېچقانداق قول تىقمايتتى. شۇڭا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پۇللىرىنىڭ ھەممىسى شىمالىي ئامېرىكىدىكى بۇ ئون ئۈچ مۇستەملىكىدە خالىغانچە ئوبوروت قىلىناتتى.

 شىمالىي ئامېرىكىدىكى بۇ ئون ئۈچ مۇستەملىكىدە ئوبوروت قىلىنىدىغان پۇل ئەنگلىيەدە قۇيۇلغان ھەرخىل تەڭگە پۇل ۋە ئىسپانىيەنىڭ كۈمۈش پۇللىرى (Spanish Dollar)، شۇنداقلا فىرانسىيە، ئاۋسترىيە، گوللاندىيە، دانىيە قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن تەڭگىلەر ئىدى.

 بىراق ئەينى ۋاقىتتا ئىسپانىيەنىڭ كۈمۈش پۇلى ئىزچىل مۇقىم، سۈپىتى ياخشى شۇنداقلا مۇستەملىكە كۆلىمىمۇ ئىنتايىن چوڭ بولغانلىقتىن 16-ئەسىردىن بېرى دۇنيادىكى بىرقەدەر تۇراقلىق پۇلغا ئايلانغان ئىدى. ئىسپانىيە كۈمۈش پۇلى ئىسپانىيەنىڭ مۇستەملىكىسىدىكى رايونلاردا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن. ئۇ ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ كارب دېڭىزى بويىدىكى سودىسى ئىنتايىن كۈچەيگەن. شۇڭا ئىسپانىيە كۈمۈش پۇلى شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئەنگلىيە مۇستەملىكىلىرىدە كەڭ ئوبوروت قىلىنغان. شۇڭا يېڭى قۇرۇلغان ئامېرىكا ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇل نامىنى بېكىتكەندە «Dollar» دېگەن بۇ سۆزنى ئىشلەتكەن.

دوللار تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، نۇرغۇن ئىسپانىيە كۈمۈش تەڭگىلىرى ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى سودىدا جۇڭگوغا ئېقىپ كىرگەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدە جۇڭگوغا ئېقىپ كىرگەن بۇ تەڭگىلەرنىڭ كۆپ قىسىمى ئېرىتىلگەندىن كېيىن قايتىدىن قۇيۇلغان.

كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئاساسى پۇلنى تارقىتىش ئۇسۇلى مۇنۇ ئۈچ تۈرگە مەركەزلەشكەن :

1. ئامېرىكا ھۆكۈمەت زايومى سېتىۋېلىش. 2. يەنە قەرەلى توشمىغان قەرز ئېلىش. 3. ئىلىكىدىكى ئالتۇن ۋە ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى. بىراق ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى شەكىللەنگەندىن بۇيان، ئامېرىكا ھۆكۈمەت زايومىنى سېتىۋېلىش ئىزچىل تۈردە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق پۇل تارقىتىش ئۇسۇلى بولۇپ كەلمەكتە. 2015-يىلى يىل ئاخىرىغىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بازارغا تارقاتقان ئاساسى پۇل 4 تىرىللىيون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ خىل ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۇدۇللا ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمەت قەرزى سېتىۋالىدىغان ئۇسۇل، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت قەرزىنى بىر تۈرلۈك رەنە قىلىپ تۇرۇپ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىدىن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى دېگەن گەپ. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى دائىملا يېڭى قەرز ئارقىلىق كونا قەرزنى قايتۇرغانلىقتىن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى پەقەت داۋاملىق ھالدا دۆلەت قەرزىنى سېتىۋالسا ئۇنداقتا ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى مەڭگۈ مۇقىم بولغان زايوم مەبلىغىنى يۈرۈشتۈرەلەيدۇ. بۇ ئاساسى پۇللارمۇ مەڭگۈ ئوبوروت قىلىنىۋېرىدۇ،

دوللارئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پۇل تارقىتىش ھوقۇقى ھوقۇقى يوق، پەقەت قەرز تارقىتىش ھوقۇقىلا بار. ھۆكۈمەتنىڭ قەرز تارقىتىش ھوقۇقى دۆلەت مەجلىسى ئارقىلىق تەستىقلىنىدۇ. شۇنداقلا ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى تارقاتقان قەرزگە پەقەت ۋەكىل بولىدۇ خالاس. ئاندىن فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت قەرزىنى كۆتۈرۈپ شەخسى مەركىزىي بانكا بولغان ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىغا رەنە قويىدۇ. شۇنىڭدىلا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ۋە سودا بانكىسى سىستېمىسى ئارقىلىق پۇل تارقىتالايدۇ. شۇڭا بارلىق ئامېرىكا دوللىرىنىڭ يىلتىزى يەنىلا دۆلەت قەرزىدىن كېلىدۇ.

نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئاساسلىقى ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ: فېدېراتسىيە زاپاس پۇل باشقۇرۇش ھەيئىتى (FED)، فېدېراتسىيە ئاشكارا بازار كومىتېتى (FOMC)، ۋە يەرلىكتىكى 12 فېدېراتسىيە زاپاس بانكىسى (FRB) قاتارلىقلار. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئاساسلىقى ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زايومى (قەرزى) نى سېتىش-سېتىۋېلىش ئۇسۇلى بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئاساسلىق پۇل تارقىتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ھەمدە تۈرلۈك ئۆسۈم پىرسەنتى قوراللىرى ئارقىلىق ئوبوروتتىكى نۇرغۇن پۇلنى تەڭشەيدۇ ۋە كونترول قىلىپ تۇرىدۇ. 

دوللار ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈشىگە ئەگىشىپ، بازارنىڭ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆسۈشىگە بولغان مۆلچەرى زىيادە ئېشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشى دوللارچىلىق يولىغا ماڭدى. بىراق ئامېرىكا ماسسا چۇستىس ئىشتاتى ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، %90 ئامېرىكا دوللىرىدا مىكرو مىقداردا زەھەر تەركىبى باركەن. بۇ تەكشۈرۈش ئامېرىكىدىكى 17 شەھەردىكى ۋە 234 بانكا تارقاتقان پۇلغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان. بىراق ئامېرىكا باسما ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ھېچقانداق بىر ھالقىدا قەغەز پۇلدىن زەھەر يۇقتۇرۇۋېلىش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدىكەن. شۇڭا قەغەز پۇل زاۋۇتتىن ئىشلىنىپ چىقىشتىن بۇرۇن زەھەر تەركىبىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن. ئالىملارنىڭ كۆرسىتىشىچە، قەغەز پۇل زەھەر سودىسى ياكى بىۋاسىتە زەھەر چېكىش جەريانىدا «بۇلغىنىپ» قالىدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن بانكىنىڭ پۇل ساناش ماشىنىسىدىكى ئەسلىدىنلا بار بولغان زەھەر پۇلغا يۇقۇشۇش ئارقىلىق تارقىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

دوللارئەمەلىيەتتە بازاردا ھازىر ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىگە ئەگىشىپ خەلق پۇلى پاخاللىشىپ كېتىدۇ دېگەن مۆلچەر بەك كۈچلۈك بولماقتا. ئالدىنقى جۈمە بازار يېپىلغاندا، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلاش نىسبىتى 175 نۇقتا چۈشۈپ تۆت يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چۈشۈش رېكورتى ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چېگرا ئىچىدىكى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئۇدا ئالتە قېتىم چۈشۈپ، ھەپتىلىك چۈشۈش قىممىتى 8-ئايدىن بۇيان ئەڭ چوڭ بولغان بىر ھەپتە بولدى. 

لېكىن مەركىزى بانكا قايتا-قايتا مۇنداق تەكىتلەيدۇ : خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق تەكشى ھالىتىنى ساقلايدىغان شارائىت ئىنتايىن ياخشى، خەلق پۇلى نۆۋەتتە ئاساسى جەھەتتىن مۇقىم ھالەتتە.[0]



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#